< Ἠσαΐας 47 >

1 κατάβηθι κάθισον ἐπὶ τὴν γῆν παρθένος θυγάτηρ Βαβυλῶνος εἴσελθε εἰς τὸ σκότος θυγάτηρ Χαλδαίων ὅτι οὐκέτι προστεθήσῃ κληθῆναι ἁπαλὴ καὶ τρυφερά
«ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛ ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختسىز بولۇپ يەرگە ئولتۇر! چۈنكى سەن «لاتاپەتلىك ۋە نازۇك» دەپ ئىككىنچى ئاتالمايسەن.
2 λαβὲ μύλον ἄλεσον ἄλευρον ἀποκάλυψαι τὸ κατακάλυμμά σου ἀνακάλυψαι τὰς πολιάς ἀνάσυραι τὰς κνήμας διάβηθι ποταμούς
«تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ، ئۇن تارت ئەمدى، چۈمپەردەڭنى ئېچىپ تاشلا، كۆڭلىكىڭنى سېلىۋەت، پاچىقىڭنى يالىڭاچلا، دەريالاردىن سۇ كېچىپ ئۆت؛
3 ἀνακαλυφθήσεται ἡ αἰσχύνη σου φανήσονται οἱ ὀνειδισμοί σου τὸ δίκαιον ἐκ σοῦ λήμψομαι οὐκέτι μὴ παραδῶ ἀνθρώποις
ئۇياتلىقىڭ ئېچىلىدۇ؛ بەرھەق، نومۇسۇڭغا تېگىلىدۇ؛ مەن ئىنتىقام ئالىمەن، ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن.
4 εἶπεν ὁ ῥυσάμενός σε κύριος σαβαωθ ὄνομα αὐτῷ ἅγιος Ισραηλ
بىزنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز بولسا، «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ئۇنىڭ نامى؛ ئۇ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدۇر.
5 κάθισον κατανενυγμένη εἴσελθε εἰς τὸ σκότος θυγάτηρ Χαλδαίων οὐκέτι μὴ κληθῇς ἰσχὺς βασιλείας
ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، سۈكۈت قېلىپ جىم ئولتۇر، قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەت؛ چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى «سەلتەنەتلەرنىڭ خانىشى» دەپ ئاتالمايسەن.
6 παρωξύνθην ἐπὶ τῷ λαῷ μου ἐμίανας τὴν κληρονομίαν μου ἐγὼ ἔδωκα εἰς τὴν χεῖρά σου σὺ δὲ οὐκ ἔδωκας αὐτοῖς ἔλεος τοῦ πρεσβυτέρου ἐβάρυνας τὸν ζυγὸν σφόδρα
مەن ئۆز خەلقىمدىن غەزەپلەندىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مىراسىمنى بۇلغىۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ سەن بولساڭ ئۇلارغا ھېچقانداق رەھىم كۆرسەتمىدىڭ؛ ياشانغانلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئىنتايىن ئېغىر قىلىپ سالدىڭ؛
7 καὶ εἶπας εἰς τὸν αἰῶνα ἔσομαι ἄρχουσα οὐκ ἐνόησας ταῦτα ἐν τῇ καρδίᾳ σου οὐδὲ ἐμνήσθης τὰ ἔσχατα
شۇنىڭ بىلەن سەن: ــ «مەن مەڭگۈگە خانىش بولىمەن» دەپ، مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلاپ باقمىدىڭسەن.
8 νῦν δὲ ἄκουσον ταῦτα ἡ τρυφερὰ ἡ καθημένη πεποιθυῖα ἡ λέγουσα ἐν τῇ καρδίᾳ αὐτῆς ἐγώ εἰμι καὶ οὐκ ἔστιν ἑτέρα οὐ καθιῶ χήρα οὐδὲ γνώσομαι ὀρφανείαν
ئەمدى ھازىر، ئى ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى، ئۆز-ئۆزىگە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر، مەن ھەرگىز تۇل ئايالنىڭ جاپاسىنى ياكى بالىلاردىن مەھرۇم بولۇشنىڭ جاپاسىنى تارتمايمەن» ــ دېگۈچى، ئى سەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگۈچىسەن، شۇنى ئاڭلاپ قوي: ــ
9 νῦν δὲ ἥξει ἐξαίφνης ἐπὶ σὲ τὰ δύο ταῦτα ἐν μιᾷ ἡμέρᾳ χηρεία καὶ ἀτεκνία ἥξει ἐξαίφνης ἐπὶ σὲ ἐν τῇ φαρμακείᾳ σου ἐν τῇ ἰσχύι τῶν ἐπαοιδῶν σου σφόδρα
«دەل مۇشۇ ئىككى ئىش، ــ بالىلاردىن مەھرۇم بولۇش ۋە تۇللۇق ــ بىر دەقىقىدە، بىر كۈن ئىچىدىلا بېشىڭغا تەڭ چۈشىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن، بەك كۆپ ئەپسۇنلىرىڭ ئۈچۈن ئۇلار تولۇق بېشىڭغا كېلىدۇ.
10 τῇ ἐλπίδι τῆς πονηρίας σου σὺ γὰρ εἶπας ἐγώ εἰμι καὶ οὐκ ἔστιν ἑτέρα γνῶθι ὅτι ἡ σύνεσις τούτων καὶ ἡ πορνεία σου ἔσται σοι αἰσχύνη καὶ εἶπας τῇ καρδίᾳ σου ἐγώ εἰμι καὶ οὐκ ἔστιν ἑτέρα
چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايانغانسەن، سەن «ھېچكىم مېنى كۆرمەيدۇ» ــ دېدىڭ؛ سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۆزۈڭنى ئېزىقتۇرۇپ، سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» ــ دېدىڭ.
11 καὶ ἥξει ἐπὶ σὲ ἀπώλεια καὶ οὐ μὴ γνῷς βόθυνος καὶ ἐμπεσῇ εἰς αὐτόν καὶ ἥξει ἐπὶ σὲ ταλαιπωρία καὶ οὐ μὴ δυνήσῃ καθαρὰ γενέσθαι καὶ ἥξει ἐπὶ σὲ ἐξαπίνης ἀπώλεια καὶ οὐ μὴ γνῷς
بىراق بالايىئاپەت سېنى بېسىپ كېلىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيسەن؛ ھالاكەت بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ سەن ھېچقانداق «ھامىي پۇلى» بىلەن ئۇنى توسالمايسەن؛ سەن ھېچ كۈتمىگەن ۋەيرانچىلىق تۇيۇقسىز سېنى بېسىپ چۈشىدۇ.
12 στῆθι νῦν ἐν ταῖς ἐπαοιδαῖς σου καὶ τῇ πολλῇ φαρμακείᾳ σου ἃ ἐμάνθανες ἐκ νεότητός σου εἰ δυνήσῃ ὠφεληθῆναι
ئەمدى قېنى، ياشلىقىڭدىن تارتىپ ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ كەلگەن ئەپسۇنلىرىڭنى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭنى ھازىر ئوقۇپ تۇرىۋەر؛ كىم بىلسۇن، سەن ئۇلاردىن پايدا كۆرۈپ قالامسەن؟ بىرەر نېمىنى تەۋرىتىپ قويالارسەن ھەرقاچان؟!
13 κεκοπίακας ἐν ταῖς βουλαῖς σου στήτωσαν καὶ σωσάτωσάν σε οἱ ἀστρολόγοι τοῦ οὐρανοῦ οἱ ὁρῶντες τοὺς ἀστέρας ἀναγγειλάτωσάν σοι τί μέλλει ἐπὶ σὲ ἔρχεσθαι
سەن ئالغان مەسلىھەتلىرىڭ بىلەن ھالسىزلىنىپ كەتتىڭ؛ ئەمدى ئاسمانلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلەر، يۇلتۇزلارغا قاراپ پالچىلىق قىلغۇچىلار، يېڭى ئايلارنى كۆزىتىپ مۇنەججىملىك قىلىپ ئىشلارنى «ئالدىنئالا ئېيتقۇچىلار» ئورنىدىن تەڭ تۇرۇپ بېشىڭغا چۈشىدىغانلاردىن سېنى قۇتقۇزسۇن!
14 ἰδοὺ πάντες ὡς φρύγανα ἐπὶ πυρὶ κατακαήσονται καὶ οὐ μὴ ἐξέλωνται τὴν ψυχὴν αὐτῶν ἐκ φλογός ὅτι ἔχεις ἄνθρακας πυρός κάθισαι ἐπ’ αὐτούς
مانا، ئۇلار پاخالدەك بولۇپ كېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى يالقۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؛ بىراق ئۇلاردا ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھېچ كۆمۈر، ياكى ئادەم ئىسسىنغۇدەك ھېچ گۈلخان يوقتۇر!
15 οὗτοι ἔσονταί σοι βοήθεια ἐκοπίασας ἐν τῇ μεταβολῇ σου ἐκ νεότητος ἄνθρωπος καθ’ ἑαυτὸν ἐπλανήθη σοὶ δὲ οὐκ ἔσται σωτηρία
سېنى ئاۋارە قىلغان، ياشلىقىڭدىن تارتىپ سەندە سودا قىلغانلار ساڭا مۇشۇنداق پايدىسىز بولىدۇ؛ ھەربىرى ئۆز يولىنى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ؛ سېنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم يوقتۇر.

< Ἠσαΐας 47 >