< Προς Φιλιππησιους 1 >

1 παυλος και τιμοθεος δουλοι ιησου χριστου πασιν τοις αγιοις εν χριστω ιησου τοις ουσιν εν φιλιπποις συν επισκοποις και διακονοις
ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام!
2 χαρις υμιν και ειρηνη απο θεου πατρος ημων και κυριου ιησου χριστου
سىلەرگە خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي!
3 ευχαριστω τω θεω μου επι παση τη μνεια υμων
ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
4 παντοτε εν παση δεησει μου υπερ παντων υμων μετα χαρας την δεησιν ποιουμενος
ھەرقېتىم دۇئا قىلغىنىمدا، سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن؛
5 επι τη κοινωνια υμων εις το ευαγγελιον απο πρωτης ημερας αχρι του νυν
6 πεποιθως αυτο τουτο οτι ο εναρξαμενος εν υμιν εργον αγαθον επιτελεσει αχρις ημερας χριστου ιησου
چۈنكى مېنىڭ دەل شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ؛
7 καθως εστιν δικαιον εμοι τουτο φρονειν υπερ παντων υμων δια το εχειν με εν τη καρδια υμας εν τε τοις δεσμοις μου και εν τη απολογια και βεβαιωσει του ευαγγελιου συγκοινωνους μου της χαριτος παντας υμας οντας
مېنىڭ ھەممىڭلار توغرۇلۇق شۇنداق ئويلىشىم توغرىدۇر؛ چۈنكى مەن قەلبىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن زىنداندا زەنجىرلەنگىنىمدىمۇ ۋە خۇش خەۋەرنى ئاقلىغىنىمدىمۇ، دەلىللىگىنىمدىمۇ [خۇدا ماڭا يەتكۈزگەن] مېھىر-شەپقەتتىن سىلەرمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىسىلەر.
8 μαρτυς γαρ μου εστιν ο θεος ως επιποθω παντας υμας εν σπλαγχνοις ιησου χριστου
مېنىڭ مەسىھ ئەيسانىڭ ئىچ-باغرىدا بولۇپ سىلەرنى شۇنچىلىك تەلپۈنۈپ سېغىنغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر.
9 και τουτο προσευχομαι ινα η αγαπη υμων ετι μαλλον και μαλλον περισσευη εν επιγνωσει και παση αισθησει
مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى،
10 εις το δοκιμαζειν υμας τα διαφεροντα ινα ητε ειλικρινεις και απροσκοποι εις ημεραν χριστου
سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر
11 πεπληρωμενοι καρπων δικαιοσυνης των δια ιησου χριστου εις δοξαν και επαινον θεου
ھەمدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بولغان، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ھەم مەدھىيىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر.
12 γινωσκειν δε υμας βουλομαι αδελφοι οτι τα κατ εμε μαλλον εις προκοπην του ευαγγελιου εληλυθεν
بىراق سىلەرگە شۇنى خەۋەرلەندۈرمەكچىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم ئەمەلىيەتتە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى؛
13 ωστε τους δεσμους μου φανερους εν χριστω γενεσθαι εν ολω τω πραιτωριω και τοις λοιποις πασιν
چۈنكى مېنىڭ قامىلىشىم مەسىھ ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىدىكىلەرگە ۋە باشقا ھەممەيلەنگە ئايان بولدى.
14 και τους πλειονας των αδελφων εν κυριω πεποιθοτας τοις δεσμοις μου περισσοτερως τολμαν αφοβως τον λογον λαλειν
شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى؛
15 τινες μεν και δια φθονον και εριν τινες δε και δι ευδοκιαν τον χριστον κηρυσσουσιν
دەرۋەقە، بەزىلىرى ھەسەت قىلىپ ياكى رىقابەتلىشىپ، بەزىلىرى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مەسىھنى جاكارلايدۇ؛
16 οι μεν εξ εριθειας τον χριστον καταγγελλουσιν ουχ αγνως οιομενοι θλιψιν επιφερειν τοις δεσμοις μου
كېيىنكىلىرى بولسا بەرھەق مۇھەببەتتىن، مېنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاقلاپ ئىسپاتلىشىم ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە قويۇلغانلىقىمنى بىلگەنلىكىدىن شۇنداق قىلماقتا؛
17 οι δε εξ αγαπης ειδοτες οτι εις απολογιαν του ευαγγελιου κειμαι
ئالدىنقىلىرى بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچىلىكىدىن، مېنىڭ زەنجىرلەنگەن دەردىمگە دەرد قوشماقچى بولۇپ شۇنداق قىلماقتا.
18 τι γαρ πλην παντι τροπω ειτε προφασει ειτε αληθεια χριστος καταγγελλεται και εν τουτω χαιρω αλλα και χαρησομαι
ئەمدى بۇلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ قانداقلا بولمىسۇن، توغرا نىيەتتىن بولسۇن ساختىلىقتىن بولسۇن، ئوخشاشلا مەسىھ جاكارلىنىدۇ؛ مەن شۇنىڭغا شادلىنىمەن؛ بەرھەق، داۋاملىق شادلىنىۋېرىمەن.
19 οιδα γαρ οτι τουτο μοι αποβησεται εις σωτηριαν δια της υμων δεησεως και επιχορηγιας του πνευματος ιησου χριστου
چۈنكى دۇئالىرىڭلار ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ روھىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشلار نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇمغا مەدەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن،
20 κατα την αποκαραδοκιαν και ελπιδα μου οτι εν ουδενι αισχυνθησομαι αλλ εν παση παρρησια ως παντοτε και νυν μεγαλυνθησεται χριστος εν τω σωματι μου ειτε δια ζωης ειτε δια θανατου
ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن!
21 εμοι γαρ το ζην χριστος και το αποθανειν κερδος
چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر.
22 ει δε το ζην εν σαρκι τουτο μοι καρπος εργου και τι αιρησομαι ου γνωριζω
جېنىم تېنىمدە قالسا، ئەمدى نېسىۋەم يەنە مېۋىلىك خىزمەت بولىدۇ؛ لېكىن قايسىسىنى ئەۋزەل بىلىپ تاللىۋېلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؛
23 συνεχομαι δε εκ των δυο την επιθυμιαν εχων εις το αναλυσαι και συν χριστω ειναι πολλω μαλλον κρεισσον
مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن ــ بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛
24 το δε επιμενειν εν τη σαρκι αναγκαιοτερον δι υμας
ئەمما سىلەر ئۈچۈن جېنىمنىڭ تېنىمدە قېلىشى تېخىمۇ زۆرۈرغۇ دەيمەن.
25 και τουτο πεποιθως οιδα οτι μενω και συμπαραμενω πασιν υμιν εις την υμων προκοπην και χαραν της πιστεως
ئەمدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل بولۇپ، سىلەرنىڭ ئېتىقادتا ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلار ھەم شاد-خۇرام بولۇشۇڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە قېلىپ داۋاملىق تۇرىمەن دەپ بىلىمەن؛
26 ινα το καυχημα υμων περισσευη εν χριστω ιησου εν εμοι δια της εμης παρουσιας παλιν προς υμας
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە يەنە ھەمراھ بولغىنىم ۋەجىدىن مەن ئارقىلىق مەسىھ ئەيسادا پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلىشىڭلار تېخىمۇ زىيادىلىشىدۇ!
27 μονον αξιως του ευαγγελιου του χριστου πολιτευεσθε ινα ειτε ελθων και ιδων υμας ειτε απων ακουσω τα περι υμων οτι στηκετε εν ενι πνευματι μια ψυχη συναθλουντες τη πιστει του ευαγγελιου
پەقەت ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە لايىق تۇتۇڭلاركى، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەر بىلەن دىدارلاشقاندىمۇ، سىلەردىن ئايرىلغاندىمۇ، ئىشلىرىڭلاردىن ئاڭلايدىغىنىم سىلەرنىڭ بىر روھ بىر جاندا بولۇپ چىڭ دەسسەپ تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئېتىقادنىڭ يولىدا كۈرەشكە ئىنتىلىۋاتقىنىڭلار،
28 και μη πτυρομενοι εν μηδενι υπο των αντικειμενων ητις αυτοις μεν εστιν ενδειξις απωλειας υμιν δε σωτηριας και τουτο απο θεου
شۇنداقلا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ۋەھىمىلىرىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمىگىنىڭلار بولسۇن؛ سىلەردىكى بۇ غەيرەت، ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر؛
29 οτι υμιν εχαρισθη το υπερ χριστου ου μονον το εις αυτον πιστευειν αλλα και το υπερ αυτου πασχειν
چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر.
30 τον αυτον αγωνα εχοντες οιον ειδετε εν εμοι και νυν ακουετε εν εμοι
چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مەندە كۆرگىنىڭلاردەك ۋە شۇنىڭدەك ھازىر ئاڭلىغىنىڭلاردەك مەن يولۇققان كۈرەشكە سىلەرمۇ يولۇقماقتىسىلەر.

< Προς Φιλιππησιους 1 >