< 2 Mose 14 >

1 Und der HERR redete mit Mose und sprach:
پەرۋەردىگار مۇساغا:
2 Rede mit den Kindern Israel und sprich, daß sie sich herumlenken und sich lagern bei Pihachiroth, zwischen Migdol und dem Meer, gegen Baal-Zephon, und daselbst gegenüber sich lagern ans Meer.
ــ سەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇرۇلۇپ مىگدول بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقىدىكى پى-ھاھىروتنىڭ ئالدىغا بېرىپ چېدىر تىكىڭلار؛ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزنىڭ بويىدا چېدىر تىكىڭلار»، دېگىن.
3 Denn Pharao wird sagen von den Kindern Israel: Sie sind verirrt im Lande; die Wüste hat sie eingeschlossen.
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن: «ئىسرائىللار زېمىندا ئېزىپ قالدى، چۆلنىڭ ئىچىدە قامىلىپ قالدى» دەپ ئويلايدۇ؛
4 Und ich will sein Herz verstocken, daß er ihnen nachjage, und will an Pharao und an aller seiner Macht Ehre einlegen, und die Ägypter sollen innewerden, daß ich der HERR bin. Und sie taten also.
ئىسرائىللارنى قوغلىسۇن دەپ مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، ــ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ سۆزى بويىچە قىلدى.
5 Und da es dem König in Ägypten angesagt ward, daß das Volk geflohen war, ward sein Herz verwandelt und das Herz seiner Knechte gegen das Volk, und sie sprachen: Warum haben wir das getan, daß wir Israel haben gelassen, daß sie uns nicht dienten?
«ئۇ خەلق قېچىپ كەتتى» دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر بېرىلىۋىدى، پىرەۋن بىلەن ئەمەلدارلىرى خەلق توغرىسىدىكى قارارىدىن يېنىپ: «ئىسرائىللارنى قۇللۇقتىن قويۇۋەتكىنىمىز، بۇ زادى نېمە قىلغىنىمىز؟!» ــ دېيىشتى.
6 Und er spannte seinen Wagen an und nahm sein Volk mit sich
[پىرەۋن] دەرھال جەڭ ھارۋىسىنى قوشتۇرۇپ، ئۆز خەلقىنى باشلاپ يولغا چىقتى.
7 und nahm sechshundert auserlesene Wagen und was sonst von Wagen in Ägypten war und die Hauptleute über all sein Heer.
ئۇ يەنە ئالتە يۈز خىللانغان جەڭ ھارۋىسى، شۇنداقلا مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى يىغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە لەشكەر باشلىقلىرىنى ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ ماڭدى.
8 Denn der HERR verstockte das Herz Pharaos, des Königs in Ägypten, daß er den Kindern Israel nachjagte. Aber die Kinder Israel waren durch eine hohe Hand ausgezogen.
پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنى قوغلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىللار قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن ھالدا مىسىردىن چىقىپ بولغانىدى.
9 Und die Ägypter jagten ihnen nach und ereilten sie (da sie sich gelagert hatten am Meer) mit Rossen und Wagen und Reitern und allem Heer des Pharao bei Pihachiroth, gegen Baal-Zephon.
مىسىرلىقلارنىڭ [ھەممىسى] يەنى پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى بىلەن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى بىلەن پۈتكۈل قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئىسرائىللار دېڭىز بويىغا چېدىر تىككەن جايدا، يەنى پى-ھاھىروتنىڭ يېنىدا، بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدا ئۇلارغا يېتىشتى.
10 Und da Pharao zu ihnen nahe kam, hoben die Kinder Israel ihre Augen auf, und siehe, die Ägypter zogen hinter ihnen her; und sie fürchteten sich sehr und schrieen zu dem HERRN
پىرەۋن يېقىنلاشقاندا، ئىسرائىللار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈش قىلىپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى! شۇنى كۆرگەندە ئىسرائىللار تولىمۇ قورقۇشۇپ، پەرۋەردىگارغا نىدا-پەرياد كۆتۈردى.
11 und sprachen zu Mose: Waren nicht genug Gräber in Ägypten, daß du uns mußtest wegführen, daß wir in der Wüste sterben? Warum hast du uns das getan, daß du uns aus Ägypten geführt hast?
ئۇلار مۇساغا: ــ مىسىردا گۆرىستان تېپىلماسمىدى، سەن بىزنى چۆلدە ئۆلسۇن دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىڭغۇ؟! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بىزگە مۇنداق قىلغىنىڭ نېمىسى؟!
12 Ist's nicht das, das wir dir sagten in Ägypten: Höre auf und laß uns den Ägyptern dienen? Denn es wäre uns ja besser den Ägyptern dienen als in der Wüste sterben.
مىسىردا تۇرغان ۋاقتىمىزدا بىز ساڭا: «بىزنى مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشىمىزغا قويغىن، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن» دەپ ئېيتمىغانمىدۇق؟ مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىمىز چۆلگە كېلىپ ئۆلگىنىمىزدىن ئەۋزەل بولاتتى! ــ دېدى.
13 Mose sprach zum Volk: Fürchtet euch nicht, stehet fest und sehet zu, was für ein Heil der HERR heute an euch tun wird. Denn diese Ägypter, die ihr heute sehet, werdet ihr nimmermehr sehen ewiglich.
بۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە: ــ قورقماي، تىك تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ بۈگۈن سىلەرگە يۈرگۈزىدىغان نىجاتىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.
14 Der HERR wird für euch streiten, und ihr werdet still sein.
پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، لېكىن سىلەر بولساڭلار جىم تۇرساڭلارلا بولدى، دېدى.
15 Der HERR sprach zu Mose: Was schreist du zu mir? sage den Kindern Israel, daß sie ziehen.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ نېمىشقا سەن ماڭا پەرياد كۆتۈرىسەن؟ ئىسرائىللارغا: «ئالدىغا مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇغىن.
16 Du aber hebe deinen Stab auf und recke deine Hand aus über das Meer und teile es voneinander, daß die Kinder Israel hineingehen, mitten hindurch auf dem Trockenen.
لېكىن سەن ھاساڭنى كۆتۈرۈپ قولۇڭنى دېڭىزغا ئۇزىتىپ، ئۇنى ئىككىگە بۆلگىن؛ شۇنداقتا، ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
17 Siehe, ich will das Herz der Ägypter verstocken, daß sie euch nachfolgen. So will ich Ehre einlegen an dem Pharao und an aller seiner Macht, an seinen Wagen und Reitern.
مانا، مەن ئۇلارنى قوغلىسۇن دەپ مىسىرلىقلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلىمەن.
18 Und die Ägypter sollen innewerden, daß ich der HERR bin, wenn ich Ehre eingelegt habe an Pharao und an seinen Wagen und Reitern.
شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقىمنى ئايان قىلغىنىمدا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، دېدى.
19 Da erhob sich der Engel Gottes, der vor dem Heer Israels her zog, und machte sich hinter sie; und die Wolkensäule machte sich auch von ihrem Angesicht und trat hinter sie
ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا يۈرۈۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە يۆتكىلىپ،
20 und kam zwischen das Heer der Ägypter und das Heer Israels. Es war aber eine finstere Wolke und erleuchtete die Nacht, daß sie die ganze Nacht, diese und jene, nicht zusammenkommen konnten.
مىسىرلىقلارنىڭ چېدىرگاھى بىلەن ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ ئارىلىقىدا توختىدى؛ بۇ بۇلۇت بىر تەرەپتە قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتە كېچىنى يورۇتتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بىر كېچە بىر قوشۇن يەنە بىر قوشۇنغا يېقىن كېلەلمىدى.
21 Da nun Mose seine Hand reckte über das Meer, ließ es der HERR hinwegfahren durch einen starken Ostwind die ganze Nacht und machte das Meer trocken; und die Wasser teilten sich voneinander.
مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار پۈتۈن كېچە شەرقتىن كۈچلۈك بىر شامال چىقىرىپ، دېڭىزنىڭ سۈيىنى كەينىگە ياندۇردى؛ ئۇ سۇنى ياندۇرۇپ دېڭىزنى قۇرۇق يەر قىلدى، سۇلار ئىككىگە بۆلۈندى.
22 Und die Kinder Israel gingen hinein, mitten ins Meer auf dem Trockenen; und das Wasser war ihnen für Mauern zur Rechten und zur Linken.
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار بولسا ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى.
23 Und die Ägypter folgten und gingen hinein ihnen nach, alle Rosse Pharaos und Wagen und Reiter, mitten ins Meer.
ئەمما مىسىرلىقلار ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى ــ پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنىڭ كەينىدىن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كەلدى.
24 Als nun die Morgenwache kam, schaute der HERR auf der Ägypter Heer aus der Feuersäule und Wolke und machte einen Schrecken in ihrem Heer
تاڭ ئاتقاندا شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن بۇلۇت تۈۋرۈكىدە تۇرۇپ مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا قارىدى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنىغا پاراكەندىچىلىك چۈشۈردى.
25 und stieß die Räder von ihren Wagen, stürzte sie mit Ungestüm. Da sprachen die Ägypter: Laßt uns fliehen von Israel; der HERR streitet für sie wider die Ägypter.
ئۇ ئۇلارنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرىنى پاتقۇزۇپ، ھەيدەپ مېڭىشىنى مۈشكۈل قىلدى. مىسىرلىقلار: ــ يۈرۈڭلار، ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قاچايلى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن مىسىرلىقلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى.
26 Aber der HERR sprach zu Mose: Recke deine Hand aus über das Meer, daß das Wasser wieder herfalle über die Ägypter, über ihre Wagen und Reiter.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سۇلار يېنىپ مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاتلىقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېقىپ بېرىپ، ئۇلارنى چۆكتۈرۈۋەتسۇن دەپ قولۇڭنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتقىن، ــ دېدى.
27 Da reckte Mose seine Hand aus über das Meer, und das Meer kam wieder vor morgens in seinen Strom, und die Ägypter flohen ihm entgegen. Also stürzte sie der HERR mitten ins Meer,
مۇسا قولىنى دېڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۇزىتىۋىدى، تاڭ ئاتقاندا دېڭىزنىڭ سۈيى يەنە ئەسلىي ھالىتىگە يېنىپ كەلدى. قېچىۋاتقان مىسىرلىقلار ئېقىنغا قارشى يۈگۈرۈشتى، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا موللاق ئاتقۇزدى.
28 daß das Wasser wiederkam und bedeckte Wagen und Reiter und alle Macht des Pharao, die ihnen nachgefolgt waren ins Meer, daß nicht einer aus ihnen übrigblieb.
سۇ ئەسلىگە يېنىپ كېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ دېڭىزغا كىرگەن پىرەۋننىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى غەرق قىلىۋەتتى؛ ئۇلاردىن بىرىمۇ ساق قالمىدى.
29 Aber die Kinder Israel gingen trocken mitten durchs Meer; und das Wasser war ihnen für Mauern zur Rechten und zur Linken.
لېكىن ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى.
30 Also half der HERR Israel an dem Tage von der Ägypter Hand. Und sie sahen die Ägypter tot am Ufer des Meeres
شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى ئىسرائىللارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى؛ ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ دېڭىزنىڭ بويىدا ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى.
31 und die große Hand, die der HERR an den Ägyptern erzeigt hatte. Und das Volk fürchtete den HERRN, und sie glaubten ihm und seinem Knecht Mose.
ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئىشلەتكەن زور قۇدرىتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋە ئۇنىڭ قۇلى مۇساغا ئىشەندى.

< 2 Mose 14 >