< Jesaja 1 >

1 Ein Gesicht des Amossohnes Isaias, der über Juda und Jerusalem Gesichte geschaut in den Tagen des Ozias, Jotam, Achaz und Ezechias, der Könige von Juda. -
ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن غايىبانە ۋەھىي-ئالامەتلەر: ــ
2 Lausch auf, o Himmel! Erde, horche auf! So spricht der Herr: "Ich ziehe Kinder groß und bringe sie empor; doch schlimm betragen sie sich gegen mich.
«ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار! ئى يەر-زېمىن، قۇلاق سال! چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى: ــ «مەن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدىم، بىراق ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى.
3 Ein Ochse kennt seinen Besitzer, ein Esel weiß die Krippe seines Herrn. Nur Israel kennt nichts; nur mein Volk will nichts kennenlernen." -
كالا بولسا ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەكمۇ خوجايىنىنىڭ ئوقۇرىغا [ماڭىدىغان يولنى] بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىل بىلمەيدۇ، ئۆز خەلقىم ھېچ يورۇتۇلغان ئەمەس.
4 Ein Wehe über eine sündhafte Nation, ein Volk, so reich an Schuld! Unartige Brut! Verderbte Kinder! Den Herrn verlassen sie; den Heiligen Israels mißachten sie, verachten ihn. -
ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»، قەبىھلىكنى توپلاپ ئۆزىگە يۈكلىگەن خەلق، رەزىللەرنىڭ بىر نەسلى، نىجىس بولۇپ كەتكەن بالىلار! ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراقلىشىپ، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نى كۆزىگە ئىلمىدى، ئۇلار كەينىگە ياندى.
5 Worauf wollt ihr denn noch geschlagen werden? Wo denn noch weiter schwären? Das Haupt ist völlig krank, das Herz ganz elend. -
نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟ پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ، يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى،
6 Kein heiler Fleck ist von der Sohle bis zum Kopfe, nur Beulen, Striemen, frische Wunden, nicht ausgedrückt und nicht verbunden und nicht mit Öl gekühlt. -
بېشىڭلاردىن ئايىغىڭلارغىچە ساق يېرىڭلار قالمىدى، پەقەت يارا-جاراھەت، ئىششىق ۋە يىرىڭ بىلەن تولدى، ئۇلار تازىلانمىغان، تېڭىلمىغان ياكى ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن.
7 Verwüstet wurde euer Land, und ausgebrannt sind eure Städte. Von eurem Fruchtgefilde nährten sich vor euren Augen Fremde. Verödet war's wie der Barbaren Felder.
ۋەتىنىڭلار چۆللەشتى؛ شەھەرلىرىڭلار كۆيۈپ ۋەيرانە بولدى؛ يەر-زېمىنىڭلارنى بولسا، ياتلار كۆز ئالدىڭلاردىلا يۇتۇۋېلىۋاتىدۇ؛ ئۇ ياتلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ چۆللىشىپ كەتتى.
8 So stand die Sionstochter ganz verlassen wie im Weinberg eine Hütte. Der Wächterhütte gleich im Gurkenfeld, so ganz einsam die Stadt.
ئەمدى ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك، مۇھاسىرىگە چۈشكەن شەھەردەك، زىئوننىڭ قىزى زەئىپ قالدۇرۇلدى.
9 Ja, hätte uns der Heeresscharen Herr nicht einen Rest gelassen, so wären wir beinah wie Sodoma geworden und glichen jetzt Gomorrha.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا، بىز سودوم شەھىرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، گوموررا شەھىرىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق.
10 Ihr Sodomsfürsten, hört das Wort des Herrn! Horch auf die Mahnung unseres Gottes, du Gomorrhavolk! -
ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار، «ئى گوموررانىڭ خەلقى، خۇدايىمىزنىڭ قانۇن-نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىڭلار!
11 "Was soll mir", spricht der Herr, "die Menge eurer Schlachtopfer? Satt habe ich die Widderopfer und satt das Fett der Mastkälber. Ich mag nicht Farrenblut, nicht Blut der Lämmer und der Böcke.
سىلەر زادى نېمە دەپ ماڭا ئاتاپ نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى سۇنىسىلەر؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ «مەن كۆيدۈرمە قوچقار قۇربانلىقىڭلاردىن، بورداق مالنىڭ ياغلىرىدىن تويۇپ كەتتىم، بۇقىلار، پاقلانلار، تېكىلەرنىڭ قانلىرىدىن ھېچ خۇرسەن ئەمەسمەن.
12 Wenn ihr mein Angesicht zu schauen kommt, ja, wer verlangt von euch, ihr sollet meine Vorhöfe zertrampeln?
سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ كەلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ھويلا-ئايۋانلىرىمنى شۇنداق دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟
13 Bringt mir kein eitles Speiseopfer dar! Ein Greuelwerk ist es für mich. Am Neumond und am Sabbat Festversammlung! Ein Fest mit Frevel ist mir unerträglich.
بىھۇدە «ئاشلىق ھەدىيە»لەرنى ئېلىپ كېلىشنى بولدى قىلىڭلار، خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى. «يېڭى ئاي» ھېيتلىرى ۋە «شابات كۈن»لىرىگە، جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىغا چاقىرىلىشلارغا ــ قىسقىسى، قەبىھلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق يىغىلىشلارغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.
14 Ich hasse eure Neumondsfeste, eure Feiertage; sie sind mir eine Last, mir unausstehlich.
«يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت-بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛ ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم.
15 Wenn ihr die Hände ausbreitet, vor euch verhüll ich mir die Augen, und betet ihr auch noch so viel, ich höre nicht. Voll Blut sind eure Hände.
قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى.
16 Wascht euch und macht euch rein! Hinweg aus meinen Augen mit eurer Werke Schlechtigkeit! Hört auf mit Freveltat. -
ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛
17 Lernt Guttat! Suchet Recht! Die Schwachen stärkt! Verschafft den Waisen Recht! Für Witwen streitet!" -
ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار؛ ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى ناھەقلىقتىن خالاس قىلىڭلار، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار.
18 "Herbei! Wir wollen uns vergleichen!" So spricht der Herr: "Sind eure Sünden scharlachrot, sie werden weiß wie Schnee, und sind sie purpurrot, sie werden sein wie weiße Wolle.
ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ، يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛ ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ، يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ.
19 Vergönnt ihr mir ein williges Gehör, dann esset ihr des Landes Gut.
ئەگەر ئىتائەتمەن بولۇپ، ئاڭلىساڭلار، زېمىندىكى ئېسىل مەھسۇلاتتىن بەھرىمەن بولىسىلەر؛
20 Doch wollt ihr nicht und trotzet ihr, dann werdet ihr vom Schwert verzehrt. Der Mund des Herrn hat es gesprochen."
بىراق رەت قىلىپ يۈز ئۆرىسەڭلار، قىلىچ بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلىسىلەر» ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دېگەن.
21 Wie konnte nur zur Dirne werden die getreue Stadt, so voll des Rechts, darinnen die Gerechtigkeit zu Hause war, jetzt aber Mörder. -
سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟ ئەسلىدە ئۇ ئادالەت بىلەن تولغانىدى، ھەققانىيلىق ئۇنى ماكان قىلغانىدى، بىراق ھازىر قاتىللار ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ.
22 Dein Silber ward zur Schlacke; dein Trunk verwässert.
كۈمۈشۈڭ بولسا داشقالغا ئايلىنىپ قالدى، شارابىڭغا سۇ ئارىلىشىپ قالدى؛
23 Abtrünnige sind deine Fürsten, Diebsgesellen, verliebt ist alles in Bestechung und auf der Jagd nach Entgelt. Den Waisen schaffen sie nicht Recht; der Witwen Klagen dringen nicht vor sie.
ئەمىرلىرىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، ئوغرىلارغا ئۈلپەت بولدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى پارىغا ئامراق بولۇپ، سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار يېتىم-يېسىرلەر ئۈچۈن ئادالەت ئىزدىمەيدۇ؛ تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يەتمەيدۇ.
24 Deshalb, so lautet jetzt ein Spruch des Herrn der Heeresscharen, des Starken Israels: - "Ein Wehe, wenn ich meine Gegner rüge und mich an meinen Feinden räche!
شۇڭا ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار ــ يەنى ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى ئېيتىدۇ: ــ مەن كۈشەندىلىرىمنى [جازالاپ] پۇخادىن چىقىمەن، دۈشمەنلىرىمدىن قىساس ئالىمەن؛
25 Mit dir befasse ich mich gründlich und schmelze deine Schlacken wie mit Lauge aus, entferne alle deine Bleiklumpen.
قولۇمنى ئۈستۈڭگە تەگكۈزۈپ، سېنى تاۋلاپ، سەندىكى داشقالنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن، سەندىكى بارلىق ئارىلاشمىلارنى ئېلىپ تاشلايمەن.
26 Dann gebe ich dir wieder Richter wie zu Anbeginn, Berater wie am Anfang. Dann nennt man dich 'Gerechte Stadt', 'Getreue Bürgerschaft'."
ھۆكۈمران-سوراقچىلىرىڭلارنى ئاۋۋالقىدەك، مەسلىھەتچىلىرىڭلارنى دەسلەپتىكىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن. كېيىن سەن «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، «سادىق شەھەر» ــ دەپ ئاتىلىسەن.
27 Allein durch Rechtlichkeit ist Sion noch zu retten, die sich darin bekehren, durch Gerechtigkeit.
ئەمدى زىئون ئادىللىق بىلەن، ۋە ئۇنىڭغا قايتىپ كەلگەنلەر ھەققانىيلىق بىلەن قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىدۇ.
28 Vernichtung aber trifft die Abgefallenen, die Sünder allzumal! Ausrottung jene, die den Herrn verlassen! -
بىراق ئاسىيلار ۋە گۇناھكارلار بىردەك ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرىگۈچىلەر بولسا ھالاك بولىدۇ.
29 Zuschanden werden sie der Terebinthen wegen, die euch bezaubern, erröten ob der Haine, nach denen ihr so giert,
شۇ چاغدا سىلەر تەشنا بولغان دۇب دەرەخلىرىدىن نومۇس قىلىسىلەر، تاللىغان باغلاردىن خىجىل بولىسىلەر.
30 wenn ihr entlaubten Terebinthen gleicht und einem Garten ohne Wasser. -
چۈنكى ئۆزۈڭلار خۇددى يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن دۇب دەرىخىدەك، سۇسىز قۇرۇق بىر باغدەك بولىسىلەر.
31 Der Starke wird zu Werg, sein Werk zum Funken, und beide brennen miteinander, niemand löscht.
شۇ كۈنى كۈچى بارلار ئوتقا شام پىلىكى، ئۇلارنىڭ ئەجرى بولسا، ئۇچقۇن بولىدۇ؛ بۇلار ھەر ئىككىسى تەڭلا كۆيۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئۆچۈرۈشكە ھېچكىم چىقمايدۇ.

< Jesaja 1 >