< Hesekiel 43 >

1 Er führte mich zum Tore hin, zum Tor, das gegen Osten sah.
ئۇ مېنى دەرۋازىغا، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا ئاپاردى؛
2 Und sieh! Da zog die Herrlichkeit des Gottes Israels von Osten her. Ihr Brausen glich dem Brausen vieler Wasser; die Erde leuchtete von seiner Herrlichkeit.
مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شەرق تەرەپتىن كەلدى؛ ئۇنىڭ ئاۋازى ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك ئىدى؛ يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپى بىلەن يورۇتۇلدى.
3 Der Anblick des Gesichtes, das ich sah, war dem Gesichte gleich, das ich gesehn, als er erschien, die Hauptstadt zu zerstören. Und beide glichen dem Gesicht, das ich am Kebarflusse sah. Da fiel ich auf das Antlitz nieder.
مەن كۆرگەن بۇ ئالامەت كۆرۈنۈش بولسا، ئۇ شەھەرنى ھالاك قىلىشقا كەلگەن قېتىمدا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ ئالامەت كۆرۈنۈشلەر يەنە مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ مەن دۈم يىقىلدىم.
4 Die Herrlichkeit des Herrn zog in das Haus, durchs Tor, das gegen Osten sah.
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئارقىلىق ئىبادەتخانىغا كىردى؛
5 Ein Geist hob mich empor und brachte mich so in den innern Hof. Und sieh! Die Majestät des Herrn erfüllte ganz das Haus.
روھ مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئىبادەتخانىنى تولدۇردى.
6 Nun hörte ich jemand vom Haus her zu mir reden; dabei stand neben mir der Mann.
ھېلىقى كىشى يېنىمدا تۇرغاندا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىن بىرسىنىڭ سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم؛
7 Er sprach zu mir: "Du Menschensohn! Dies ist der Ort für meinen Thron und dies der Schemel meiner Füße, wo ich für immer bei den Söhnen Israels verweile. Das Haus von Israel entweiht nicht fürderhin mehr meinen heiligen Namen mit seinen Königen durch seine Buhlerei und durch die Leichen seiner Könige in ihrem Grabgewölbe.
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ مېنىڭ تەختىم سېلىنغان جاي، مەن ئاياغ باسىدىغان، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىدىغان جايدۇر؛ ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ــ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياكى پادىشاھلىرى بۇزۇقلۇقى بىلەن ياكى «يۇقىرى جايلار»دا پادىشاھنىڭ جەسەتلىرى بىلەن مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يەنە ھېچ بۇلغىمايدۇ.
8 Sie setzten ihre Schwelle ja an meine Schwelle und ihren Pfosten neben meinen Pfosten, daß zwischen mir und ihnen einzig sich die Wand befand und sie so meinen heiligen Namen unrein machten durch ihre Greuel, die sie übten. Ich mußte sie in meinem Zorn vertilgen.
ئۇلار ئۆز بوسۇغىسىنى مېنىڭ بوسۇغىمنىڭ يېنىغا، ئىشىك كېشىكىنى مېنىڭ ئىشىك كېشىكىمنىڭ يېنىغا سالغان، ئۇلار بىلەن مېنى پەقەت بىر تاملا ئايرىپ تۇراتتى، ئۇلار مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يىرگىنچلىكلىرى بىلەن بۇلغىغان. شۇڭا مەن غەزىپىم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىۋەتتىم.
9 Jetzt aber halten sie ihr Buhlen fern von mir sowie die Leichen ihrer Könige. So kann ich allzeit unter ihnen wohnen.
ئەمدى ھازىر ئۇلار بۇزۇقلۇقىنى، پادىشاھلارنىڭ جەسەتلىرىنى مەندىن يىراق قىلسۇن؛ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىمەن.
10 Du aber, Menschensohn, beschreibe jetzt dem Hause Israel das Haus, daß sie sich ihrer Missetaten schämen, wenn sie das Bauwerk messen!
ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرىدىن خىجالەت بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئۆينى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بەرگىن؛ ئۇلار كاللىسىدا ئىبادەتخانىنى ئۆلچەپ باقسۇن.
11 Und schämen sie sich alles dessen, was sie taten, dann zeige ihnen die Gestalt des Hauses und seine Einrichtung und seine Aus- und Eingänge, wie alles in ihm eingerichtet ist und alles in ihm festgestellt und alles in ihm angeordnet und alles vorgeschrieben! Und zeichne es vor ihnen auf, damit sie es befolgen, genau so wie es eingerichtet und befohlen ist, und sie sich danach richten!
ئەگەردە ئۇلار ئۆز قىلغانلىرىدىن خىجىل بولسا، ئەمدى سەن مۇشۇ ئۆينىڭ شەكلىنى، ئۇنىڭ سېلىنىشىنى، چىقىش يوللىرىنى، كىرىش يوللىرىنى ۋە بارلىق لايىھىسىنى ۋە بارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ــ شۇنداق، بارلىق شەكلىنى ۋە بارلىق قانۇنلىرىنى ئايان قىلىپ بەرگىن؛ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل شەكلىنى ئېسىدە تۇتۇشى ھەم ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا يازغىن.
12 Des Hauses Grundgesetz ist dies: Auf höchster Bergeshöhe sei ganz heilig rings sein voller Umkreis! Sieh! Dies ist des Hauses Grundgesetz,"
ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنى شۇنداق بولىدۇ: ئۇ تۇرغان تاغنىڭ چوققىسىنىڭ بېكىتىلگەن پاسىلغىچە بولغان دائىرىسى «ئەڭ مۇقەددەس» بولىدۇ؛ مانا، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنىدۇر.
13 Dies aber sind die Maße des Altars in Ellen, die Elle eine Handbreit länger als die Elle sonst; der Fuß ist eine Elle tief und eine breit; sein Rand ringsum nur eine Spanne breit, und dies ist des Altars Gestell.
قۇربانگاھنىڭ «[چوڭ] گەز»دە ئۆلچەنگەن ئۆلچەملىرى شۇنداق ئىدى: ــ. بۇ گەز بولسا بىر گەز قوشۇلغان بىر ئالىقان بولىدۇ. قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا بىر ئالىقان ئىدى. مانا بۇ قۇربانگاھنىڭ ئۇلى ئىدى.
14 Und von dem Fuß am Boden bis zum untern Absatz, zwei Ellen hoch und eine breit, von diesem kleinem Absatz bis zum größeren vier Ellen hoch und eine breit.
ئۇنىڭ ئۇلىدىن ئاستىنقى تەكچىگىچە ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ بۇ «كىچىك تەكچە»دىن «چوڭ تەكچە»گىچە تۆت گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛
15 Der Opferherd darauf vier Ellen, und schräg aufwärts vom Opferherd erhoben sich vier Hörner.
قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى تۆت گەز ئىدى؛ ئوت سۇپىسىدا تۆت مۈڭگۈز چوقچىيىپ چىقىپ تۇراتتى.
16 Der Opferherd war selbst zwölf Ellen lang sowie zwölf Ellen breit, so daß ein Viereck seine Seiten bildeten.
قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون ئىككى گەز، كەڭلىكى ئون ئىككى گەز بولۇپ، ئۇ تۆت چاسىلىق ئىدى.
17 Der Absatz vierzehn Ellen lang und vierzehn Ellen breit nach allen den vier Seiten, der eine halbe Elle breite Rand ging ringsherum. Der Fuß war eine Elle hoch, und seine Treppenstufen gingen gegen Osten.
يۇقىرى تەكچىگىچىمۇ تۆت چاسىلىق ئىدى، ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت گەز، كەڭلىكى ئون تۆت گەز؛ ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا يېرىم گەز ئىدى؛ ئاستىنىڭ كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپىيى شەرققە قارايتتى.
18 Er sprach zu mir: "Hör, Menschensohn! So spricht der Herr, der Herr: 'Dies wird für den Altar bestimmt, sobald er fertig ist, daß man Brandopfer auf ihn lege und ihn mit Blut besprenge.'
ئۇ ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: بۇ قۇربانگاھ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ۋە ئۈستىگە قان سېپىش ئۈچۈن ئۇنى ياسىغان كۈنىدە، شۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى بولىدۇ: ــ
19 Du sollst den Priestern, den Leviten, die vom Geschlechte Sadoks sind und die allein zum Dienste sich mir nähern dürfen", ein Spruch des Herrn, des Herrn, "ein Jungrind zum Sündopfer übergeben.
سەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، يەنى مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن ماڭا يېقىنلىشىدىغان زادوك نەسلىدىكىلەردىن بولغان كاھىنلارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ياش بىر تورپاقنى بېرىسەن؛
20 Dann nimm etwas von seinem Blut, bestreich damit die vier Altarhörner sowie die Ecken an dem Absatz und die Leisten ringsherum, und so entsühne und entsündige ihn!
سەن ئۇنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چوڭ تەكچىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ھەم ئەتراپىدىكى گىرۋەكلىرى ئۈستىگە سۈرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى پاكىزلاپ ۋە ئۇنىڭغا كافارەت قىلىسەن.
21 Dann nimm das Rind, das Sündopfer, damit man es an dem bestimmten Platz des Hauses, ganz außerhalb des Heiligtums, verbrenne!
سەن گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ سىرتىدا بولغان، ئىبادەتخانىدىكى ئالاھىدە بېكىتىلگەن جايدا كۆيدۈرىسەن؛
22 Am zweiten Tage sollst du einen fehlerlosen Ziegenbock als Sündopfer darbringen, daß man den Altar so entsündige, wie man durch Farren ihn entsündigt hat.
ئىككىنچى كۈنىدە سەن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى تورپاق بىلەن پاكلاندۇرغاندەك تېكە بىلەن ئۇنى پاكلايدۇ.
23 Und bist du mit Entsühnen fertig, dann hast du einen fehlerlosen jungen Stier zu opfern und einen fehlerlosen Widder aus dem Kleinvieh.
سەن ئۇنى پاكلىغاندىن كېيىن، سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاق، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى سۇنىسەن؛
24 Die sollst du vor den Herrn hinbringen! Die Priester sollen sie mit Salz bestreuen und sie dem Herrn als Brandopfer darbringen!
سەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىسەن؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىدۇ ۋە ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ.
25 Du sollst dann sieben Tage täglich einen Bock zum Sündopfer herrichten, auch einen jungen Stier und einen Widder aus dem Kleinvieh, völlig fehlerlos. Die sollen sie herrichten!
يەتتە كۈن سەن ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنىمۇ سۇنىدۇ.
26 Und sieben Tage nacheinander sollen sie entsündigen den Altar und ihn reinigen und einweihen.
ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت قىلىپ ئۇنى پاكلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىيدۇ.
27 Und haben sie die Tage so beendigt, so sollen dann am achten Tag und weiterhin die Priester auf dem Altar eure Brand- und Heilsopfer darbringen! Dann nehme ich euch gnädig an." Ein Spruch des Herrn, des Herrn.
بۇ كۈنلەر تۈگىگەندە، سەككىزىنچى كۈنى ۋە شۇ كۈندىن كېيىن، كاھىنلار سىلەرنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.

< Hesekiel 43 >