< Juges 7 >

1 Jerubbaal, qui est Gédéon, et tout le peuple qui était avec lui, se levèrent de bon matin, et campèrent près de la source de Harod. Le camp de Madian était au nord de Gédéon, vers la colline de Moré, dans la vallée.
يەرۇببائال (يەنى گىدېئون) ۋە ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە خەلق ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، ھارود دېگەن بۇلاقنىڭ يېنىغا بېرىپ چېدىر تىكتى. مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدە، مورەھ ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى.
2 L’Éternel dit à Gédéon: Le peuple que tu as avec toi est trop nombreux pour que je livre Madian entre ses mains; il pourrait en tirer gloire contre moi, et dire: C’est ma main qui m’a délivré.
ئەمدى پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ ساڭا ئەگەشكەن خەلقنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، شۇڭا مەن مىدىيانىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرالمايمەن. بولمىسا ئىسرائىل: «ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ قولى قۇتقۇزدى» دەپ ماختىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
3 Publie donc ceci aux oreilles du peuple: Que celui qui est craintif et qui a peur s’en retourne et s’éloigne de la montagne de Galaad. Vingt-deux mille hommes parmi le peuple s’en retournèrent, et il en resta dix mille.
شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئەمدى خەلققە: «كىملەر قورقۇپ تىترەك باسقان بولسا، ئۇلار گىلېئاد تېغىدىن يېنىپ كەتسۇن» دەپ جاكارلىغىن ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئارىسىدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، پەقەت ئون مىڭىلا قېلىپ قالدى.
4 L’Éternel dit à Gédéon: Le peuple est encore trop nombreux. Fais-les descendre vers l’eau, et là je t’en ferai le triage; celui dont je te dirai: Que celui-ci aille avec toi, ira avec toi; et celui dont je te dirai: Que celui-ci n’aille pas avec toi, n’ira pas avec toi.
پەرۋەردىگار گىدېئونغا يەنە: ــ خەلقنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ؛ ئەمدى سەن بۇلارنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلگىن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سەن ئۈچۈن سىناقتىن ئۆتكۈزەي؛ مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارسۇن دېسەم»، ئۇ سەن بىلەن بارسۇن؛ لېكىن مەن كىمنى كۆرسىتىپ: «ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن، ــ دېدى.
5 Gédéon fit descendre le peuple vers l’eau, et l’Éternel dit à Gédéon: Tous ceux qui laperont l’eau avec la langue comme lape le chien, tu les sépareras de tous ceux qui se mettront à genoux pour boire.
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون خەلقنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىمكى ئىت سۇ ئىچكەندەك تىلى بىلەن يالاپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنى ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن؛ ھەم كىمكى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچسە، ئۇلارنىمۇ ئايرىم بىر تەرەپتە تۇرغۇزغىن، ــ دېدى.
6 Ceux qui lapèrent l’eau en la portant à la bouche avec leur main furent au nombre de trois cents hommes, et tout le reste du peuple se mit à genoux pour boire.
شۇنداق بولدىكى، ئوچۇمىنى ئاغزىغا تەگكۈزۈپ يالاپ سۇ ئىچكەنلەردىن ئۈچ يۈزى چىقتى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى تىزلىنىپ تۇرۇپ سۇ ئىچتى.
7 Et l’Éternel dit à Gédéon: C’est par les trois cents hommes qui ont lapé, que je vous sauverai et que je livrerai Madian entre tes mains. Que tout le reste du peuple s’en aille chacun chez soi.
ئاندىن پەرۋەردىگار گىدېئونغا: ــ مەن مۇشۇ سۇنى يالاپ ئىچكەن ئۈچ يۈز ئادەمنىڭ قولى بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىدىياننى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ لېكىن قالغان خەلق بولسا ھەممىسى ئۆز جايىغا يېنىپ كەتسۇن، ــ دېدى.
8 On prit les vivres du peuple et ses trompettes. Puis Gédéon renvoya tous les hommes d’Israël chacun dans sa tente, et il retint les trois cents hommes. Le camp de Madian était au-dessous de lui dans la vallée.
شۇنىڭ بىلەن بۇ [ئۈچ يۈز ئادەم] ئوزۇق-تۈلۈك ۋە كانايلىرىنى قولىغا ئېلىشتى؛ گىدېئون ئىسرائىلنىڭ قالغان بارلىق ئادەملىرىنى ئۆز چېدىرىغا قايتۇرۇۋېتىپ، پەقەت شۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئېلىپ قالدى. ئەمدى مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جىلغىدا ئىدى.
9 L’Éternel dit à Gédéon pendant la nuit: Lève-toi, descends au camp, car je l’ai livré entre tes mains.
شۇ كېچىسى شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن، چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم؛
10 Si tu crains de descendre, descends-y avec Pura, ton serviteur.
ئەگەر سەن چۈشۈشتىن قورقساڭ، ئۆز خىزمەتكارىڭ پۇراھنى بىللە ئېلىپ لەشكەرگاھقا چۈشكىن.
11 Tu écouteras ce qu’ils diront, et après cela tes mains seront fortifiées: descends donc au camp. Il descendit avec Pura, son serviteur, jusqu’aux avant-postes du camp.
سەن ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلايسەن، ئاندىن سەن لەشكەرگاھقا [ھۇجۇم قىلىپ] چۈشۈشكە جۈرئەت قىلالايسەن، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇ خىزمەتكارى پۇراھنى ئېلىپ لەشكەرگاھنىڭ چېتىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يېنىغا باردى.
12 Madian, Amalek, et tous les fils de l’Orient, étaient répandus dans la vallée comme une multitude de sauterelles, et leurs chameaux étaient innombrables comme le sable qui est sur le bord de la mer.
مانا مىدىيان، ئامالەك ۋە بارلىق مەشرىقتىكىلەر چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، جىلغىنىڭ بويىغا يېيىلغانىدى؛ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى كۆپلىكىدىن دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز ئىدى.
13 Gédéon arriva; et voici, un homme racontait à son camarade un songe. Il disait: J’ai eu un songe; et voici, un gâteau de pain d’orge roulait dans le camp de Madian; il est venu heurter jusqu’à la tente, et elle est tombée; il l’a retournée sens dessus dessous, et elle a été renversée.
گىدېئون بارغاندا، مانا، ئۇ يەردە بىرسى ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى: ــ مانا، مەن بىر چۈش كۆردۇم، چۈشۈمدە مانا، بىر ئارپا توقىچى مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا دومۇلاپ چۈشۈپتۇدەك؛ ئۇ چېدىرغا كېلىپ سوقۇلۇپتىدەك، شۇنىڭ بىلەن چېدىر ئۆرۇلۈپ، دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ ــ دەۋاتاتتى.
14 Son camarade répondit, et dit: Ce n’est pas autre chose que l’épée de Gédéon, fils de Joas, homme d’Israël; Dieu a livré entre ses mains Madian et tout le camp.
ئۇنىڭ ھەمراھى جاۋابەن تەبىر بېرىپ: ــ بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ توقاچ يوئاشنىڭ ئوغلى، ئىسرائىللىق ئادەم گىدېئوننىڭ قىلىچىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر؛ خۇدا مىدىيان ۋە ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپتۇ، دېدى.
15 Lorsque Gédéon eut entendu le récit du songe et son explication, il se prosterna, revint au camp d’Israël, et dit: Levez-vous, car l’Éternel a livré entre vos mains le camp de Madian.
شۇنداق بولدىكى، گىدېئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ بېرىلگەن تەبىرىنى ئاڭلاپ، سەجدە قىلدى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىغا يېنىپ كېلىپ: ــ قوپۇڭلار، پەرۋەردىگار مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېدى.
16 Il divisa en trois corps les trois cents hommes, et il leur remit à tous des trompettes et des cruches vides, avec des flambeaux dans les cruches.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەممىسىنىڭ قولىغا بىردىن كاناي بىلەن بىردىن قۇرۇق كومزەكنى بەردى؛ ھەربىر كومزەك ئىچىدە بىردىن مەشئەل قويۇلدى.
17 Il leur dit: Vous me regarderez et vous ferez comme moi. Dès que j’aborderai le camp, vous ferez ce que je ferai;
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر ماڭا قاراپ، مېنىڭ قىلغىنىمدەك قىلىڭلار. مانا، مەن لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا بارغاندا، نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار؛
18 et quand je sonnerai de la trompette, moi et tous ceux qui seront avec moi, vous sonnerez aussi de la trompette tout autour du camp, et vous direz: Pour l’Éternel et pour Gédéon!
مەن ۋە مەن بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بارلىق ئادەملەر كاناي چالساق، سىلەرمۇ لەشكەرگاھنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار ۋە: «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەم گىدېئون ئۈچۈن!» دەپ توۋلاڭلار، ــ دېدى.
19 Gédéon et les cent hommes qui étaient avec lui arrivèrent aux abords du camp au commencement de la veille du milieu, comme on venait de placer les gardes. Ils sonnèrent de la trompette, et brisèrent les cruches qu’ils avaient à la main.
كېيىنكى يېرىم كېچىلىك كۆزەتنىڭ باشلىنىشىدا، كۆزەتچىلەر يېڭىدىن ئالماشقاندا، گىدېئون ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان يۈز ئادەم لەشكەرگاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ ئاندىن ئۇلار كاناي چېلىپ قوللىرىدىكى كومزەكلەرنى چاقتى.
20 Les trois corps sonnèrent de la trompette, et brisèrent les cruches; ils saisirent de la main gauche les flambeaux et de la main droite les trompettes pour sonner, et ils s’écrièrent: Épée pour l’Éternel et pour Gédéon!
شۇ ھامان ئۈچ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاناي چېلىپ، كومزەكلەرنى چېقىپ، سول قوللىرىدا مەشئەللەرنى تۇتۇپ، ئوڭ قوللىرىدا كانايلارنى ئېلىپ: ــ پەرۋەردىگارغا ۋە گىدېئونغا ئاتالغان قىلىچ! ــ دەپ توۋلاشقىنىچە،
21 Ils restèrent chacun à sa place autour du camp, et tout le camp se mit à courir, à pousser des cris, et à prendre la fuite.
ئۇلارنىڭ ھەربىرى لەشكەرگاھنىڭ ئەتراپىدا، ئۆز جايىدا تۇرۇشتى؛ ياۋ قوشۇنى تەرەپ-تەرەپكە پېتىراپ، ۋارقىراپ-جارقىرىغان پېتى قاچقىلى تۇردى.
22 Les trois cents hommes sonnèrent encore de la trompette; et, dans tout le camp, l’Éternel leur fit tourner l’épée les uns contre les autres. Le camp s’enfuit jusqu’à Beth-Schitta vers Tseréra, jusqu’au bord d’Abel-Mehola près de Tabbath.
بۇ ئۈچ يۈز ئادەم كاناي چالغاندا، پەرۋەردىگار پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكى ياۋ لەشكەرلىرىنى بىر-بىرىنى قىلىچلاشقا سېلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن ياۋ قوشۇنى زېرەراھقا بارىدىغان يولدىكى بەيت-شىتتاھ تەرەپكە قاچتى؛ ئۇلار تابباتنىڭ يېنىدىكى ئابەل-مەھولاھنىڭ چېگرىسىغىچە قاچتى.
23 Les hommes d’Israël se rassemblèrent, ceux de Nephthali, d’Aser et de tout Manassé, et ils poursuivirent Madian.
ئاندىن نافتالى، ئاشىر ۋە پۈتكۈل ماناسسەھنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئىسرائىللار چاقىرىپ كېلىندى ۋە ئۇلار مىدىيانىيلارنى قوغلىدى.
24 Gédéon envoya des messagers dans toute la montagne d’Éphraïm, pour dire: Descendez à la rencontre de Madian, et coupez-leur le passage des eaux jusqu’à Beth-Bara et celui du Jourdain. Tous les hommes d’Éphraïm se rassemblèrent et ils s’emparèrent du passage des eaux jusqu’à Beth-Bara et de celui du Jourdain.
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئەفرائىم پۈتكۈل تاغلىقىنى ئارىلاپ كېلىشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئەفرائىملارغا: ــ «سىلەر چۈشۈپ مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، بەيت-باراھقىچە، شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى توسۇۋېلىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمنىڭ ھەممە ئادەملىرى يىغىلىپ، بەيت-باراھقىچە ۋە ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلىدى.
25 Ils saisirent deux chefs de Madian, Oreb et Zeeb; ils tuèrent Oreb au rocher d’Oreb, et ils tuèrent Zeeb au pressoir de Zeeb. Ils poursuivirent Madian, et ils apportèrent les têtes d’Oreb et de Zeeb à Gédéon de l’autre côté du Jourdain.
ئۇلار مىدىياننىڭ ئورەب ۋە زەئەب دېگەن ئىككى ئەمىرىنى تۇتۇۋالدى؛ ئورەبنى ئۇلار «ئورەب قورام تېشى» ئۈستىدە، زەئەبنى «زەئەب شاراب كۆلچىكى»دە ئۆلتۈردى، مىدىيانىيلارنى قوغلاپ بېرىپ، ئورەب ۋە زەئەبنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە گىدېئوننىڭ قېشىغا كەلدى.

< Juges 7 >