< 1 Timoteukselle 1 >

1 Paavali, Kristuksen Jeesuksen apostoli, Jumalan, meidän vapahtajamme, ja Kristuksen Jeesuksen, meidän toivomme, asettama,
قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز مەسىھ ئەيسانىڭ ئەمرى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن مەنكى پاۋلۇستىن
2 Timoteukselle, oikealle pojallensa uskossa. Armo, laupeus ja rauha Isältä Jumalalta ja Kristukselta Jeesukselta, meidän Herraltamme!
ئېتىقاد يولىدىكى ئۆزۈمنىڭ سادىق ئوغلۇم بولغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
3 Niinkuin minä Makedoniaan lähtiessäni kehoitin sinua jäämään Efesoon, käskeäksesi eräitä kavahtamaan, etteivät vieraita oppeja opettaisi
ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا، سەندىن ئۆتۈنگىنىمدەك [شۇنى يەنە ئۆتۈنىمەنكى]، [شۇ يەردىكى] بەزى كىشىلەرگە بىدئەت تەلىملەرنى ئۆگەتمەڭلار دەپ تاپىلىشىڭ ئۈچۈن سەن داۋاملىق ئەفەسۇس شەھىرىدە قالغىن؛
4 eivätkä puuttuisi taruihin ja loppumattomiin sukuluetteloihin, jotka pikemmin edistävät turhaa mietiskelyä kuin Jumalan armotaloutta, joka perustuu uskoon, niin kehoitan nytkin.
ئۇلارنىڭ ئەپسانىلەر ۋە ئايىغى يوق نەسەبنامىلەرگە بەند بولماسلىقىنى تاپىلىغىن؛ بۇلار خۇدانىڭ ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئۆز ئۆيىگە بولغان پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ، بەلكى پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس.
5 Mutta käskyn päämäärä on rakkaus, joka tulee puhtaasta sydämestä ja hyvästä omastatunnosta ja vilpittömästä uskosta.
ئەمدىلىكتە بىزگە تاپىلانغان تەلىمنىڭ مۇددىئاسى ساپ قەلب، پاك ۋىجدان ۋە ساختىلىقسىز ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر.
6 Muutamat ovat hairahtuneet niistä pois ja poikenneet turhiin jaarituksiin,
بۇ ئىشلاردا بەزى كىشىلەر چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىشقا بۇرۇلۇپ كەتتى.
7 tahtoen olla lainopettajia, vaikka eivät ymmärrä, mitä puhuvat ja minkä varmaksi väittävät.
ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى بولغۇسى بار؛ بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ھەدەپ قەيت قىلىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
8 Mutta me tiedämme, että laki on hyvä, kun sitä lain mukaisesti käytetään
ئەمدى بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى ئەينى مۇددىئاسىدا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر.
9 ja tiedetään, että lakia ei ole pantu vanhurskaalle, vaan laittomille ja niskoitteleville, jumalattomille ja syntisille, epähurskaille ja epäpyhille, isänsä tappajille ja äitinsä tappajille, murhamiehille,
چۈنكى بىز يەنە شۇنى بىلىمىزكى، تەۋرات قانۇنى ھەققانىي ئادەملەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەمەس، بەلكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ۋە بوينى قاتتىقلار ئۈچۈن، ئىخلاسسىزلار ۋە گۇناھكارلار ئۈچۈن، ئىپلاسلار ۋە كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلار ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئۈچۈن، قاتىللار،
10 haureellisille, miehimyksille, ihmiskauppiaille, valhettelijoille, valapattoisille ja kaikelle muulle, mikä on tervettä oppia vastaan-
بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، ئادەملەرنى قۇللۇققا بۇلىغۇچىلار، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ئۈچۈن ۋە ياكى ساغلام تەلىملەرگە زىت بولغان باشقا ھەرقانداق قىلمىشلاردا بولغانلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن.
11 autuaan Jumalan kirkkauden evankeliumin mukaisesti, joka on minulle uskottu.
بۇ تەلىملەر تەشەككۈر-مۇبارەككە لايىق بولغۇچى خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان شان-شەرىپىنى ئايان قىلغان خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان.
12 Minä kiitän häntä, joka minulle on voimaa antanut, Kristusta Jeesusta, meidän Herraamme, siitä, että hän katsoi minut uskolliseksi ja asetti palvelukseensa
ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن، مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىگەن رەببىمىز مەسىھ ئەيساغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى،
13 minut, entisen pilkkaajan ja vainoojan ja väkivallantekijän. Mutta minä sain laupeuden, koska olin tehnyt sitä tietämättömänä, epäuskossa;
ئۇ مېنى تەيىنلىدى! ــ بۇرۇن كۇپۇرلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زالىم بىر ئادەم بولساممۇ، ماڭا رەھىم كۆرسىتىلدى؛ چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم.
14 ja meidän Herramme armo oli ylen runsas, vaikuttaen uskoa ja rakkautta, joka on Kristuksessa Jeesuksessa.
ھالبۇكى، رەببىمىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى زىيادىلىشىپ، مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋۇجۇدۇمغا ئېلىپ كىرىلىشى بىلەن ئېشىپ تاشتى.
15 Varma on se sana ja kaikin puolin vastaanottamisen arvoinen, että Kristus Jeesus on tullut maailmaan syntisiä pelastamaan, joista minä olen suurin.
16 Mutta sentähden minä sain laupeuden, että Jeesus Kristus minussa ennen muita osoittaisi kaiken pitkämielisyytensä, esikuvaksi niille, jotka tulevat uskomaan häneen, itsellensä iankaikkiseksi elämäksi. (aiōnios g166)
‏ مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر. (aiōnios g166)
17 Mutta iankaikkiselle kuninkaalle, katoamattomalle, näkymättömälle, ainoalle Jumalalle, kunnia ja kirkkaus aina ja iankaikkisesti! Amen. (aiōn g165)
ئەمدى مەڭگۈلۈك پادىشاھقا، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، بىردىنبىر خۇداغا ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆرمەت-ئىززەت ۋە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn g165)
18 Tämän käskyn minä annan sinun toimitettavaksesi, poikani Timoteus, aikaisempien, sinusta lausuttujen ennustusten mukaisesti, että niiden nojalla taistelisit jalon taistelun,
ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان بېشارەتلىك ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلىپ، ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئۇرۇش قىلغايسەن. بەزىلەر ۋىجدانىدا پاك تۇرۇشتىن چەتنەپ كەتتى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ غەرق بولغان كېمىدەك ۋەيران بولدى.
19 säilyttäen uskon ja hyvän omantunnon, jonka eräät ovat hyljänneet ja uskossaan haaksirikkoon joutuneet.
20 Niitä ovat Hymeneus ja Aleksander, jotka minä olen antanut saatanan haltuun, kuritettaviksi, etteivät enää pilkkaisi.
خۇمېنېئۇس ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە تاپشۇردۇم.

< 1 Timoteukselle 1 >