< Psalms 89 >

1 An instruction, by Ethan the Ezrahite. Of the kind acts of Jehovah, to the age I sing, To all generations I make known Thy faithfulness with my mouth,
ئەزراھلىق ئېتان يازغان «ماسقىل»: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ئاغزىمدا دەۋردىن-دەۋرگىچە ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئايان قىلىمەن.
2 For I said, 'To the age is kindness built, The heavens! Thou dost establish Thy faithfulness in them.'
چۈنكى مەن: ئۆزگەرمەس مۇھەببەت مەڭگۈگە تىكلىنىپ ماڭىدۇ، سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئەرشىئەلادا مۇستەھكەملەۋاتىسەن ــ دەپ بىلدىم؛
3 I have made a covenant for My chosen, I have sworn to David My servant:
سەن دېدىڭكى: ــ «مەن تاللىۋالغىنىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنمەن؛ قۇلۇم داۋۇتقا قەسەم قىلدىم: ــ
4 'Even to the age do I establish thy seed, And have built to generation and generation thy throne. (Selah)
سېنىڭ ئەۋلادىڭنى مەڭگۈ داۋام قىلدۇرىمەن، تەختىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قۇرۇپ چىقىمەن». سېلاھ.
5 and the heavens confess Thy wonders, O Jehovah, Thy faithfulness also [is] in an assembly of holy ones.
ھەم ئاسمانلارمۇ سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭنى تەبرىكلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەسلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇلار ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛
6 For who in the sky, Compareth himself to Jehovah? Is like to Jehovah among sons of the mighty?
چۈنكى ئاسمانلاردا پەرۋەردىگارنىڭ تەڭدىشى بارمۇ؟ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا پەرۋەردىگارغا ئوخشايدىغان كىم بار؟
7 God is very terrible, In the secret counsel of His holy ones, And fearful over all surrounding Him.
تەڭرىنىڭ ھەيۋىسى مۇقەددەسلەرنىڭ مەجلىسىدىكىلەرنى قاتتىق تىترىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ قورقۇنچلۇقتۇر.
8 O Jehovah, God of Hosts, Who [is] like Thee — a strong Jah? And Thy faithfulness [is] round about Thee.
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، قۇدرەتلىك ياھ، ساڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ ئەتراپىڭدا ھەقىقەت-ساداقىتىڭ تۇرۇقلۇقتۇر.
9 Thou [art] ruler over the pride of the sea, In the lifting up of its billows Thou dost restrain them.
دېڭىزنىڭ مەغرۇرلۇقى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىسەن، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگەندە، سەن ئۇلارنى تىنچلاندۇرىسەن؛
10 Thou hast bruised Rahab, as one wounded. With the arm of Thy strength Thou hast scattered Thine enemies.
راھابنى ئۆلگۈدەك يانجىدىڭسەن، كۈچلۈك بىلىكىڭ بىلەن دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلىپ تارقىتىۋەتتىڭ.
11 Thine [are] the heavens — the earth also [is] Thine, The habitable world and its fulness, Thou hast founded them.
ئاسمانلار سېنىڭكى، يەرمۇ سېنىڭكىدۇر، جاھان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممىنى بەرپا قىلدىڭ.
12 North and south Thou hast appointed them, Tabor and Hermon in Thy name do sing.
شىمال ۋە جەنۇبنى، ئۇلارنى ياراتقانسەن، تابور ۋە ھەرمون چوققىلىرى نامىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەر.
13 Thou hast an arm with might, Strong is Thy hand — high Thy right hand.
قۇدرەتلىك بىلەك سېنىڭكىدۇر؛ كۈچلۈكتۇر سېنىڭ قولۇڭ، ئوڭ قولۇڭ ھەم كۆتۈرۈكلۈكتۇر.
14 Righteousness and judgment [Are] the fixed place of Thy throne, Kindness and truth go before Thy face.
تەختىڭنىڭ ئۇلى ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-ساداقەت دائىم دىدارىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ.
15 O the happiness of the people knowing the shout, O Jehovah, in the light of Thy face they walk habitually.
تەنتەنە ساداسىنى بىلگەن خەلق بەختلىكتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ جامالىڭنىڭ نۇرىدا ماڭىدۇ، ئى پەرۋەردىگار!
16 In Thy name they rejoice all the day, And in Thy righteousness they are exalted,
ئۇلار نامىڭدا كۈن بويى شاد بولار، ھەققانىيلىقىڭدا ئۇلار كۆتۈرۈلدى.
17 For the beauty of their strength [art] Thou, And in Thy good will is our horn exalted,
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ شان-شەرىپى ئۆزۈڭدۇرسەن، سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن مۈڭگۈزىمىز كۆتۈرۈلىدۇ.
18 For of Jehovah [is] our shield, And of the Holy One of Israel our king.
چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ قالقىنىمىز، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى شاھىمىزدۇر.
19 Then Thou hast spoken in vision, To Thy saint, yea, Thou sayest, I have placed help upon a mighty one, Exalted a chosen one out of the people,
سەن بۇرۇن ئۆز مۆمىن بەندەڭگە غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ سۆز قىلىپ شۇنى دېگەنىدىڭسەن: ــ «مەن بىر ئەزىمەت ئۈستىگە ياردىمىمنى قوندۇردۇم، ئەل ئارىسىدىن مەن تاللىۋالغان بىرسىنى كۆتۈردۈم؛
20 I have found David My servant, With My holy oil I have anointed him.
قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىم بىلەن مەن ئۇنى مەسىھ قىلىپ تىكلىدىم.
21 With whom My hand is established, My arm also doth strengthen him.
قولۇم ئۇنىڭغا يار بولۇشقا بېكىتىلگەن، بىلىكىم ئۇنى كۈچلەندۈرىدۇ.
22 An enemy exacteth not upon him, And a son of perverseness afflicteth him not.
دۈشمەن ئۇنىڭدىن ھېچ ئالۋان-سېلىق ئالمايدۇ، پەسكەش ئادەم ئۇنى قىستىمايدۇ؛
23 And I have beaten down before him his adversaries, And those hating him I plague,
بەلكى مەن رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا يانجىيمەن، ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛
24 And My faithfulness and kindness [are] with him, And in My name is his horn exalted.
ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىم ھەم مېھىر-مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، ھەم مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇنىڭ مۈڭگۈزى كۆتۈرۈلىدۇ.
25 And I have set on the sea his hand, And on the rivers his right hand.
مەن ئۇنىڭ قولىنى دېڭىز ئۈستىدە، ئوڭ قولىنى دەريالار ئۈستىدە قويىمەن.
26 He proclaimeth me: 'Thou [art] my Father, My God, and the rock of my salvation.'
ئۇ مېنى چاقىرىپ دەيدۇكى: ــ «سەن مېنىڭ ئاتام، مېنىڭ تەڭرىم، نىجاتلىقىم بولغان قورام تېشىمدۇرسەن!».
27 I also first-born do appoint him, Highest of the kings of the earth.
مەن يەنە ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم دەپ، دۇنيا پادىشاھلىرىدىن ئەڭ يۇقۇرىسى قىلىمەن.
28 To the age I keep for him My kindness, And My covenant [is] stedfast with him.
مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي قالدۇرىمەن، مېنىڭ ئەھدەم ئۇنىڭ بىلەن مەھكەم تۇرىدۇ؛
29 And I have set his seed for ever, And his throne as the days of the heavens.
مەن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەبەدىيلەشتۈرىمەن، ئۇنىڭ تەختىنى ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك داۋام قىلدۇرىمەن.
30 If his sons forsake My law, And in My judgments do not walk;
مۇبادا ئوغۇللىرى تەۋرات-قانۇنۇمدىن چىقىپ، ھۆكۈملىرىم بويىچە يۈرمىسە،
31 If My statutes they pollute, And My commands do not keep,
بەلگىلىمىلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا،
32 I have looked after with a rod their transgression, And with strokes their iniquity,
ــ ئۇ ۋاقىتتا ئىتائەتسىزلىكىنى تاياق بىلەن، گۇناھىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن.
33 And My kindness I break not from him, Nor do I deal falsely in My faithfulness.
لېكىن مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويمايمەن، ھەقىقەت-ساداقىتىمگە خىيانەت قىلمايمەن؛
34 I profane not My covenant, And that which is going forth from My lips I change not.
مەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، لەۋلىرىمدىن چىققانلىرىنى ھېچ ئۆزگەرتمەيمەن.
35 Once I have sworn by My holiness, I lie not to David,
مەن بىر قېتىم پاك-مۇقەددەسلىكىمگە قەسەم ئىچتىم ــ داۋۇتقا قەتئى يالغان سۆزلىمەيمەن: ــ
36 His seed is to the age, And his throne [is] as the sun before Me,
«ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەبەدىي داۋاملىشار؛ ئۇنىڭ تەختى كۆز ئالدىمدىكى قۇياش كەبى تۇرار؛
37 As the moon it is established — to the age, And the witness in the sky is stedfast. (Selah)
ئۇ ئاي كەبى مەڭگۈلۈك مۇستەھكەملىنەر، ئاسماندىكى تۇرغۇن گۇۋاھچىدەك مەزمۇت تۇرار». سېلاھ.
38 And Thou, Thou hast cast off, and dost reject, Thou hast shown Thyself wroth With Thine anointed,
بىراق سەن بۇلارنى چەتكە قېقىپ، تېنىپ كەتتىڭ؛ سەن مەسىھ قىلغان پادىشاھقا قاتتىق غەزەپلەندىڭ.
39 Hast rejected the covenant of Thy servant, Thou hast polluted to the earth his crown,
قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىدىن ۋاز كەچتىڭ، ئۇنىڭ تاجىنى يەرگە تاشلاپ داغ تەگكۈزدۇڭ.
40 Thou hast broken down all his hedges, Thou hast made his fenced places a ruin.
ئۇنىڭ بارلىق تام-پاسىللىرىنى يىقىتىپ، قەلئەلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ.
41 Spoiled him have all passing by the way, He hath been a reproach to his neighbours,
يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بۇلىماقتا، ئۇ بارلىق قوشنىلىرى ئالدىدا رەسۋا بولدى.
42 Thou hast exalted the right hand of his adversaries, Thou hast caused all his enemies to rejoice.
ئۇنى ئەزگەنلەرنىڭ ئوڭ قولىنى يۇقىرى كۆتۈردۈڭ، پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى خۇشال قىلدىڭ.
43 Also — Thou turnest back the sharpness of his sword, And hast not established him in battle,
بەرھەق، سەن ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى قايرىۋەتتىڭ، جەڭدە ئۇنى تىك تۇرغۇزمىدىڭ.
44 Hast caused [him] to cease from his brightness, And his throne to the earth hast cast down.
ئۇنىڭ جۇلالىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ تەختىنى يەرگە ئۆرۈۋەتتىڭسەن.
45 Thou hast shortened the days of his youth, Hast covered him over [with] shame. (Selah)
ياشلىق كۈنلىرىنى سەن قىسقارتتىڭ، ئۇنى خىجالەتكە چۆمدۈردۈڭ. سېلاھ.
46 Till when, O Jehovah, art Thou hidden? For ever doth Thy fury burn as fire?
قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ ئۆزۈڭنى ئەبەدىي يوشۇرىۋېرەمسەن؟ قەھرىڭ ئوت كەبى مەڭگۈ يانارمۇ؟
47 Remember, I pray Thee, what [is] life-time? Wherefore in vain hast Thou created All the sons of men?
ماڭا نىسبەتەن، ئۆمۈرنىڭ قىس ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتقىن! نېمىشقىمۇ بارلىق ئىنسان بالىلىرىنى بىھۇدىلىككە ياراتقانسەن؟
48 Who [is] the man that liveth, and doth not see death? He delivereth his soul from the hand of Sheol. (Selah) (Sheol h7585)
قېنى، قايسى ئادەم ياشاپ ئۆلۈمنى كۆرمەيدىكەن؟ ئۇ جېنىنى تەھتىسارانىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالامدىكەن؟ سېلاھ. (Sheol h7585)
49 Where [are] Thy former kindnesses, O Lord. Thou hast sworn to David in Thy faithfulness,
سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە داۋۇتقا قەسەم ئىچكەن، ئاۋۋالقى مېھىر-مۇھەببەتلەر قەيەردە قالدى، يا رەببىم؟
50 Remember, O Lord, the reproach of Thy servants, I have borne in my bosom all the strivings of the peoples,
قۇللىرىڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ياد ئەتكەيسەن، ئى رەب ــ مەن ئىچىمدە پۈتكۈل كۈچلۈك ئەللەرنىڭ مازاقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ــ
51 Wherewith Thine enemies reproached, O Jehovah, Wherewith they have reproached The steps of Thine anointed.
دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغاننىڭ قەدەملىرىنى قانچىلىك مەسخىرىلىگىنىنى، ئى پەرۋەردىگار، ياد ئەتكەيسەن!
52 Blessed [is] Jehovah to the age. Amen, and amen!
پەرۋەردىگارغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! ئامىن! ئامىن!

< Psalms 89 >