< Psalms 34 >

1 To Dauid, whanne he chaungide his mouth bifor Abymalech, and he `droof out Dauid, `and he yede forth. I schal blesse the Lord in al tyme; euere his heriyng is in my mouth.
داۋۇت يازغان كۈي: ــ (داۋۇت ئابىمەلەك [پادىشاھنىڭ] ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، [ئابىمەلەك] ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان) مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ.
2 Mi soule schal be preisid in the Lord; mylde men here, and be glad.
قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ، مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ.
3 Magnyfie ye the Lord with me; and enhaunse we his name into it silf.
مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار، بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى.
4 I souyte the Lord, and he herde me; and he delyueride me fro alle my tribulaciouns.
پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم، ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى.
5 Neiye ye to him, and be ye liytned; and youre faces schulen not be schent.
[مۆمىنلەر] ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛ يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى.
6 This pore man criede, and the Lord herde hym; and sauyde hym fro alle hise tribulaciouns.
[مەن] پېقىر-بىچارە [ئۇنىڭغا] نىدا قىلدى، پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى.
7 The aungel of the Lord sendith in the cumpas of men dredynge hym; and he schal delyuere hem.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
8 Taaste ye, and se, for the Lord is swete; blessid is the man, that hopith in hym.
پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
9 Alle ye hooli men of the Lord, drede hym; for no nedynesse is to men dredynge hym.
ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس.
10 Riche men weren nedi, and weren hungri; but men that seken the Lord schulen not faile of al good.
كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس.
11 Come, ye sones, here ye me; Y schal teche you the drede of the Lord.
كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي.
12 Who is a man, that wole lijf; loueth to se good daies?
ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟ كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟
13 Forbede thi tunge fro yuel; and thi lippis speke not gile.
ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر، لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
14 Turne thou awei fro yuel, and do good; seke thou pees, and perfitli sue thou it.
يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر.
15 The iyen of the Lord ben on iust men; and hise eeren ben to her preiers.
پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛
16 But the cheer of the Lord is on men doynge yuels; that he leese the mynde of hem fro erthe.
پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛
17 Just men cryeden, and the Lord herde hem; and delyueride hem fro alle her tribulaciouns.
ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛
18 The Lord is nyy hem that ben of troblid herte; and he schal saue meke men in spirit.
پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ.
19 Many tribulaciouns ben of iust men; and the Lord schal delyuere hem fro alle these.
ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ.
20 The Lord kepith alle the boonys of hem; oon of tho schal not be brokun.
[ئۇ ھەققانىينىڭ] سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ.
21 The deth of synneris is werst; and thei that haten a iust man schulen trespasse.
يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ.
22 The Lord schal ayenbie the soulis of hise seruauntis; and alle, that hopen in him, schulen not trespasse.
پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ.

< Psalms 34 >