< Job 9 >

1 Then Job answered,
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 “Truly I know that it is so, but how can man be just with God?
ۋاي، سېنىڭلا توغرا، [دۇنيانى] ھەقىقەتەن سەن دېگەندەك دەپ بىلىمەن! بىراق ئىنسان بالىسى قانداق قىلىپ تەڭرى ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟
3 If he is pleased to contend with him, he can’t answer him one time in a thousand.
ھەتتا ئەگەر بىرسى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشىشقا پېتىنالىسا، شۇ [كىشى] مەسىلىلەرنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
4 God is wise in heart, and mighty in strength. Who has hardened himself against him and prospered?
ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر دانالىق باردۇر، ئۇ زور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگىدۇر؛ كىممۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، يۈرىكىنى توم قىلىپ، كېيىن تىنچ-ئامان قالغان؟
5 He removes the mountains, and they don’t know it, when he overturns them in his anger.
ئۇ تاغلارنى غەزىپىدە غۇلاتقاندا، ئۇلارغا ھېچ بىلدۈرمەيلا ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلايدۇ.
6 He shakes the earth out of its place. Its pillars tremble.
ئۇ يەر-زېمىننى تەۋرىتىپ ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەپ كېتىدۇ.
7 He commands the sun and it doesn’t rise, and seals up the stars.
ئۇ قۇياشقا كۆتۈرۈلمە دەپ سۆز قىلسىلا، ئۇ قوپمايدۇ؛ ئۇ [خالىسا] يۇلتۇزلارنىڭمۇ نۇرىنى پېچەتلەپ قويالايدۇ.
8 He alone stretches out the heavens, and treads on the waves of the sea.
ئاسمانلارنى كەڭ يايغۇچى پەقەت ئۇدۇر، ئۇ دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىگە دەسسەپ يۈرىدۇ.
9 He makes the Bear, Orion, and the Pleiades, and the rooms of the south.
ئۇ يەتتە قاراقچى يۇلتۇز، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە قەلب يۇلتۇز توپىنى، جەنۇبىي يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىمۇ ياراتقان.
10 He does great things past finding out; yes, marvelous things without number.
ئۇ ھېسابلىغۇسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى، ساناپ تۈگىتەلمەيدىغان كارامەت ئىشلارنى قىلىدۇ.
11 Behold, he goes by me, and I don’t see him. He passes on also, but I don’t perceive him.
قارا، ئۇ يېنىمدىن ئۆتىدۇ، بىراق مەن ئۇنى كۆرمەيمەن؛ ئۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنى بايقىيالمايمەن.
12 Behold, he snatches away. Who can hinder him? Who will ask him, ‘What are you doing?’
مانا، ئۇ ئېلىپ كېتىدۇ، كىم ئۇنى ئۆز يولىدىن ياندۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭدىن: «نېمە قىلىۋاتىسەن» دەپ سوراشقا پېتىنالىسۇن؟
13 “God will not withdraw his anger. The helpers of Rahab stoop under him.
تەڭرى غەزىپىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ؛ راھابنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش ئېگىدۇ.
14 How much less will I answer him, and choose my words to argue with him?
شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيتتىم. مەن مۇنازىرە قىلغۇدەك قانداق سۆزلەرنى تاللىيالايتتىم؟
15 Though I were righteous, yet I wouldn’t answer him. I would make supplication to my judge.
مۇبادا مەن ھەققانىي بولساممۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيتتىم؛ مەن پەقەت سوتچىمغا ئىلتىجالا قىلالايتتىم.
16 If I had called, and he had answered me, yet I wouldn’t believe that he listened to my voice.
مەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، مەن تېخى ئۇنىڭ سادايىمنى ئاڭلىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان بولاتتىم؛
17 For he breaks me with a storm, and multiplies my wounds without cause.
ئۇ بوران-چاپقۇنلار بىلەن مېنى ئېزىدۇ، ئۇ يارىلىرىمنى سەۋەبسىز ئاۋۇتماقتا.
18 He will not allow me to catch my breath, but fills me with bitterness.
ئۇ ماڭا ھەتتا نەپەس ئېلىشقىمۇ رۇخسەت بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ ماڭا دەرد-ئەلەمنى يۈكلىۋەتتى.
19 If it is a matter of strength, behold, he is mighty! If of justice, ‘Who,’ says he, ‘will summon me?’
كۈچ-قۇدرەت توغرىسىدا گەپ قىلساق، مانا، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك [يەنە باشقا كىم] بار؟ ئادالەتكە كەلسەك، كىم ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟!
20 Though I am righteous, my own mouth will condemn me. Though I am blameless, it will prove me perverse.
مەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام، ئۆز ئاغزىم ئۆزۈمنى گۇناھقا پاتۇرار، قوسۇرسىز بولغان بولسام، ئۇ يەنىلا مېنى ئەگرى دەپ بېكىتەر.
21 I am blameless. I don’t respect myself. I despise my life.
بىراق مەن ئەسلىدە ئېيىبسىز ئىدىم. مەيلى، ئۆزۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىم بىلەن پەرۋايىم پەلەك! ئۆز جېنىمدىن تويدۇم!
22 “It is all the same. Therefore I say he destroys the blameless and the wicked.
ھەممە ئىش ئوخشاش ئىكەن؛ شۇڭا مەن دەيمەنكى، ئۇ دۇرۇسلارنىمۇ، يامانلارنىمۇ ئوخشاشلا يوقىتىدۇ.
23 If the scourge kills suddenly, he will mock at the trial of the innocent.
تۇيۇقسىز بېشىغا قازا كېلىپ ئۆلسە، ئۇ بىگۇناھلارغا قىلىنغان بۇ سىناققا قاراپ كۈلىدۇ.
24 The earth is given into the hand of the wicked. He covers the faces of its judges. If not he, then who is it?
يەر يۈزى يامانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ بىراق ئۇ سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى بۇ ئادالەتسىزلىكنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ؛ مۇشۇنداق قىلغۇچى ئۇ بولماي، يەنە كىم بولسۇن؟
25 “Now my days are swifter than a runner. They flee away. They see no good.
مېنىڭ كۈنلىرىم يەلتاپاننىڭ يۈگۈرۈشىدىنمۇ تېز ئۆتىدۇ؛ ئۇلار مەندىن قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياخشىلىقى يوقتۇر.
26 They have passed away as the swift ships, as the eagle that swoops on the prey.
ئۇلار قومۇش كېمىلەردەك چاپسان ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئالغۇر بۈركۈت ئوۋنى تۇتقىلى شۇڭغۇغاندەك تېز ماڭىدۇ.
27 If I say, ‘I will forget my complaint, I will put off my sad face, and cheer up,’
ئەگەر: «نالە-پەريادتىن توختاپ، چىرايىمنى تۇتۇلدۇرماي خۇش چىراي بولاي» دېسەممۇ،
28 I am afraid of all my sorrows. I know that you will not hold me innocent.
مەن يەنىلا ئازابلىرىمنىڭ ھەممىسىدىن قورقۇپ يۈرىمەن؛ چۈنكى سېنى مېنى بىگۇناھ ھېسابلىمايدۇ دەپ بىلىمەن.
29 I will be condemned. Why then do I labor in vain?
مەن ھامان ئەيىبلىك ئادەم بولسام، مەن بىھۇدە جاپا تارتىپ نېمە قىلاي؟
30 If I wash myself with snow, and cleanse my hands with lye,
ھەتتا قار سۈيى بىلەن يۇيۇنۇپ، قولۇمنى شۇنچە پاكىزلىغان بولساممۇ،
31 yet you will plunge me in the ditch. My own clothes will abhor me.
سەن يەنىلا مېنى ئەۋرەزگە چۆمۈلدۈرىسەنكى، ئۆز كىيىمىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدىغان بولىدۇ!
32 For he is not a man, as I am, that I should answer him, that we should come together in judgment.
چۈنكى ئۇ مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك، ماڭا ئوخشاش ئادەم ئەمەس. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سوتتا دەۋالاشقۇچىلىكىم يوقتۇر.
33 There is no umpire between us, that might lay his hand on us both.
ئوتتۇرىمىزدا ھەر ئىككىمىزنى ئۆز قولى بىلەن تەڭ تۇتىدىغان كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى!
34 Let him take his rod away from me. Let his terror not make me afraid;
ئۇ ئۆزىنىڭ تايىقىنى مەندىن يىراق قىلسۇن، ئۇنىڭ ۋەھىمىسى مېنى قورقاتمىسۇن؛
35 then I would speak, and not fear him, for I am not so in myself.
شۇندىلا مەن ئۇنىڭدىن قورقماي سۆزلىيەلەيتتىم؛ بىراق ئەھۋالىم ئۇنداق ئەمەستۇر!

< Job 9 >