< Song of Solomon 8 >

1 Oh that you were like my brother, who nursed from the breasts of my mother! If I found you outside, I would kiss you; yes, and no one would despise me.
«ئاھ، ئاپامنىڭ كۆكسىنى شورىغان ئىنىمدەك بولساڭئىدى! سېنى تالادا ئۇچرىتار بولسام، سۆيەتتىم، ۋە ھېچكىم مېنى كەمسىتمەيتتى.
2 I would lead you, bringing you into the house of my mother, who would instruct me. I would have you drink spiced wine, of the juice of my pomegranate.
مەن سېنى يېتەكلەيتتىم، ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرەتتىم؛ سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ؛ مەن ساڭا تېتىتقۇ شارابىدىن ئىچكۈزەتتىم؛ ئانارلىرىمنىڭ شەربىتىدىن ئىچكۈزەتتىم.
3 His left hand would be under my head. His right hand would embrace me.
ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا بولاتتى، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلايتتى!».
4 I adjure you, daughters of Jerusalem, that you not stir up, nor awaken love, until it so desires.
«سىلەرگە تاپىلايمەنكى، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى ــ «ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!»
5 Who is this who comes up from the wilderness, leaning on her beloved? Beloved Under the apple tree I awakened you. There your mother conceived you. There she was in labour and bore you.
«دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟ ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟» «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛ ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛ ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى».
6 Set me as a seal on your heart, as a seal on your arm; for love is strong as death. Jealousy is as cruel as Sheol. Its flashes are flashes of fire, a very flame of the LORD. (Sheol h7585)
«مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر! (Sheol h7585)
7 Many waters can’t quench love, neither can floods drown it. If a man would give all the wealth of his house for love, he would be utterly scorned.
كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛ بىرسى: «ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ».
8 We have a little sister. She has no breasts. What shall we do for our sister in the day when she is to be spoken for?
«بىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىز باردۇر، بىراق ئۇنىڭ كۆكسى يوقتۇر؛ سىڭلىمىزغا ئەلچىلەر كەلگەن كۈنىدە بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟»
9 If she is a wall, we will build on her a turret of silver. If she is a door, we will enclose her with boards of cedar.
«ئەگەر ئۇ سېپىل بولسا، بىز ئۇنىڭغا كۈمۈش مۇنار سالىمىز؛ ئەگەر ئۇ ئىشىك بولسا، بىز ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلايمىز».
10 I am a wall, and my breasts like towers, then I was in his eyes like one who found peace.
«ئۆزۈم بىر سېپىلدۇرمەن، ھەم مېنىڭ كۆكسىلىرىم مۇنارلاردەكتۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خاتىرجەملىك تاپقان بىرسىدەك بولدۇم».
11 Solomon had a vineyard at Baal Hamon. He leased out the vineyard to keepers. Each was to bring a thousand shekels of silver for its fruit.
«سۇلايماننىڭ بائال-ھاموندا ئۈزۈمزارى بار ئىدى، ئۈزۈمزارىنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋىسى ئۈچۈن مىڭ تەڭگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؛
12 My own vineyard is before me. The thousand are for you, Solomon, two hundred for those who tend its fruit.
ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مىڭ تەڭگىسى ساڭا بولسۇن، ئى سۇلايمان، شۇنىڭدەك ئىككى يۈز تەڭگە مېۋىسىنى باققۇچىلارغا بولسۇن».
13 You who dwell in the gardens, with friends in attendance, let me hear your voice!
«ھەي باغلاردا تۇرغۇچى، ھەمراھلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇسى بار؛ ماڭىمۇ ئۇنى ئاڭلاتقۇزغايسەن».
14 Come away, my beloved! Be like a gazelle or a young stag on the mountains of spices!
«ئى سۆيۈملۈكۈم، تېز بولە، جەرەن ياكى ياش بۇغىدەك بول، تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!»

< Song of Solomon 8 >