< Proverbs 24 >

1 Don’t be envious of evil men, neither desire to be with them;
يامانلارغا رەشك قىلما، ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى ئارزۇ قىلما؛
2 for their hearts plot violence and their lips talk about mischief.
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى زوراۋانلىقنىلا ئويلار؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى ئازار يەتكۈزۈشنى سۆزلەر.
3 Through wisdom a house is built; by understanding it is established;
ئائىلە بولسا دانالىق ئاساسىدا بەرپا قىلىنار؛ چۈشىنىش بىلەن مۇستەھكەملىنەر.
4 by knowledge the rooms are filled with all rare and beautiful treasure.
بىلىم بىلەن ئۆينىڭ خانىلىرى ھەرخىل قىممەتلىك، ئېسىل گۆھەرلەرگە تولدۇرۇلار.
5 A wise man has great power. A knowledgeable man increases strength,
دانا ئادەم زور كۈچكە ئىگىدۇر؛ بىلىمى بار ئادەم قۇدرىتىنى ئاشۇرار.
6 for by wise guidance you wage your war, and victory is in many advisors.
پۇختا نەسىھەتلەر بىلەن جەڭ قىلغىن؛ غەلىبە بولسا بىردىنبىر ئۇلۇغ مەسلىھەتچى بىلەن بولار.
7 Wisdom is too high for a fool. He doesn’t open his mouth in the gate.
دانالىق ئەقىلسىز ئادەمگە نىسبەتەن تولىمۇ ئېگىز، چۈشىنىكسىزدۇر؛ [چوڭلار] شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغاندا ئۇ زۇۋان ئاچالماس.
8 One who plots to do evil will be called a schemer.
ئەسكىلىكنى نىيەتلىگەن ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلار.
9 The schemes of folly are sin. The mocker is detested by men.
ئەخمەقلىقتىن بولغان نىيەت گۇناھدۇر؛ ھاكاۋۇر كىشى ئادەملەرگە يىرگىنچلىكتۇر.
10 If you falter in the time of trouble, your strength is small.
بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە جاسارەتسىز بولساڭ، كۈچسىز ھېسابلىنىسەن.
11 Rescue those who are being led away to death! Indeed, hold back those who are staggering to the slaughter!
[سەۋەبسىز] ئۆلۈمگە تارتىلغانلارنى قۇتقۇزغىن؛ بوغۇزلىنىش خەۋپىدە تۇرغانلاردىن ياردەم قولۇڭنى تارتما؛
12 If you say, “Behold, we didn’t know this,” doesn’t he who weighs the hearts consider it? He who keeps your soul, doesn’t he know it? Shall he not render to every man according to his work?
ئەگەر سەن: «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوقتۇر» دېسەڭ، ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تارازىغا سالغۇچى بۇنى كۆرمەسمۇ؟ جېنىڭنى ھايات ساقلىغۇچى ئۇنى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئىنسان بالسىنىڭ ئۆز قىلغانلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياندۇرماسمۇ؟
13 My son, eat honey, for it is good, the droppings of the honeycomb, which are sweet to your taste;
ئى ئوغلۇم، ھەسەل [تاپساڭ] ئىستىمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل بولسا تاتلىق تېتىيدۇ؛
14 so you shall know wisdom to be to your soul. If you have found it, then there will be a reward: Your hope will not be cut off.
دانالىق بىلەن تونۇشساڭ، ئۇمۇ كۆڭلۈڭگە شۇنىڭدەك بولار؛ ئۇنى تاپقىنىڭدا جەزمەن ياخشى كۆرىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس.
15 Don’t lay in wait, wicked man, against the habitation of the righteous. Don’t destroy his resting place;
ئى رەزىل ئادەم، ھەققانىينىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشنى كۈتمە، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى بۇلىغۇچى بولما!
16 for a righteous man falls seven times and rises up again, but the wicked are overthrown by calamity.
چۈنكى ھەققانىي يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشەر، بىراق ئاخىرى يەنە ئورنىدىن تۇرار. لېكىن رەزىل كىشى كۈلپەت ئىچىگە پۇتلىشىپ چۈشەر.
17 Don’t rejoice when your enemy falls. Don’t let your heart be glad when he is overthrown,
رەقىبىڭ يىقىلىپ كەتسە خۇش بولۇپ كەتمە، دۈشمىنىڭ پۇتلىشىپ چۈشسە شادلانما؛
18 lest the LORD see it, and it displease him, and he turn away his wrath from him.
پەرۋەردىگار بۇنى كۆرگەندە، بۇ قىلىقىڭنى ياخشى كۆرمەي، بەلكىم غەزىپىنى رەقىبىڭگە چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن.
19 Don’t fret yourself because of evildoers, neither be envious of the wicked;
يامانلار [راۋاج تاپسا]، بىئارام بولۇپ كەتمە؛ رەزىللەرگە رەشك قىلما.
20 for there will be no reward to the evil man. The lamp of the wicked will be snuffed out.
چۈنكى يامانلارنىڭ كېلەچىكى يوقتۇر، ئۇنىڭ چىرىغىمۇ ئۆچۈرۈلەر.
21 My son, fear the LORD and the king. Don’t join those who are rebellious,
ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگاردىن قورققىن، پادىشاھنىمۇ ھۆرمەت قىل. قۇتراتقۇچىلار بىلەن ئارىلاشما.
22 for their calamity will rise suddenly. Who knows what destruction may come from them both?
بۇنداق كىشىلەرگە كېلىدىغان بالايىئاپەت ئۇشتۇمتۇت بولار، [پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھنىڭ] ئۇلارنى قانداق يوقىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
23 These also are sayings of the wise: To show partiality in judgement is not good.
بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس.
24 He who says to the wicked, “You are righteous,” peoples will curse him, and nations will abhor him—
جىنايەتچىگە: «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر.
25 but it will go well with those who convict the guilty, and a rich blessing will come on them.
بىراق ئۇلار جىنايەتچىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىغان كىشىدىن خۇرسەن بولار، ئۇلار ئۇنىڭغا بەخت-سائادەت تىلىشەر.
26 An honest answer is like a kiss on the lips.
دۇرۇس جاۋاب بەرگۈچى، گوياكى كىشىنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگۈچىدۇر.
27 Prepare your work outside, and get your fields ready. Afterwards, build your house.
ئاۋۋال سىرتتا ئىشلىرىڭنىڭ يولىنى ھازىرلاپ، ئېتىز-ئېرىقلىرىڭنى تەييارلا، ئاندىن ئۆيۈڭنى سالغىن.
28 Don’t be a witness against your neighbour without cause. Don’t deceive with your lips.
يېقىنىڭغا قارشى ئاساسسىز گۇۋاھلىق قىلما؛ ئاغزىڭدىن ھېچ يالغانچىلىق چىقارما.
29 Don’t say, “I will do to him as he has done to me; I will repay the man according to his work.”
«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرىمەن»، دېگۈچى بولما.
30 I went by the field of the sluggard, by the vineyard of the man void of understanding.
مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم،
31 Behold, it was all grown over with thorns. Its surface was covered with nettles, and its stone wall was broken down.
مانا، ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، خوخىلار يەر يۈزىنى بېسىپ كەتكەن، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن!
32 Then I saw, and considered well. I saw, and received instruction:
ئۇلارنى كۆرگەچ، ئوبدان ئويلاندىم؛ كۆرگىنىمدىن ساۋاق ئالدىم: ــ
33 a little sleep, a little slumber, a little folding of the hands to sleep,
سەن: «يەنە بىردەم كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، يەنە بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي» ــ دېسەڭ،
34 so your poverty will come as a robber and your want as an armed man.
نامراتلىق بۇلاڭچىدەك سېنى بېسىپ كېلەر، ھاجەتمەنلىك قالقانلىق ئەسكەردەك ساڭا ھۇجۇم قىلار.

< Proverbs 24 >