< Job 6 >

1 Then Job answered,
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 “Oh that my anguish were weighed, and all my calamity laid in the balances!
«ئاھ، مېنىڭ دەردلىك زارلىرىم تارازىدا ئۆلچەنسە! ئاھ، بېشىمغا چۈشكەن بارلىق بالايىقازا بۇلار بىلەن بىللە تارازىلانسا!
3 For now it would be heavier than the sand of the seas, therefore my words have been rash.
شۇنداق قىلىنسا ئۇ ھازىر دېڭىزدىكى قۇمدىن ئېغىر بولۇپ چىقىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىم تەلۋىلەرچە بولۇۋاتىدۇ.
4 For the arrows of the Almighty are within me. My spirit drinks up their poison. The terrors of God set themselves in array against me.
چۈنكى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوقلىرى ماڭا سانجىلىپ ئىچىمدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە، تەڭرىنىڭ ۋەھىمىلىرى ماڭا قارشى سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.
5 Does the wild donkey bray when he has grass? Or does the ox low over his fodder?
ياۋا ئېشەك ئوت-چۆپ تاپقاندا ھاڭرامدۇ؟ كالا بولسا يەم-خەشەك ئۈستىدە مۆرەمدۇ؟
6 Can that which has no flavour be eaten without salt? Or is there any taste in the white of an egg?
تۇز بولمىسا تەمسىز نەرسىنى يېگىلى بولامدۇ؟ خام تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تەمى بارمۇ؟
7 My soul refuses to touch them. They are as loathsome food to me.
جېنىم ئۇلارغا تەگسىمۇ سەسكىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك تاماق بولۇپ تۇيۇلىدۇ.
8 “Oh that I might have my request, that God would grant the thing that I long for,
ئاھ، مېنىڭ تەشنا بولغىنىم كەلسىدى! تەڭرى ئىنتىزارىمنى ئىجابەت قىلسىدى!
9 even that it would please God to crush me; that he would let loose his hand, and cut me off!
ئاھ، تەڭرى مېنى يانجىپ تاشلىسۇن! ئۇ قولىنى قويۇۋېتىپ جېنىمنى ئۈزۈپ تاشلاشقا مۇۋاپىق كۆرسىدى!
10 Let it still be my consolation, yes, let me exult in pain that doesn’t spare, that I have not denied the words of the Holy One.
شۇنداق بولسا، ماڭا تەسەللى بولاتتى، ھەتتا رەھىمسىز ئاغرىقلاردا قىينالساممۇ، شادلىناتتىم؛ چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم!
11 What is my strength, that I should wait? What is my end, that I should be patient?
مەندە ئۆلۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانچىلىك ماغدۇر قالدى؟ مېنىڭ سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ ھاياتىمنى ئۇزارتىشىمنىڭ نېمە نەتىجىسى بولار؟
12 Is my strength the strength of stones? Or is my flesh of bronze?
مېنىڭ كۈچۈم تاشتەك چىڭمۇ؟ مېنىڭ ئەتلىرىم مىستىن ياسالغانمىدى؟
13 Isn’t it that I have no help in me, that wisdom is driven away from me?
ئۆزۈمگە ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ئەمەسمۇ؟ ھەرقانداق ئەقىل-تەدبىر مەندىن قوغلىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟
14 “To him who is ready to faint, kindness should be shown from his friend; even to him who forsakes the fear of the Almighty.
ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن.
15 My brothers have dealt deceitfully as a brook, as the channel of brooks that pass away;
بىراق بۇرادەرلىرىم ۋاقىتلىق «ئالدامچى ئېرىق» سۈيىدەك، ماڭا ھېلىگەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا؛ ئۇلار سۇلىرى ئېقىپ تۈگىگەن ئېرىققا ئوخشايدۇ.
16 which are black by reason of the ice, in which the snow hides itself.
ئېرىگەن مۇز سۇلىرى ئېرىققا كىرگەندە ئۇلار قارىداپ كېتىدۇ، قارلار ئۇلارنىڭ ئىچىدە يوقىلىپ كېتىدۇ،
17 In the dry season, they vanish. When it is hot, they are consumed out of their place.
ئۇلار پەسىلنىڭ ئىللىشى بىلەن قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئىزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ.
18 The caravans that travel beside them turn away. They go up into the waste, and perish.
سەپەرداشلار ماڭغان يولىدىن چىقىپ، ئېرىققا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئېرىقنى بويلاپ مېڭىپ، چۆلدە ئېزىپ ئۆلىدۇ.
19 The caravans of Tema looked. The companies of Sheba waited for them.
تېمالىق كارۋانلارمۇ ئېرىق ئىزدەپ ماڭدى؛ شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بىلەن قارىدى؛
20 They were distressed because they were confident. They came there, and were confounded.
بىراق ئۇلار ئىشەنگىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ نومۇستا قالدى؛ ئۇلار ئاشۇ يەرگە كېلىشى بىلەن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى.
21 For now you are nothing. You see a terror, and are afraid.
مانا سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش [ماڭا تايىنى] يوق بولۇپ قالدىڭلار؛ سىلەر قورقۇنچلۇق بىر ۋەھىمىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر.
22 Did I ever say, ‘Give to me’? or, ‘Offer a present for me from your substance’?
مەن سىلەرگە: «ماڭا بېرىڭلار»، ياكى: «ماڭا مال-مۈلۈكلىرىڭلاردىن ھەدىيە قىلىڭلار؟» ــ دېگەننى قاچان دەپ باققان؟
23 or, ‘Deliver me from the adversary’s hand’? or, ‘Redeem me from the hand of the oppressors’?
ياكى: «مېنى ئېزىتقۇچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار!» ياكى «زوراۋانلارنىڭ قولىدىن گۆرۈگە پۇل بەرسەڭلار!» دەپ باققانمۇ؟
24 “Teach me, and I will hold my peace. Cause me to understand my error.
ماڭا ئۆگىتىپ قويۇڭلار، سۈكۈت قىلىمەن؛ نەدە يولدىن چىققانلىقىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار.
25 How forcible are words of uprightness! But your reproof, what does it reprove?
توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە! بىراق ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟!
26 Do you intend to reprove words, since the speeches of one who is desperate are as wind?
ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا، پەقەت سۆزلەرنىلا ئەيىبلىمەكچىمۇسىلەر؟
27 Yes, you would even cast lots for the fatherless, and make merchandise of your friend.
سىلەر يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۈستىدە چەك تاشلىشىسىلەر! دوست-بۇرادىرىڭلار ئۈستىدە سودىلىشىسىلەر!
28 Now therefore be pleased to look at me, for surely I will not lie to your face.
ئەمدى ماڭا يۈز تۇرانە قاراپ بېقىڭلار؛ ئالدىڭلاردىلا يالغان سۆز قىلالامدىم؟
29 Please return. Let there be no injustice. Yes, return again. My cause is righteous.
ئۆتۈنىمەن، بولدى قىلىڭلار، گۇناھ بولمىسۇن؛ راست، قايتىدىن ئويلاپ بېقىڭلار، چۈنكى ئۆزۈمنىڭ توغرىلىقىم [تارازىدا] تۇرىدۇ.
30 Is there injustice on my tongue? Can’t my taste discern mischievous things?
تىلىمدا خاتالىق بارمۇ؟ تىلىم يامانلىقنى زادى تېتىيالماسمۇ؟

< Job 6 >