< Isaiah 48 >

1 “Hear this, house of Jacob, you who are called by the name of Israel, and have come out of the waters of Judah. You swear by Yahweh’s name, and make mention of the God of Israel, but not in truth, nor in righteousness—
ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، «ئىسرائىل»نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلار، «يەھۇدا بۇلاقلىرى»دىن چىققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ قەسەم قىلغۇچىسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى تىلغا ئالغۇچىسىلەر، بىراق بۇلار ھەقىقەت ھەم ھەققانىيلىقتىن ئەمەس! مۇنۇلارنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: ــ
2 for they call themselves citizens of the holy city, and rely on the God of Israel; Yahweh of Armies is his name.
(چۈنكى ئۇلار «مۇقەددەس شەھەر»نىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىدۇ، تېخى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا «تايىنار»مىش! ئۇنىڭ نامى بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردۇر!)
3 I have declared the former things from of old. Yes, they went out of my mouth, and I revealed them. I did them suddenly, and they happened.
مەن بۇرۇنلا «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى ئالدىنئالا بايان قىلدىم؛ ئۇلار ئۆز ئاغزىمدىن چىققان، مەن ئۇلارنى ئاڭلاتتىم؛ مەن بۇلارنى تۇيۇقسىز ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛
4 Because I knew that you are obstinate, and your neck is an iron sinew, and your brow bronze;
چۈنكى مەن سېنىڭ جاھىللىقىڭنى، بوينۇڭنىڭ پەيلىرىنىڭ تۆمۈر، يۈزۈڭنىڭ داپتەك ئىكەنلىكىنى بىلدىم؛
5 therefore I have declared it to you from of old; before it came to pass I showed it to you; lest you should say, ‘My idol has done them. My engraved image and my molten image has commanded them.’
سېنىڭ: «مېنىڭ بۇتۇم مۇشۇلارنى قىلدى»، ياكى «ئويما مەبۇدۇم، قۇيما مەبۇدۇم بۇلارنى بۇيرۇدى» ــ دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا مەن بالدۇر مۇشۇلارنى ساڭا بايان قىلدىم؛ ئىش يۈز بەرگۈچە ئۇلارنى ساڭا ئاڭلىتىپ تۇردۇم.
6 You have heard it. Now see all this. And you, won’t you declare it? “I have shown you new things from this time, even hidden things, which you have not known.
سەن بۇلارنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ باق! بۇنى راست دەپ ئېتىراپ قىلمامسىلەر؟ مەن باياتىن «يېڭى ئىشلار»نى، يەنى ساقلىنىپ يوشۇرۇنغان ئىشلارنى بايان قىلدىم، سەن بۇلارنى بىلگەن ئەمەسسەن.
7 They are created now, and not from of old. Before today, you didn’t hear them, lest you should say, ‘Behold, I knew them.’
سېنىڭ: «دەرۋەقە، مېنىڭ ئۇلاردىن بالدۇر خەۋىرىم بار ئىدى» دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بۇرۇن ئەمەس، ھازىرلا يارىتىلىدۇ؛ مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى سەن ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغانسەن.
8 Yes, you didn’t hear. Yes, you didn’t know. Yes, from of old your ear was not opened, for I knew that you dealt very treacherously, and were called a transgressor from the womb.
بەرھەق، سەن قۇلاق سالمىدىڭ، بەرھەق، سەن خەۋەرمۇ ئالمىدىڭ، بەرھەق، سېنىڭ قۇلىقىڭ خېلى بۇرۇنلا ئېچىلماي ئېتىكلىك قالدى؛ چۈنكى مەن سېنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلىۋېرىدىغانلىقىڭنى، بالىياتقۇدىكى چېغىڭدىن تارتىپ «ئاسىي» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىڭنى بىلدىم.
9 For my name’s sake, I will defer my anger, and for my praise, I hold it back for you so that I don’t cut you off.
ئۆز نامىم ئۈچۈن غەزىپىمنى كېچىكتۈرىمەن، شۆھرىتىم ئۈچۈن سېنى ئۈزۈپ تاشلىمايمەن دەپ غەزىپىمنى بېسىۋالدىم؛
10 Behold, I have refined you, but not as silver. I have chosen you in the furnace of affliction.
قارا، مەن سېنى تاۋلىدىم، بىراق كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلاندۇرمىدىم؛ مەن ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ خۇمدانىدا سېنى تاللىۋالدىم؛
11 For my own sake, for my own sake, I will do it; for how would my name be profaned? I will not give my glory to another.
ئۆز سەۋەبىمدىن، ئۆز سەۋەبىمدىن مەن مۇشۇنى قىلىمەن؛ مېنىڭ نامىمغا داغ تەگسە قانداق بولىدۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ شان-شۆھرىتىمنى باشقا بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمەن.
12 “Listen to me, O Jacob, and Israel my called: I am he. I am the first. I am also the last.
ئى ياقۇپ، ئى چاقىرغىنىم ئىسرائىل! ماڭا قۇلاق سالغىن؛ مەن «ئۇ»دۇرمەن؛ مەن تۇنجىدۇرمەن، بەرھەق ھەم ئاخىرقىدۇرمەن؛
13 Yes, my hand has laid the foundation of the earth, and my right hand has spread out the heavens. when I call to them, they stand up together.
مېنىڭ قولۇم يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان، ئوڭ قولۇم ئاسمانلارنى كەرگەن؛ مەن ئۇلارنى چاقىرساملا، ئۇلار جەم بولۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ.
14 “Assemble yourselves, all of you, and hear! Who among them has declared these things? He whom Yahweh loves will do what he likes to Babylon, and his arm will be against the Chaldeans.
ھەممىڭلار، جەم بولۇپ يىغىلىڭلار، ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ [بۇتلار] ئارىسىدا قايسىسى مۇشۇنداق ئىشلارنى بايان قىلغان؟ پەرۋەردىگار ياخشى كۆرگەن كىشى بولسا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارنى بابىلدا ئادا قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەك-قولى كالدىيلەرنىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن چۈشىدۇ؛
15 I, even I, have spoken. Yes, I have called him. I have brought him and he shall make his way prosperous.
مەن، مەن سۆز قىلغانمەن؛ دەرھەقىقەت، مەن ئۇنى چاقىردىم؛ مەن ئۇنى ئالدىغا چىقىرىۋالدىم؛ ئۇنىڭ يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
16 “Come near to me and hear this: “From the beginning I have not spoken in secret; from the time that it happened, I was there.” Now the Lord Yahweh has sent me with his Spirit.
ــ ماڭا يېقىن كېلىڭلار، مۇشۇنى ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ مەن ئەزەلدىن سۆزۈمنى يوشۇرۇن قىلغان ئەمەس؛ [سۆزۈم] ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدىمۇ يەنىلا شۇ يەردە بولغانمەن؛ ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ روھى مېنى ئەۋەتتى!
17 Yahweh, your Redeemer, the Holy One of Israel, says: “I am Yahweh your God, who teaches you to profit, who leads you by the way that you should go.
ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇن دەپ ساڭا ئۆگەتكۈچى، ساڭا تېگىشلىك بولغان يولدا سېنى يېتەكلىگۈچى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛
18 Oh that you had listened to my commandments! Then your peace would have been like a river and your righteousness like the waves of the sea.
سەن مېنىڭ پەرمانلىرىمغا قۇلاق سالغان بولساڭىدى! ئۇنداق بولغاندا بەخت-خاتىرجەملىكىڭ دەريادەك، ھەققانىيلىقىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بولاتتى!
19 Your offspring also would have been as the sand and the descendants of your body like its grains. His name would not be cut off nor destroyed from before me.”
سېنىڭ نەسلىڭ بولسا ئۇنىڭ قۇملىرىدەك، ئىچ-قارنىڭدىن چىققان پەرزەنتلىرىڭ قۇم دانچىلىرىدەك سانسىز بولاتتى! ئۇلارنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئالدىمدا ھەرگىز ئۆچۈرۈۋېتىلمەيدىغان ياكى يوقىتىۋېتىلمەيدىغان بولاتتى!
20 Leave Babylon! Flee from the Chaldeans! With the sound of joyful shouting announce this, tell it even to the end of the earth; say, “Yahweh has redeemed his servant Jacob!”
بابىلدىن چىقىڭلار، كالدىيلەردىن قېچىپ كېتىڭلار! ناخشا ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىپ مۇشۇنى جاكارلاڭلار، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىتىڭلار، جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئۇنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دەڭلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزدى!
21 They didn’t thirst when he led them through the deserts. He caused the waters to flow out of the rock for them. He also split the rock and the waters gushed out.
ئۇلار چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتكەندە ھېچ ئۇسساپ قالمىدى؛ ئۇ سۇلارنى تاشتىن ئاققۇزۇپ بەردى؛ بەرھەق، ئۇ تاشنى يارغۇزدى، سۇلار ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى!».
22 “There is no peace”, says Yahweh, “for the wicked.”
«رەزىللەر ئۈچۈن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بەخت-خاتىرجەملىك يوقتۇر».

< Isaiah 48 >