< Daniel 8 >

1 In the third year of the reign of King Belshazzar, a vision appeared to me, even to me, Daniel, after that which appeared to me at the first.
پادىشاھ بەلشازار تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، مەنكى دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم.
2 I saw the vision. Now it was so, that when I saw, I was in the citadel of Susa, which is in the province of Elam. I saw in the vision, and I was by the river Ulai.
غايىبانە كۆرۈنۈشتە، ئۆزۈمنى ئېلام ئۆلكىسىدىكى شۇشان قەلئەسىدە كۆردۈم. كۆرۈنۈشتە مەن ئۇلاي چوڭ ئۆستىڭى بويىدا ئىدىم.
3 Then I lifted up my eyes and saw, and behold, a ram which had two horns stood before the river. The two horns were high, but one was higher than the other, and the higher came up last.
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئىككى مۈڭگۈزى بار بىر قوچقارنىڭ چوڭ ئۆستەڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئېگىز بولۇپ، بىر مۈڭگۈز يەنە بىرىدىن ئېگىز ئىدى؛ ئېگىزرەك بولغان مۈڭگۈز يەنە بىرسىدىن كېيىنرەك ئۆسۈپ چىققانىدى.
4 I saw the ram pushing westward, northward, and southward. No animals could stand before him. There wasn’t any who could deliver out of his hand, but he did according to his will, and magnified himself.
مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلەرگە ئۈسۈۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى ۋە ھېچكىم ھېچكىمنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالمايتتى. ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلاتتى، بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كېتىۋاتاتتى.
5 As I was considering, behold, a male goat came from the west over the surface of the whole earth, and didn’t touch the ground. The goat had a notable horn between his eyes.
مەن بۇ توغرۇلۇق ئويلاۋاتاتتىم، مانا، غەرب تەرەپتىن بىر تېكە پۇتلىرى يەرگە تەگمىگەن ھالدا پۈتۈن جاھاننى كېزىپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىغا كۆرۈنەرلىك چوڭ بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىققانىدى.
6 He came to the ram that had the two horns, which I saw standing before the river, and ran on him in the fury of his power.
ئۇ مەن دەسلەپ كۆرگەن ھېلىقى ئۆستەڭ بويىدا تۇرغان ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا قاراپ قەھرى بىلەن شىددەتلىك ئېتىلدى.
7 I saw him come close to the ram, and he was moved with anger against him, and struck the ram, and broke his two horns. There was no power in the ram to stand before him; but he cast him down to the ground and trampled on him. There was no one who could deliver the ram out of his hand.
مەن ئۇنىڭ قوچقارغا يېقىن كېلىپ، غەزەپ بىلەن قوچقارنى ئۈسۈپ ئىككى مۈڭگۈزىنى سۇندۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. قوچقارنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك مادارى قالمىغانىدى، تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، دەسسەپ-چەيلىدى، تېكىنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇنى قۇتقۇزىۋالىدىغان ئادەم چىقمىدى.
8 The male goat magnified himself exceedingly. When he was strong, the great horn was broken; and instead of it there came up four notable horns toward the four winds of the sky.
تېكە بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ خېلى كۈچىيىپ بولغاندا، چوڭ مۈڭگۈزى سۇنۇپ چۈشۈپ، ئەسلىدىكى جايىدىن ئاسماندىكى تۆت شامالغا قاراپ تۇرىدىغان، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆت مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى.
9 Out of one of them came out a little horn which grew exceedingly great—toward the south, and toward the east, and toward the glorious land.
بۇ تۆت مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى بىرىدىن يەنە بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولدى، جەنۇب، شەرق تەرەپلەرگە ۋە «گۈزەل زېمىن»غا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.
10 It grew great, even to the army of the sky; and it cast down some of the army and of the stars to the ground and trampled on them.
ئۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتتى، ساماۋىي قوشۇندىكىلەردىن ۋە يۇلتۇزلاردىن بىرمۇنچىسىنى يەرگە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دەسسىدى
11 Yes, it magnified itself, even to the prince of the army; and it took away from him the continual burnt offering, and the place of his sanctuary was cast down.
(ئۇ تولىمۇ مەغرۇرلىنىپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇننىڭ سەردارى بىلەن تەڭ بولماقچى بولۇپ، ئىبادەتخانىدا سەردارغا ئاتاپ كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ھەمدە سەردارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى ۋەيران قىلىۋەتتى.
12 The army was given over to it together with the continual burnt offering through disobedience. It cast down truth to the ground, and it did its pleasure and prospered.
ئاسىيلىق تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ خەلقى ۋە كۈندىلىك قۇربانلىق چوڭ مۈڭگۈزگە تاپشۇرۇلىدۇ). ئۇ ھەقىقەتنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.
13 Then I heard a holy one speaking; and another holy one said to that certain one who spoke, “How long will the vision about the continual burnt offering, and the disobedience that makes desolate, to give both the sanctuary and the army to be trodden under foot be?”
كەينىدىن، بىر مۇقەددەس [پەرىشتىنىڭ] سۆز قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇقەددەس [پەرىشتە] سۆز قىلغان [پەرىشتىدىن]: ــ غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق، كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ھەم خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
14 He said to me, “To two thousand and three hundred evenings and mornings. Then the sanctuary will be cleansed.”
ھېلىقى پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: ــ بۇ ئىشلار ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدىن كېيىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي» پاكىزلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، ــ دېدى.
15 When I, even I Daniel, had seen the vision, I sought to understand it. Then behold, there stood before me someone with the appearance of a man.
بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، مەنكى دانىيال ئۇنىڭ مەنىسىنى ئويلاۋاتقىنىمدا، مانا، ئالدىمدا ئادەمنىڭ قىياپىتىدە بىرسى پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى.
16 I heard a man’s voice between the banks of the Ulai, which called and said, “Gabriel, make this man understand the vision.”
ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن: ــ ئەي جەبرائىل، بۇ ئادەمگە غايىبانە ئالامەتنى چۈشەندۈرۈپ بەر، ــ دېگەن بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.
17 So he came near where I stood; and when he came, I was frightened, and fell on my face; but he said to me, “Understand, son of man, for the vision belongs to the time of the end.”
[جەبرائىل] يېنىمغا كەلدى. كەلگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم. ئۇ ماڭا: ــ ئەي ئىنسان ئوغلى، سەن شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇ غايىبانە ئالامەت ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر، ــ دېدى.
18 Now as he was speaking with me, I fell into a deep sleep with my face toward the ground; but he touched me and set me upright.
ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا مەن بىھوش ھالدا يەردە دۈم ياتاتتىم. لېكىن ئۇ ماڭا شۇنداق بىر يېنىك تېگىپلا مېنى تۇرغۇزدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ
19 He said, “Behold, I will make you know what will be in the latter time of the indignation, for it belongs to the appointed time of the end.
«مەن ھازىر ساڭا [خۇدانىڭ] غەزىپى كەلگەن مەزگىلدە كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت زامانلارنىڭ بېكىتىلگەن ئاخىرقى نۇقتىسى توغرىسىدىدۇر.
20 The ram which you saw, that had the two horns, they are the kings of Media and Persia.
سەن كۆرگەن ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار مېدىئا بىلەن پارس پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
21 The rough male goat is the king of Greece. The great horn that is between his eyes is the first king.
ياۋا تېكە بولسا گرېتسىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۈڭگۈز بولسا، ئۇنىڭ بىرىنچى پادىشاھىدۇر.
22 As for that which was broken, in the place where four stood up, four kingdoms will stand up out of the nation, but not with his power.
ئۇ مۈڭگۈز سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن ئۆسۈپ چىققان ھېلىقى تۆت مۈڭگۈز بۇ ئەلنىڭ تۆت پادىشاھلىققا بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۈچى بىرىنچى پادىشاھلىققا يەتمەيدۇ.
23 “In the latter time of their kingdom, when the transgressors have come to the full, a king of fierce face, and understanding riddles, will stand up.
بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھى توشۇشى بىلەن تولىمۇ نومۇسسىز، چىگىش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ.
24 His power will be mighty, but not by his own power. He will destroy awesomely, and will prosper in what he does. He will destroy the mighty ones and the holy people.
ئۇنىڭ كۈچى خېلى زور بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ كۈچ ئۆزلۈكىدىن چىقمايدۇ؛ ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى جەزمەن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ. ئۇ كۈچلۈكلەرنى ۋە [خۇدانىڭ] مۇقەددەس مۆمىن خەلقىنى يوقىتىدۇ.
25 Through his policy he will cause deceit to prosper in his hand. He will magnify himself in his heart, and he will destroy many in their security. He will also stand up against the prince of princes, but he will be broken without human hands.
ئۆز ئۇستاتلىقى بىلەن ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەرقانداق ھىيلە-مىكىرلىك خېلى روناق تاپىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز زەرب قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھالاك قىلىدۇ؛ ئۇ ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق «ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى»گە قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىردا ئىنسانلارنىڭ قولىسىز ھالاك قىلىنىدۇ.
26 “The vision of the evenings and mornings which has been told is true; but seal up the vision, for it belongs to many days to come.”
ساڭا ئايان قىلىنغان، ئاخشامدىن ئەتىگەنگىچە داۋاملاشقان بۇ غايىبانە ئالامەت ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. لېكىن سەن ئۇنى ۋاقتىنچە مەخپىي تۇت. چۈنكى ئۇ كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى ھەققىدىدۇر».
27 I, Daniel, fainted, and was sick for some days. Then I rose up and did the king’s business. I wondered at the vision, but no one understood it.
مەنكى دانىيال ماغدۇرۇمدىن قېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنىلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىدا بولدۇم. لېكىن بۇ غايىبانە ئالامەت كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى.

< Daniel 8 >