< 1 Chronicles 12 >

1 Now these are those who came to David to Ziklag while he was a fugitive from Saul the son of Kish. They were among the mighty men, his helpers in war.
داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى سائۇلنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن زىكلاگدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان چاغدا مۇنۇ كىشىلەر داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى (ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا جەڭ قىلىشتا ياردەم بەرگەن باتۇرلاردىن ئىدى؛
2 They were armed with bows, and could use both the right hand and the left in slinging stones and in shooting arrows from the bow. They were of Saul’s relatives of the tribe of Benjamin.
ئوقيا بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئوڭ قولى بىلەنمۇ، سول قولى بىلەنمۇ ئوقيا ۋە سالغا ئاتالايتتى؛ ئۇلار سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان تۇغقانلىرى ئىدى):
3 The chief was Ahiezer, then Joash, the sons of Shemaah the Gibeathite; Jeziel and Pelet, the sons of Azmaveth; Beracah; Jehu the Anathothite;
ــ ئۇلارنىڭ يولباشچىسى ئاخىئېزەر، ئاندىن قالسا يوئاش بولۇپ، ئىككىسى گىبېئاھلىق شېمائاھنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يەنە ئازماۋەتنىڭ ئوغلى يەزىيەل بىلەن پەلەتمۇ؛ يەنە بەراكاھ بىلەن ئاناتوتلۇق يەھۇ،
4 Ishmaiah the Gibeonite, a mighty man among the thirty and a leader of the thirty; Jeremiah; Jahaziel; Johanan; Jozabad the Gederathite;
گىبېئونلۇق يىشمايامۇ بار ئىدى. يىشمايا «ئوتتۇز پالۋان» ئىچىدە باتۇر بولۇپ شۇ ئوتتۇزىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئىدى؛ يەنە يەرەمىيا، ياھازىيەل، يوھانان ۋە گەدەراتلىق يوزاباد،
5 Eluzai; Jerimoth; Bealiah; Shemariah; Shephatiah the Haruphite;
ئەلۇزاي، يەرىموت، بىئالىيا، شەمارىيا، خارۇفلۇق شەفاتىيا،
6 Elkanah, Isshiah, Azarel, Joezer, and Jashobeam, the Korahites;
كوراھلىقلاردىن بولغان ئەلكاناھ، يىشىيا، ئازارەل، يوئېزەر ۋە ياشوبىئاملار؛
7 and Joelah and Zebadiah, the sons of Jeroham of Gedor.
يەنە گەدورلۇق يەروھامنىڭ ئوغلى يوئېلاھ بىلەن زەبادىيا بار ئىدى.
8 Some Gadites joined David in the stronghold in the wilderness, mighty men of valor, men trained for war, who could handle shield and spear; whose faces were like the faces of lions, and they were as swift as the gazelles on the mountains:
گاد قەبىلىسىدىن بەزىلەر چۆلدىكى قورغانغا بېرىپ داۋۇتقا بېقىندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگە ماھىر، قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى بەئەينى شىرغا، چاققانلىقى بەئەينى تاغدىكى بۆكەنگە ئوخشايتتى.
9 Ezer the chief, Obadiah the second, Eliab the third,
ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئېزەر، ئىككىنچىسى ئوبادىيا، ئۈچىنچىسى ئېلىئاب،
10 Mishmannah the fourth, Jeremiah the fifth,
تۆتىنچىسى مىشمانناھ، بەشىنچىسى يەرەمىيا،
11 Attai the sixth, Eliel the seventh,
ئالتىنچىسى ئاتتاي، يەتتىنچىسى ئەلىيەل،
12 Johanan the eighth, Elzabad the ninth,
سەككىزىنچىسى يوھانان، توققۇزىنچىسى ئەلزاباد،
13 Jeremiah the tenth, and Machbannai the eleventh.
ئونىنچىسى يەرەمىيا، ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى.
14 These of the sons of Gad were captains of the army. He who was least was equal to one hundred, and the greatest to one thousand.
بۇلارنىڭ ھەممىسى گاد قەبىلىسىدىن، قوشۇن ئىچىدە سەردارلار ئىدى؛ ئەڭ كىچىكى يۈز لەشكەرگە، ئەڭ چوڭى مىڭ لەشكەرگە يېتەكچى ئىدى.
15 These are those who went over the Jordan in the first month, when it had overflowed all its banks; and they put to flight all who lived in the valleys, both toward the east and toward the west.
بىرىنچى ئايدا، ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقتىن ئاشقان چاغدا، دەريادىن ئۆتۈپ، شەرققە ۋە غەربكە قارايدىغان بارلىق جىلغىلاردىكىلەرنى تىرىپىرەن قىلىپ قاچۇرغانلار دەل مۇشۇ ئادەملەر ئىدى.
16 Some of the children of Benjamin and Judah came to the stronghold to David.
بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىنمۇ كىشىلەر قورغانغا كېلىپ داۋۇتقا بېقىنغان.
17 David went out to meet them, and answered them, “If you have come peaceably to me to help me, my heart will be united with you; but if you have come to betray me to my adversaries, since there is no wrong in my hands, may the God of our fathers see this and rebuke it.”
داۋۇت چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ: «ئەگەر سىلەر تىنچلىق نىيىتىدە ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، سىلەر بىلەن بىر جان بىر دىل بولىمەن، لېكىن قوللىرىمدا ھېچ ناھەقلىق بولمىغان مېنى دۈشمەنلىرىمگە سېتىۋەتمەكچى بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى بۇنى نەزىرىگە ئېلىپ ھۆكۈم چىقارغاي!» ــ دېدى.
18 Then the Spirit came on Amasai, who was chief of the thirty, and he said, “We are yours, David, and on your side, you son of Jesse. Peace, peace be to you, and peace be to your helpers; for your God helps you.” Then David received them and made them captains of the band.
بۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاننىڭ يولباشچىسى ئاماسايغا چۈشىۋىدى، ئۇ: «ئاھ داۋۇت، بىز ساڭا بېقىندۇقمىز؛ ئاھ يەسسەنىڭ ئوغلى، بىز سەن بىلەن بىللىدۇرمىز؛ ئۆزۈڭگە ئامان-تىنچلىق، ئامان-تىنچلىق بولغاي! ساڭا ياردەم بەرگۈچىلەرگىمۇ ئامان-تىنچلىق بولغاي! چۈنكى سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا مەدەتكاردۇر» شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى ئېلىپ قېلىپ، «زەربىدار ئەترەت باشلىقلىرى» قىلدى.
19 Some of Manasseh also joined David when he came with the Philistines against Saul to battle, but they didn’t help them, for the lords of the Philistines sent him away after consultation, saying, “He will desert to his master Saul to the jeopardy of our heads.”
داۋۇت ئىلگىرى فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى (لېكىن ئۇلار [فىلىستىيلەرگە] ياردەم بەرمىدى، چۈنكى فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: «داۋۇت ئۆز غوجىسى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بېشىمىز كەتمەي قالمايدۇ!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى).
20 As he went to Ziklag, some from Manasseh joined him: Adnah, Jozabad, Jediael, Michael, Jozabad, Elihu, and Zillethai, captains of thousands who were of Manasseh.
داۋۇت زىكلاگقا قايتىپ بارغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى ئادناھ، يوزاباد، يەدىيايەل، مىكائىل، يوزاباد، ئېلىخۇ، زىلتايلار كېلىپ ئۇنىڭغا قوشۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ مىڭبېشىلىرى ئىدى.
21 They helped David against the band of raiders, for they were all mighty men of valor and were captains in the army.
ئۇلار داۋۇت قاراقچىلارغا قارشى جەڭ قىلغاندا ئۇنىڭغا ياردەملەشتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار، قوشۇندىكى يولباشچىلار ئىدى.
22 For from day to day men came to David to help him, until there was a great army, like God’s army.
چۈنكى شۇ كۈنلەردە داۋۇتقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئادەملەر كېلىپ قوشۇلۇپ، خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك زور بىر قوشۇن بولۇپ كەتكەنىدى.
23 These are the numbers of the heads of those who were armed for war, who came to David to Hebron to turn the kingdom of Saul to him, according to Yahweh’s word.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قوراللانغان جەڭچىلەر يولباشچىلىرى بىلەن ھېبرونغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ
24 The children of Judah who bore shield and spear were six thousand eight hundred, armed for war.
يەھۇدالاردىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغانلار جەمئىي ئالتە مىڭ سەككىز يۈز كىشى بولۇپ، ھەممىسى جەڭگە تەييارلانغانىدى.
25 Of the children of Simeon, mighty men of valor for the war: seven thousand one hundred.
شىمېئونلاردىن جەڭگە تەييارلانغان باتۇر جەڭچىلەر جەمئىي يەتتە مىڭ بىر يۈز كىشى،
26 Of the children of Levi: four thousand six hundred.
لاۋىيلاردىن جەمئىي تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛
27 Jehoiada was the leader of the household of Aaron; and with him were three thousand seven hundred,
يەھويادا ھارۇنلارنىڭ جەمەت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى.
28 and Zadok, a young man mighty of valor, and of his father’s house twenty-two captains.
يەنە ياش بىر باتۇر جەڭچى زادوك ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن يىگىرمە ئىككى يولباشچى بار ئىدى.
29 Of the children of Benjamin, Saul’s relatives: three thousand, for until then, the greatest part of them had kept their allegiance to Saul’s house.
بىنيامىنلاردىن، سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ ئۈچ مىڭ كىشى بار ئىدى؛ شۇ چاغقا قەدەر بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سائۇل جەمەتىنى قوللاپ كەلمەكتە ئىدى.
30 Of the children of Ephraim: twenty thousand eight hundred, mighty men of valor, famous men in their fathers’ houses.
ئەفرائىملاردىن، ئۆز جەمەتلىرىدە يۈز-ئابروي تاپقان باتۇر ئەزىمەتلەر جەمئىي يىگىرمە مىڭ سەككىز يۈز كىشى ئىدى.
31 Of the half-tribe of Manasseh: eighteen thousand, who were mentioned by name, to come and make David king.
ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئىچىدە نامى پۈتۈلگەن، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەشكە كەلگەنلەر جەمئىي ئون سەككىز مىڭ كىشى ئىدى.
32 Of the children of Issachar, men who had understanding of the times, to know what Israel ought to do, their heads were two hundred; and all their brothers were at their command.
ئىسساكارلاردىن زامان-ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىلنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان يولباشچىلار جەمئىي ئىككى يۈز كىشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرى ئۇلارنىڭ ئەمرىگە بويسۇناتتى.
33 Of Zebulun, such as were able to go out in the army, who could set the battle in array with all kinds of instruments of war: fifty thousand who could command and were not of double heart.
زەبۇلۇنلاردىن جەڭگە تەييارلانغان، ھەرخىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغان، داۋۇتنىڭ ياردىمىگە كەلگەن جەمئىي ئەللىك مىڭ كىشى ئىدى.
34 Of Naphtali: one thousand captains, and with them with shield and spear thirty-seven thousand.
نافتالىلاردىن يولباشچى بولغان مىڭ كىشى بار ئىدى؛ ئۇلارغا ئەگىشىپ قولىغا قالقان ۋە نەيزە ئالغانلار جەمئىي ئوتتۇز يەتتە مىڭ كىشىگە يېتەتتى.
35 Of the Danites who could set the battle in array: twenty-eight thousand six hundred.
دانلاردىن جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي يىگىرمە سەككىز مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى.
36 Of Asher, such as were able to go out in the army, who could set the battle in array: forty thousand.
ئاشىرلاردىن جەڭگە چىقىپ قوشۇن سېپىگە ئاتلىنىشقا تەييار بولغان جەمئىي قىرىق مىڭ كىشى ئىدى.
37 On the other side of the Jordan, of the Reubenites, the Gadites, and of the half-tribe of Manasseh, with all kinds of instruments of war for the battle: one hundred twenty thousand.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىن قولىغا ھەرخىل قورال-ياراغ ئېلىپ جەڭگە تەييارلانغان جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە مىڭ كىشى ئىدى.
38 All these were men of war who could order the battle array, and came with a perfect heart to Hebron to make David king over all Israel; and all the rest also of Israel were of one heart to make David king.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشى تەكشى بولۇپ، داۋۇتنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن بىر جان بىر دىل بولۇپ، ھېبرونغا كېلىشكەنىدى؛ قالغان ئىسرائىللارمۇ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەكچى بولۇشقانىدى.
39 They were there with David three days, eating and drinking; for their brothers had supplied provisions for them.
ئۇلار شۇ يەردە داۋۇت بىلەن ئۈچ كۈن بىللە يەپ-ئىچىپ غىزالاندى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇلارغا تەييارلاپ قويۇشقانىدى.
40 Moreover those who were near to them, as far as Issachar, Zebulun, and Naphtali, brought bread on donkeys, on camels, on mules, and on oxen: supplies of flour, cakes of figs, clusters of raisins, wine, oil, cattle, and sheep in abundance; for there was joy in Israel.
ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكى خەلقلەر، ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىلارنىڭ زېمىنىدىكىلەر ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە كالىلارغا ئارتىپ ئۇلارغا ناھايىتى كۆپ ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇلار زور مىقداردا ئۇن، ئەنجۈر پوشكىلى، ئۈزۈم پوشكىلى، شاراب، زەيتۇن مېيى ۋە نۇرغۇن قوي-كالىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكەنىدى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.

< 1 Chronicles 12 >