< Exodus 39 >

1 Of the blue, purple, and scarlet, they made finely worked garments for ministering in the holy place, and made the holy garments for Aaron, as the LORD commanded Moses.
پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئىشلىتىلىپ، مۇقەددەس چېدىرنىڭ خىزمىتىدە كىيىلىدىغان [كاھىنلىق] كىيىملەر، شۇنداقلا ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى تەييار قىلىندى.
2 He made the ephod of gold, blue, purple, scarlet, and fine twined linen.
[بەزالەل] ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەردىن ئەفودنى ياساپ تەييارلىدى.
3 They beat the gold into thin plates, and cut it into wires, to work it in with the blue, the purple, the scarlet, and the fine linen, the work of the skilful workman.
ئۇلار ئالتۇننى سوقۇپ نېپىز قىلىپ، ئۇنى كېسىپ يىپ قىلدى، ئاندىن بۇلارنى ماھىرلىق بىلەن كۆك يىپلار، سۆسۈن يىپلار ۋە قىزىل يىپلاردىن ئاق كاناپ رەختكە لاھايىلەنگەن نۇسخىلار ئۈستىگە توقۇدى.
4 They made shoulder straps for it, joined together. It was joined together at the two ends.
ئۇلار ئەفودنىڭ [ئالدى ۋە كەينى] قىسمىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىككى مۈرىلىك تاسما ياسىدى؛ ئەفودنىڭ ئىككى تەرىپى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلدى.
5 The skilfully woven band that was on it, with which to fasten it on, was of the same piece, like its work: of gold, of blue, purple, scarlet, and fine twined linen, as the LORD commanded Moses.
ئەفودنىڭ ئۈستىگە باغلايدىغان بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
6 They worked the onyx stones, enclosed in settings of gold, engraved with the engravings of a signet, according to the names of the children of Israel.
ئۇلار ئىككى ئاق ھېقىقنى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خۇددى مۆھۈر ئويغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويۇپ ياسىدى.
7 He put them on the shoulder straps of the ephod, to be stones of memorial for the children of Israel, as the LORD commanded Moses.
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا بېكىتىپ قويدى.
8 He made the breastplate, the work of a skilful workman, like the work of the ephod: of gold, of blue, purple, scarlet, and fine twined linen.
ئۇ قوشېننى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياسىدى؛ ئۇنى ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىدى.
9 It was square. They made the breastplate double. Its length was a span, and its width a span, being double.
ئۇلار قوشېننى ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىپ ياسىدى؛ ئىككى قات قىلىنغاندا ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ كېلەتتى.
10 They set in it four rows of stones. A row of ruby, topaz, and beryl was the first row;
ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتتى: ــ بىر قاتاردىكىسى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەتلەر ئىدى؛ بۇ بىرىنچى قاتار ئىدى.
11 and the second row, a turquoise, a sapphire, and an emerald;
ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس،
12 and the third row, a jacinth, an agate, and an amethyst;
ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس،
13 and the fourth row, a chrysolite, an onyx, and a jasper. They were enclosed in gold settings.
تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە بېكىتىلدى.
14 The stones were according to the names of the children of Israel, twelve, according to their names; like the engravings of a signet, everyone according to his name, for the twelve tribes.
بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلدى.
15 They made on the breastplate chains like cords, of braided work of pure gold.
ئۇلار قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن [ئىككى] ئېشىلمە زەنجىر ياسىدى؛
16 They made two settings of gold, and two gold rings, and put the two rings on the two ends of the breastplate.
ئۇلار قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى كۆزلۈك ۋە ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛
17 They put the two braided chains of gold in the two rings at the ends of the breastplate.
ئاندىن شۇ ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ،
18 The other two ends of the two braided chains they put on the two settings, and put them on the shoulder straps of the ephod, in its front.
ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، [كۆزلۈكلەرنى] ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتتى.
19 They made two rings of gold, and put them on the two ends of the breastplate, on its edge, which was towards the side of the ephod inward.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ [ئاستى تەرىپىدىكى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالدى.
20 They made two more rings of gold, and put them on the two shoulder straps of the ephod underneath, in its front, close by its coupling, above the skilfully woven band of the ephod.
مۇندىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن [يەنە] ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتتى.
21 They bound the breastplate by its rings to the rings of the ephod with a lace of blue, that it might be on the skilfully woven band of the ephod, and that the breastplate might not come loose from the ephod, as the LORD commanded Moses.
ئۇلار قوشېننىڭ ئەفودنىڭ بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆك شوينا بىلەن قوشېننىڭ ھالقىسىنى ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
22 He made the robe of the ephod of woven work, all of blue.
[بەزالەل] ئەفودنىڭ [ئىچىدىكى] توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلدى.
23 The opening of the robe in the middle of it was like the opening of a coat of mail, with a binding around its opening, that it should not be torn.
توننىڭ [باشقا كىيىلىدىغان] تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا، خۇددى ساۋۇتنىڭ ياقىسىدەك ئىشلەنگەنىدى؛ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز ئىشلەندى.
24 They made on the skirts of the robe pomegranates of blue, purple, scarlet, and twined linen.
ئۇلار توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئېسىپ قويدى.
25 They made bells of pure gold, and put the bells between the pomegranates around the skirts of the robe, between the pomegranates;
ئۇلار ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، قوڭغۇراقلارنى توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە، ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويدى؛ ھەر ئىككى ئانارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قوڭغۇراق ئېسىپ قويۇلدى.
26 a bell and a pomegranate, a bell and a pomegranate, around the skirts of the robe, to minister in, as the LORD commanded Moses.
[كاھىنلىق] خىزمىتىگە ئائىت [قوڭغۇراقلار] توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە بېكىتىلدى؛ بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار قىلىپ بېكىتىلدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
27 They made the tunics of fine linen of woven work for Aaron and for his sons,
ئۇلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن خالتا كۆڭلەكلەرنى تىكتى؛
28 the turban of fine linen, the linen headbands of fine linen, the linen trousers of fine twined linen,
سەللىنى ئاق كاناپ رەختتە ياسىدى، شۇنداقلا چىرايلىق ئېگىز بۆكلەرنى ئاق كاناپ رەختتە، تامباللارنى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛
29 the sash of fine twined linen, blue, purple, and scarlet, the work of the embroiderer, as the LORD commanded Moses.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بەلۋاغنىمۇ كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ كەشتىلەنگەن، نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
30 They made the plate of the holy crown of pure gold, and wrote on it an inscription, like the engravings of a signet: “HOLY TO THE LORD”.
ئۇلار يەنە نەپىس تاختاينى، يەنى مۇقەددەس ئوتۇغاتنى ساپ ئالتۇندىن ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر ئويغاندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويۇپ پۈتتى؛
31 They tied to it a lace of blue, to fasten it on the turban above, as the LORD commanded Moses.
ئۇلار ئوتۇغاتقا كۆك رەڭلىك يىپنى باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇغاتنى سەللىگە تاقىدى، بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى.
32 Thus all the work of the tabernacle of the Tent of Meeting was finished. The children of Israel did according to all that the LORD commanded Moses; so they did.
شۇ تەرىقىدە جامائەتنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممە قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى؛ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى شۇ بويىچە قىلدى؛ شۇ تەرىقىدە ھەممىسىنى پۈتتۈردى.
33 They brought the tabernacle to Moses: the tent, with all its furniture, its clasps, its boards, its bars, its pillars, its sockets,
ئۇلار چېدىرنى مۇسانىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ــ چېدىر يوپۇقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، ئىلمەكلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرى بىلەن تەگلىكلىرىنى،
34 the covering of rams’ skins dyed red, the covering of sea cow hides, the veil of the screen,
شۇنىڭدەك قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق بىلەن دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇقنى، «ئايرىما پەردە»نى،
35 the ark of the covenant with its poles, the mercy seat,
ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى،
36 the table, all its vessels, the show bread,
شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، شۇنداقلا «تەقدىم نانلار»نى،
37 the pure lamp stand, its lamps, even the lamps to be set in order, all its vessels, the oil for the light,
ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ چىراغلىرىنى، يەنى ئۈستىگە تىزىلغان چىراغلارنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى ھەم چىراغ مېيىنى،
38 the golden altar, the anointing oil, the sweet incense, the screen for the door of the Tent,
ئالتۇن خۇشبۇيگاھ، مەسىھلەش مېيى، دورا-دەرمەكلەردىن ياسالغان خۇشبۇينى، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى،
39 the bronze altar, its grating of bronze, its poles, all of its vessels, the basin and its base,
مىس قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، ئۇنىڭ بالداقلىرى بىلەن ھەممە ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى،
40 the hangings of the court, its pillars, its sockets, the screen for the gate of the court, its cords, its pins, and all the instruments of the service of the tabernacle, for the Tent of Meeting,
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى بىلەن ھويلىنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرىنى، مۇقەددەس چېدىرنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىغا ئائىت خىزمەتكە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋابلارنى،
41 the finely worked garments for ministering in the holy place, the holy garments for Aaron the priest, and the garments of his sons, to minister in the priest’s office.
مۇقەددەس جايغا ئائىت خىزمەت ئۈچۈن تىكىلگەن كاھىنلىق كىيىمىنى، يەنى ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى بولسا، ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى.
42 According to all that the LORD commanded Moses, so the children of Israel did all the work.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بارلىق بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئەنە شۇنداق ئادا قىلغانىدى.
43 Moses saw all the work, and behold, they had done it as the LORD had commanded. They had done so; and Moses blessed them.
مۇسا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە تەپسىلىي قارىدى، مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزگەنىدى؛ بۇيرۇلغاندەك، دەل شۇنداق قىلغانىدى؛ مۇسا بۇلارنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى.

< Exodus 39 >