< Romans 10 >

1 Brethren! the delight of my own heart and my supplication God-ward in their behalf, are for salvation;
قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر.
2 For I bear them witness that they have, a zeal for God, —but not according to correct knowledge;
چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس.
3 For, not knowing God’s righteousness and, their own, seeking to establish, unto the righteousness of God, have they not submitted;
چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا بويسۇنمىدى.
4 For Christ is an end of law, for righteousness, unto every one that believeth.
چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى.
5 For, Moses, writeth that—as touching the righteousness that is by law, The man that hath done [it], shall live thereby;
چۈنكى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشتىن كەلگەن ھەققانىيلىق ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان؛ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ».
6 Whereas, the righteousness by faith, thus speaketh—Do not say in thy heart, Who shall ascend into heaven? That is, to bring, Christ, down,
لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ «كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟»)
7 Or, Who shall descend into the abyss? That is, to bring up, Christ, from among the dead; (Abyssos g12)
ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن». (Abyssos g12)
8 But what saith it? Near thee, is the declaration, In thy mouth and in thy heart, —that is, the declaration of the faith, which we proclaim: —
ئەمدى شۇ [ھەققانىيلىق] نېمە دەيدۇ؟ ــ «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!» ــ بۇ سۆز-كالام دەل بىز جاكارلايدىغان ئېتىقادنىڭ سۆزىدۇر.
9 That, if thou shalt confess the declaration with thy mouth—That Jesus is, Lord, and shalt believe with thy hear—That, God, raised him from among the dead, thou shalt be saved; —
دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»!
10 For, in heart, it is to be believed unto righteousness, and, by mouth, it is to be confessed unto salvation.
چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ.
11 For the scripture saith—No one that resteth faith thereupon, shall be put to shame?
مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس».
12 For there is no distinction—of Jew or Greek, —for, the same [Lord], is Lord of all, being rich unto all who call upon him;
چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ.
13 For, Whosoever shall call upon the name of the Lord, shall be saved: —
چۈنكى: «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ».
14 How, then, shall men call upon one in whom they have not believed? And how shall they believe in one of whom they have not heard? And how shall they hear, without one to proclaim?
لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟
15 And how shall they proclaim, except they be sent? Even as it is written—How beautiful the feet of them that bring glad tidings of good things!
شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!».
16 But, not all, have become obedient unto the glad tidings; —for, Isaiah, saith—Lord! who believed what we have heard?
بىراق، خۇددى يەشايا [پەيغەمبەرنىڭ] «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس.
17 Hence, our faith, cometh by something heard, and, that which is heard, through a declaration of Christ.
شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ.
18 But I say: Have they not heard? Yea indeed, —into all the earth, hath gone forth their sound, and, unto the ends of the inhabited world, their declarations.
لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى: ــ «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا، سۆزلىرى يەر يۈزىنىڭ قەرلىرىگە يەتتى».
19 But I say: Hath, Israel, not come to know? First, Moses, saith—I, will provoke you to jealousy on account of a no-nation, on account of an undiscerning nation, will I make you very angry.
يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار [شۇ خەۋەردىن] ۋاقىپ بولمىغانمىدۇ؟ ئالدى بىلەن، مۇسا [ئىسرائىلغا] مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ ««ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەردە ھەسەت قوزغايمەن، نادان بىر خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن».
20 Isaiah, however, waxeth daring, and saith, —I have been found by them who after me were not seeking, manifest have I become unto them who for me were not enquiring;
كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئىنتايىن يۈرەكلىك ھالدا شۇ بېشارەتنى بېرىپ: ــ «ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم، مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈم كۆرۈندۈم» ــ دېدى.
21 Whereas, regarding Israel, he saith—All day long, have I stretched forth my hands unto a people unyielding and contradicting.
لېكىن، ئۇ ئىسرائىللار ھەققىدە: ــ «مەن كۈن بويى بۇ ئىتائەتسىز ۋە تەرسا خەلققە قوللىرىمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم!» ــ دەيدۇ.

< Romans 10 >