< Proverbs 28 >

1 The lawless, fleeth when no man pursueth, but, the righteous, like a lion, are confident.
يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار؛ بىراق ھەققانىيلار شىر يۈرەك باتۇر كېلەر.
2 For the transgressions of a land, many are the rulers thereof, but, under an intelligent and discerning man, stability is prolonged.
يۇرتتا گۇناھلار كۆپەيسە، ئۇنىڭ ئەمىرلىرى كۆپ ئالمىشار، لېكىن ئۇنى سورىغۇچى يورۇتۇلغان ۋە بىلىملىك بولسا، يۇرت ئامان-مۇقىم ئۇزۇن تۇرار.
3 A poor man, who oppresseth the helpless, [is like] a rain beating down, leaving no food.
مىسكىنلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر كەمبەغەل، خۇددى [زىرائەتلەرنى] ياتقۇزۇپ دېنىنى قويمايدىغان قارا يامغۇرغا ئوخشايدۇ.
4 They who forsake instruction, praise one who is lawless, while, they who keep instruction, are at strife with them.
تەۋرات قانۇنىدىن ۋاز كەچكەنلەر يامانلارنى ياخشى دەپ ماختار؛ بىراق قانۇننى تۇتقۇچىلار ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلار.
5 Wicked men, consider not justice, but, they who seek Yahweh, consider everything.
رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس؛ بىراق پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر ھەممە ئىشنى چۈشىنەر.
6 Better a poor man walking in his integrity, than one who is crooked—turning two ways, though, he, be rich.
پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان مىسكىن كىشى، ساختا، ئىككى يۈزلىمە باي ئادەمدىن ياخشىدۇر.
7 He that keepeth instruction, is a son with discernment, but, a companion of squanderers, bringeth shame to his father.
تەۋرات-قانۇنىغا ئىتائەت قىلغان يىگىت ئەقىللىق ئوغۇلدۇر؛ بىراق نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغۇچى ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار.
8 He that increaseth his substance by interest and profit, for one ready to favour the poor, doth gather it.
جازانىخورلۇق قىلىپ يۇقىرى ئۆسۈم ئارقىلىق بايلىقلار تاپقان كىشى، ئاخىرىدا بۇلارنى مىسكىنلەرگە خەيرىخاھلىق قىلغۇچىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلىغاندۇر.
9 He that turneth away his ear from hearing instruction, even his prayer, is an abomination.
كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار.
10 He that misguideth the upright into a hurtful way! into his own pit, he himself, shall fall, but, men of integrity, shall inherit good.
كىمكى دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرسا، ئۆزى كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر؛ بىراق پاك-دىيانەتلىك ئادەم ياخشىلىققا مىراسخور بولار.
11 Wise in his own eyes, is the man that is rich, but, a poor man of discernment, searcheth him out.
باي دەرۋەقە ئۆزىنى دانا سانار؛ بىراق يورۇتۇلغان مىسكىن ئۇنى ھامان كۆرۈپ يېتەر.
12 In the exulting of the righteous, there is great glorying, but, when the lawless arise, a man must be sought for.
ھەققانىيلار غالىبىيەتلىك بولسا، جاھاننى تەنتەنە قاپلار؛ بىراق يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار.
13 He that covereth his transgressions, shall not prosper, but, he that confesseth and forsaketh, shall find compassion.
ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس؛ بىراق ئۇلارنى تونۇپ ئىقرار قىلىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن كىشى رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر.
14 How happy the man who is ever circumspect, whereas, he that hardeneth his heart, shall fall into calamity.
[پەرۋەردىگاردىن] ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار.
15 A growling lion, and a ranging bear, is a lawless ruler, over a poor people.
ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ياكى [ئوۋنى ئىزدەپ] كېزىۋاتقان ئېيىق قانداق بولسا، يوقسۇل پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھاكىممۇ شۇنداقتۇر.
16 A leader, may lack intelligence, yet abound in oppressions, The hater of greed, shall lengthen out days.
يورۇتۇلمىغان ئەمىر ھامان زور بىر زالىم بولۇپ چىقار، بىراق ھارام بايلىقلارغا نەپرەتلەنسە، تەختىدە ئۇزۇن ئولتۇرار.
17 A man oppressed with a person’s blood, unto a pit, shall flee, let them not hold him back.
قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن!
18 He that walketh with integrity, shall be saved, but, he that is crooked, turning two ways, shall fall in one.
سەمىمىي، دىيانەتلىك يولدا ماڭغان قۇتۇلار؛ ئىككى يولدا ماڭغان ساختا كىشى ئۇلارنىڭ بىرىدە ھامان يىقىلىپ چۈشەر.
19 He that tilleth his ground, shall have plenty of bread, but, he that pursueth empty-heads, shall have plenty of poverty.
ئۆز يېرىگە تىرىشىپ ئىشلىگەن دېھقاننىڭ نېنى يېتىپ ئاشار؛ بىراق بىكار يۈرۈپ خام خىياللارنى قوغلىغان كىشىنىڭ يوقسۇللۇقى مول بولار!
20 A man of fidelity, aboundeth in blessings, but, one hasting to be rich, shall not be held innocent.
راستچىل كىشىنىڭ بەختى كۆپىيەر؛ بىراق باي بولۇشقا ئالدىرىغان كىشى جازادىن قېچىپ قۇتۇلالماس.
21 To take note of faces [in judgment], is not good, and, for a bit of bread, a man will transgress.
بىرىگە يان بېسىش قەتئىي بولماس؛ چۈنكى بەزىلەر ھەتتا بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزەر.
22 A man, hasting to be rich, hath an evil eye, and knoweth not when want may overtake him.
نەپسى تويماس كىشى بايلىقلارنى كۆزلەپ ئالدىرايدۇ، ئۇ نامراتلىقنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشىدىغىنىدىن بىخەۋەردۇر.
23 He that reproveth a man, shall, afterwards, find more, favour, than he that useth a flattering tongue.
باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئوچۇق ئەيىبلىگەن كىشى، ھامان خۇشامەت قىلغۇچىغا قارىغاندا كۆپرەك ئىلتىپات تاپار.
24 He that robbeth his father or his mother, and saith, It is no transgression, companion, is he to one who wasteth.
ئاتا-ئانىسىنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئوغرىلاپ، «بۇ ھېچقانداق گۇناھ ئەمەس» دېگەن كىشى، ھالاك قىلغۇچىنىڭ شېرىكىدۇر.
25 The ambitious in soul, stirreth up strife, but, he that trusteth in Yahweh, shall be enriched.
نەپسى تويمىغۇر كىشى جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشى ئەتلىنەر.
26 He that trusteth his own heart, the same, is a dullard, but, he that walketh wisely, the same, shall be delivered.
ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئىشەنگەن كىشى ئەخمەقتۇر؛ بىراق دانالىق بىلەن ماڭغان نىجات تاپار.
27 One who giveth to the poor, shall have no want, but, he that hideth his eyes, shall receive many a curse.
نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى موھتاجلىق تارتماس؛ لېكىن ھاجەتمەننى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغان كىشى كۆپلىگەن قارغىشقا ئۇچرار.
28 When lawless men rise, a common man will hide himself, but, when they perish, righteous men multiply.
يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار؛ لېكىن ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار راۋاج تاپار.

< Proverbs 28 >