< 1 Thessalonians 3 >

1 Wherefore, no longer concealing our anxiety, we were well-pleased to be left in Athens, alone,
شۇنىڭ بىلەن بىز [سىلەردىن خەۋەرسىز] تاقىتىمىز تاق بولۇپ، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ،
2 And sent Timothy—our brother, and God’s minister in the glad-message of the Christ—that he might confirm and console you over your faith,
ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىدە بولۇۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى سىلەرنى ئېتىقادتا مۇستەھكەملەش-كۈچەيتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق؛
3 That, no one, might be shrinking back in these tribulations. For ye, yourselves, know, that, hereunto, are we appointed;
[بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى] مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن [ئېتىقادتا] تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر.
4 For, even when we were with you, we told you beforehand—we are destined to suffer tribulation! even as it also came to pass, and ye know.
چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، سىلەرگە ھەممىمىز ئازاب-قىيىنچىلىققا ئۇچرىماي قالمايمىز دەپ ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھازىر دېگىنىمىزدەك بولدى، دەپ بىلىسىلەر.
5 For this cause, I also, no longer concealing my anxiety, sent, that I might get to know your faith, lest by any means he that tempteth, should have tempted you, and, in vain, should have been our toil.
شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئازدۇرغۇچى سىلەرنى ئازدۇرۇپ بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىز بىكارغا كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم.
6 But, when, just now, Timothy came unto us, from you, and brought us good tidings of your faith and love, —and that ye have good remembrance of us, continually, longing to see, us, —even as, we also, to see you,
لېكىن تىموتىي بايا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەندە، ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىپ، سىلەرنىڭ بىزنى ھەردائىم سېغىنىپ تۇرغانلىقىڭلارنى ۋە خۇددى بىز سىلەر بىلەن دىدارلىشىشقا تەلپۈنگىنىمىزدەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
7 For this cause, were we consoled, brethren, over you, in all our necessity and tribulation, through your faith;
شۇنىڭدەك، ئەي قېرىنداشلار، بېشىمىزغا چۈشكەن مۇشۇنداق بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئېغىرچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقىنىمىزدا سىلەردىن، يەنى چىڭ ئېتىقادىڭلاردىن رىغبەت-تەسەللى تاپتۇق؛
8 Because, now, we live, —if only, ye, stand fast in the Lord.
چۈنكى رەبدە چىڭ تۇرغان بولساڭلار، بىز [ئۆلمەي]، ھايات قالىمىز!
9 For what thanksgiving can we render back, unto God, concerning you, on occasion of all the joy wherewith we rejoice, for your sakes, before our God?—
ئەمدى سىلەر ئۈچۈن، خۇدايىمىز ئالدىدا سىلەرنىڭ ۋەجىڭلاردىن تولىمۇ شادلاندۇق، بۇ زور شادلىقىمىزدىن سىلەر ئۈچۈن خۇداغا قانچىلىك دەرىجىدە تەشەككۈر ئېيتساق بولار؟!
10 Night and day, making very abundant entreaties, that we may see your face, and fit in the things which are lacking in your faith?
سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى مۇكەممەل قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇش ئىمكانىيىتى ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز خۇداغا زور تەلمۈرۈپ يېلىنماقتىمىز.
11 Now may, our God and Father himself and our Lord Jesus, make straight our way unto you:
ئەمدى بىزنىڭ خۇدائاتىمىزنىڭ ئۆزى ھەم رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ يولىمىزنى يېنىڭلارغا باشلىغاي؛
12 And, you, may the Lord cause to abound and excel in your love one toward another, and toward all, —even as, we, do toward you:
ئەمدى مېھىر-مۇھەببەتىمىز سىلەرگە تولغاندەك، رەب سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشتۇرغاي؛
13 To the end he may confirms your hearts, faultless in holiness, before our God and Father, in the Presence of our Lord Jesus with all his saints.
ھەم شۇنداق بولغاندا، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەندە قەلبىڭلار بىزنىڭ خۇدائاتىمىز ئالدىدا پاك-مۇقەددەسلىكتە نۇقسانسىز بولۇشقا مۇستەھكەملىنىدۇ!

< 1 Thessalonians 3 >