< Psalms 78 >

1 Maschil of Asaph. Give ear, O my people, to my law; incline your ears to the words of my mouth.
ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار، ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار.
2 I will open my mouth in a parable; I will utter dark sayings of old:
مەن ئاغزىمنى بىر تەمسىل بىلەن ئاچىمەن، قەدىمكى تېپىشماقلارنى ئېلان قىلىمەن.
3 Which we have heard and known, and our fathers have told us.
بىز بۇلارنى ئاڭلىغان، بىلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن.
4 We will not hide them from their children, telling to the generation to come the praises of the LORD, and his strength, and his wondrous works that he hath done.
بىز بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز، كېلىدىغان دەۋرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز.
5 For he established a testimony in Jacob, and appointed a law in Israel, which he commanded our fathers, that they should make them known to their children:
چۈنكى ئۇ ياقۇپتا بىر ئاگاھ-گۇۋاھنى بېكىتكەن، ئىسرائىلدا بىر قانۇننى ئورناتقان؛ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشنى بۇيرۇغان؛
6 That the generation to come might know [them], even the children which should be born; who should arise and tell [them] to their children:
شۇنداق قىلىپ كېلەر دەۋر، يەنى تۇغۇلىدىغان بالىلارمۇ بۇلارنى بىلسۇن، ئۇلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ئۆگەتسۇن؛
7 That they might set their hope in God, and not forget the works of God, but keep his commandments:
پەرزەنتلىرى ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىسۇن، تەڭرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇمىسۇن، بەلكى ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە كىرسۇن؛
8 And might not be as their fathers, a stubborn and rebellious generation; a generation that set not their heart aright, and whose spirit was not stedfast with God.
ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشىمىسۇن دەپ، يەنى جاھىل ھەم ئاسىي بىر دەۋر، ئۆز قەلبىنى دۇرۇس قىلمىغان، روھى تەڭرىگە ۋاپالىقتا تۇرمىغان بىر دەۋرگە ئوخشىمىسۇن دەپ، ئۇ شۇنداق [بۇيرۇغاندۇر].
9 The children of Ephraim, being armed and carrying bows, turned back in the day of battle.
مانا ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، قوراللانغان ئوقياچىلار بولسىمۇ، جەڭ كۈنىدە سەپتىن ياندى.
10 They kept not the covenant of God, and refused to walk in his law;
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى، بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى.
11 And they forgat his doings, and his wondrous works that he had shewed them.
ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى، ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى ئۇنتۇدى.
12 Marvelous things did he in the sight of their fathers, in the land of Egypt, in the field of Zoan.
ئۇ مىسىرنىڭ زېمىنىدا، زوئاننىڭ دالاسىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىدى؛
13 He clave the sea, and caused them to pass through; and he made the waters to stand as an heap.
ئۇ دېڭىزنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگەن؛ سۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ تىكلىدى.
14 In the day-time also he led them with a cloud, and all the night with a light of fire.
ئۇ كۈندۈزدە بۇلۇت بىلەن، كېچىدە ئوت نۇرى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.
15 He clave rocks in the wilderness, and gave them drink abundantly as out of the depths.
چۆل-باياۋاندا تاشلارنى يېرىۋەتتى، چوڭقۇر سۇرلاردىن ئۇرغۇپ چىققاندەك ئىچىملىكنى مول قىلدى؛
16 He brought streams also out of the rock, and caused waters to run down like rivers.
ئۇ خادا تاشتىن ئۆستەڭ-ئېقىنلارنى ھاسىل قىلدى، سۇنى دەريالاردەك ئاققۇزدى.
17 Yet went they on still to sin against him, to rebel against the Most High in the desert.
بىراق ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىۋەردى، چۆلدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ئاسىيلىق قىلدى.
18 And they tempted God in their heart by asking meat for their lust.
ئۇلار كۆڭلىدە تەڭرىنى سىنىدى، نەپسىنى قاندۇرۇشقا يېمەكلىكنى تەلەپ قىلدى.
19 Yea, they spake against God; they said, Can God prepare a table in the wilderness?
ئۇلار خۇدانى ھاقارەتلەپ: ــ «تەڭرى چۆل-دەشتتە داستىخان سالالامدۇ؟
20 Behold, he smote the rock, that waters gushed out, and streams overflowed; can he give bread also? will he provide flesh for his people?
مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟ ئۆز خەلقىنى گۆش بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى.
21 Therefore the LORD heard, and was wroth: and a fire was kindled against Jacob, and anger also went up against Israel;
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، غەزەپلەندى؛ ياقۇپقا ئوت تۇتاشتى، ئىسرائىلغا ئاچچىقى كۆتۈرۈلدى؛
22 Because they believed not in God, and trusted not in his salvation.
چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنمىدى، ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا ئۇلار تايانمىدى،
23 Yet he commanded the skies above, and opened the doors of heaven;
ئۇ ئەرشتىن بۇلۇتلارنى بۇيرۇپ، ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچقانىدى؛
24 And he rained down manna upon them to eat, and gave them of the corn of heaven.
ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛
25 Man did eat the bread of the mighty: he sent them meat to the full.
شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى.
26 He caused the east wind to blow in the heaven: and by his power he guided the south wind.
ئەمدى ئۇ ئاسماندا شەرق شامىلى چىقىرىپ، كۈچى بىلەن جەنۇب شامىلىنىمۇ ئېلىپ كەلدى؛
27 He rained flesh also upon them as the dust, and winged fowl as the sand of the seas:
ئۇ گۆشنى چاڭ-توزاندەك ئۇلار ئۈستىگە چۈشۈردى، دېڭىزلار ساھىلىدىكى قۇملاردەك ئۇچار-قاناتلارنى ياغدۇردى.
28 And he let it fall in the midst of their camp, round about their habitations.
ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈردى.
29 So they did eat, and were well filled; and he gave them that they lusted after.
ئۇلار بولۇشىچە يەپ تويۇشتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى تارتقىنىنى [خۇدا] ئۇلارغا كەلتۈرگەنىدى.
30 They were not estranged from their lust, their meat was yet in their mouths,
لېكىن ئۇلار نەپسى تارتقىنىدىن تېخى زېرىكمەيلا، گۆشنى ئېغىزلىرىدا تېخى چايناۋاتقىنىدىلا،
31 When the anger of God went up against them, and slew of the fattest of them, and smote down the young men of Israel.
خۇدانىڭ غەزىپى ئۇلارغا قارىتا قوزغالدى؛ ئۇ ئۇلاردىن ئەڭ قامەتلىكلىرىنى قىرىۋەتتى، ئىسرائىلنىڭ سەرخىل ياشلىرىنى يەرگە ئۇرۇۋەتتى.
32 For all this they sinned still, and believed not in his wondrous works.
مانا، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا داۋاملىق گۇناھ قىلىۋەردى، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىگە تېخىچىلا ئىشەنمىدى؛
33 Therefore their days did he consume in vanity, and their years in terror.
شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى بىھۇدىلىكتە، يىللىرىنى دەككە-دۈككىلىك ئىچىدە تۈگەتكۈزدى.
34 When he slew them, then they inquired after him: and they returned and sought God early.
ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرگىلى تۇرغاندا، ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئىزدىدى؛ ئۇلار يولىدىن يېنىپ، ئىنتىلىپ تەڭرىنى ئىزدىدى؛
35 And they remembered that God was their rock, and the Most High God their redeemer.
ئۇلار خۇدانىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيۇلتېشى ئىكەنلىكىنى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى تەڭرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى.
36 But they flattered him with their mouth, and lied unto him with their tongue.
بىراق ئۇلار ئاغزى بىلەن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلدى، تىلى بىلەن ئۇنىڭغا يالغان سۆز قىلدى؛
37 For their heart was not right with him, neither were they faithful in his covenant.
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا سادىق بولمىدى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتمىدى.
38 But he, being full of compassion, forgave [their] iniquity, and destroyed [them] not: yea, many a time turned he his anger away, and did not stir up all his wrath.
بىراق ئۇ يەنىلا رەھىمدىل ئىدى؛ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى يوقاتمىدى؛ ئۇ قايتا-قايتا ئۆز غەزىپىدىن ياندى، ئۇ قەھرىنى قوزغىغىنى بىلەن ھەممىنى تۆكمىدى.
39 And he remembered that they were but flesh; a wind that passeth away, and cometh not again.
ئۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ئەت ئىگىلىرى، كەتسە قايتىپ كەلمەس بىر نەپەس ئىكەنلىكىنى ياد ئەتتى.
40 How oft did they rebel against him in the wilderness, and grieve him in the desert!
ئۇلار چۆل-دەشتتە شۇنچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇنچە كۆپ قېتىم باياۋاندا كۆڭلىگە ئازار بەردى!
41 And they turned again and tempted God, and provoked the Holy One of Israel.
بەرھەق، ئۇلار قايتىدىن يولدىن چەتنەپ تەڭرىنى سىنىدى، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى.
42 They remembered not his hand, nor the day when he redeemed them from the adversary.
ئۇلار ئۇنىڭ قولىنى [ئەسلىمىدى]؛ ئۇلارنى زومىگەرنىڭ چاڭگىلىدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزغان كۈنىنى، قانداق قىلىپ مىسىردا كارامەتلەرنى يارىتىپ، زوئان دالاسىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىنىنى ئېسىدىن چىقاردى.
43 How he set his signs in Egypt, and his wonders in the field of Zoan;
44 And turned their rivers into blood, and their streams, that they could not drink.
ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] دەريالىرىنى، ئېقىنلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىچەلمەس قىلىپ قويدى؛
45 He sent among them swarms of flies, which devoured them; and frogs, which destroyed them.
ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشتەرلىك چىۋىنلارنى توپ-توپى بىلەن ئەۋەتتى، ھالاك قىلار پاقىلارنى ماڭدۇردى؛
46 He gave also their increase unto the caterpiller, and their labour unto the locust.
ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كېپىنەك قۇرتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەرگە بەردى؛
47 He destroyed their vines with hail, and their sycomore trees with frost.
ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇردۇرۇپ، ئەنجۈرلىرىنى قىراۋ بىلەن ئۈششۈتىۋەتتى.
48 He gave over their cattle also to the hail, and their flocks to hot thunderbolts.
ئۇ كالىلىرىنى مۆلدۈرگە سوقتۇرۇپ، ماللىرىنى چاقماق ئوتلىرىدا [كۆيدۈرىۋەتتى].
49 He cast upon them the fierceness of his anger, wrath, and indignation, and trouble, a band of angels of evil.
ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى ــ قەھرىنى، ئاچچىقىنى ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى، بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر تۈركۈم پەرىشتىلەرنىمۇ چۈشۈردى.
50 He made a path for his anger; he spared not their soul from death, but gave their life over to the pestilence;
ئۇ ئۆز غەزىپى ئۈچۈن بىر يولنى تۈزلەپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىماي، بەلكى ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇردى؛
51 And smote all the firstborn in Egypt, the chief of their strength in the tents of Ham:
ئۇ مىسىردا بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان بالىلارنى، ھامنىڭ چېدىرلىرىدا ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى.
52 But he led forth his own people like sheep, and guided them in the wilderness like a flock.
ئۇ پادىچىدەك ئۆز خەلقىنى مىسىردىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۇلارنى قوي پادىسىدەك باشلاپ ماڭدى؛
53 And he led them safely, so that they feared not: but the sea overwhelmed their enemies.
ئۇلارنى ئامان-ئېسەن يېتەكلىگەچكە، ئۇلار قورقۇنچتىن خالىي بولۇپ ماڭدى؛ دۈشمەنلىرىنى بولسا، دېڭىز يۇتۇپ كەتتى.
54 And he brought them to the border of his sanctuary, to this mountain, which his right hand had purchased.
ئۇ ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس زېمىنىنىڭ چېگراسىغا، ئوڭ قولى ئىگىلىۋالغان بۇ تاغلىققا ئېلىپ كەلدى.
55 He drove out the nations also before them, and allotted them for an inheritance by line, and made the tribes of Israel to dwell in their tents.
ئۇ ئەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋېتىپ، زېمىن ئۈستىگە تانا تارتقۇزۇپ ئۆلچەپ، ئۇلارغا تەقسىم قىلدى؛ ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇردى.
56 Yet they tempted and rebelled against the Most High God, and kept not his testimonies;
بىراق ئۇلار خۇدانى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى سىناپ ئاچچىقلاندۇردى، ئۇنىڭ تاپشۇرغان گۇۋاھ-ئاگاھلىرىنى تۇتمىدى؛
57 But turned back, and dealt treacherously like their fathers: they were turned aside like a deceitful bow.
بەلكى ئاتا-بوۋلىرىدەك يولدىن تېيىپ ئاسىيلىق قىلدى، خائىن ئوقيادەك قېيىپ كەتتى.
58 For they provoked him to anger with their high places, and moved him to jealousy with their graven images.
ئۇلار ئېگىزلىكتە قۇرغان ئىبادەتگاھلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ئويما بۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى.
59 When God heard [this], he was wroth, and greatly abhorred Israel:
خۇدا ئۇلارنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، ئىسرائىلدىن ئىنتايىن يىرگەندى.
60 So that he forsook the tabernacle of Shiloh, the tent which he placed among men;
ئۇ شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى،
61 And delivered his strength into captivity, and his glory into the adversary’s hand.
ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى؛
62 He gave his people over also unto the sword; and was wroth with his inheritance.
ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى، ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى.
63 Fire devoured their young men; and their maidens had no marriage-song.
ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالمىدى، قىزلىرى توي ناخشىلىرىدا ماختالمايتتى.
64 Their priests fell by the sword; and their widows made no lamentation.
ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، لېكىن تۇل خوتۇنلىرى ھازا تۇتمىدى.
65 Then the Lord awaked as one out of sleep, like a mighty man that shouteth by reason of wine.
ئاندىن رەب بىرسى ئۇيقۇدىن ئويغاندەك ئويغاندى، شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋاندەك توۋلىدى.
66 And he smote his adversaries backward: he put them to a perpetual reproach.
ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنى تۈگىمەس رەسۋاغا قالدۇردى.
67 Moreover he refused the tent of Joseph, and chose not the tribe of Ephraim;
يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى؛
68 But chose the tribe of Judah, the mount Zion which he loved.
بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى، ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى.
69 And he built his sanctuary like the heights, like the earth which he hath established for ever.
[شۇ يەردە] مۇقەددەس جايىنى تاغ چوققىلىرىدەك، يەر-زېمىننى ئەبەدىي ئورناتقاندەك مەزمۇت بىنا قىلدى؛
70 He chose David also his servant, and took him from the sheepfolds:
ئۇ ئۆز قۇلى داۋۇتنى تاللاپ، ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چاقىرىۋالدى؛
71 From following the ewes that give suck he brought him, to feed Jacob his people, and Israel his inheritance.
قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى.
72 So he fed them according to the integrity of his heart; and guided them by the skilfulness of his hands.
داۋۇت ئۇلارنى قەلبىدىكى دۇرۇسلۇقى بىلەن باقتى، قولىنىڭ ئەپچىللىكى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.

< Psalms 78 >