< Judges 9 >

1 And Abimelech the son of Jerubbaal went to Shechem unto his mother’s brethren, and spake with them, and with all the family of the house of his mother’s father, saying,
ئەمدى يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەمدىكى ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار ۋە ئانىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىكىلەرگە: ــ
2 Speak, I pray you, in the ears of all the men of Shechem, Whether is better for you that all the sons of Jerubbaal, which are threescore and ten persons, rule over you, or that one rule over you? remember also that I am your bone and your flesh.
سىلەر شەكەمدىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ قۇلىقىغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا: «سىلەر ئۈچۈن يەتمىش كىشى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ ياكى بىرلا ئادەمنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ؟ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەن سىلەرنىڭ قان-قېرىندىشىڭلارمەن» ــ دېگەن گېپىمنى يەتكۈزۈڭلار، ــ دېدى.
3 And his mother’s brethren spake of him in the ears of all the men of Shechem all these words: and their hearts inclined to follow Abimelech; for they said, He is our brother.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئۇ توغرۇلۇق بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى شەكەمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا ئېيتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئابىمەلەككە مايىل بولۇپ: ــ ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنغۇ، دىيىشىپ،
4 And they gave him threescore and ten [pieces] of silver out of the house of Baal-berith, wherewith Abimelech hired vain and light fellows, which followed him.
بائال-بېرىتنىڭ بۇتخانىسىدىن يەتمىش شەكەل كۈمۈشنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بەردى. بۇ پۇل بىلەن ئابىمەلەك بىرمۇنچە بىكار تەلەپ لۈكچەكلەرنى ياللاپ، ئۇلارغا باش بولدى.
5 And he went unto his father’s house at Ophrah, and slew his brethren the sons of Jerubbaal, being threescore and ten persons, upon one stone: but Jotham the youngest son of Jerubbaal was left; for he hid himself.
ئاندىن ئۇ ئوفراھقا، ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. لېكىن يەرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتام يوشۇرۇنىۋالغاچقا، قۇتۇلۇپ قالدى.
6 And all the men of Shechem assembled themselves together, and all the house of Millo, and went and made Abimelech king, by the oak of the pillar that was in Shechem.
ئاندىن پۈتكۈل شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللودىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىشىپ بېرىپ ئابىمەلەكنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
7 And when they told it to Jotham, he went and stood in the top of mount Gerizim, and lifted up his voice, and cried, and said unto them, Hearken unto me, ye men of Shechem, that God may hearken unto you.
بۇ خەۋەر يوتامغا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ بېرىپ گەرىزىم تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا كۆپچىلىككە توۋلاپ: ــ ئەي شەكەم چوڭلىرى، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئاندىن خۇدامۇ سىلەرگە قۇلاق سالىدۇ.
8 The trees went forth on a time to anoint a king over them; and they said unto the olive tree, Reign thou over us.
كۈنلەردىن بىر كۈنى دەرەخلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر دەرەخنى مەسىھلەپ پادىشاھ تىكلەشكە ئىزدەپ چىقىپ، زەيتۇن دەرىخىگە: ــ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇپ بەرگىن، دەپتىكەن.
9 But the olive tree said unto them, Should I leave my fatness, wherewith by me they honour God and man, and go to wave to and fro over the trees?
زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇداغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان مېيىمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ.
10 And the trees said to the fig tree, Come thou, and reign over us.
بۇنى ئاڭلاپ دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ؛
11 But the fig tree said unto them, Should I leave my sweetness, and my good fruit, and go to wave to and fro over the trees?
ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۆز شىرنەم بىلەن ياخشى مېۋەمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ.
12 And the trees said unto the vine, Come thou, and reign over us.
شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم تاللىقىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ،
13 And the vine said unto them, Should I leave my wine, which cheereth God and man, and go to wave to and fro over the trees?
ئۈزۈم تېلى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خۇدا بىلەن ئادەملەرنى خۇش قىلىدىغان يېڭى شارابنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ.
14 Then said all the trees unto the bramble, Come thou, and reign over us.
ئاندىن دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى ئازغاننىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ؛
15 And the bramble said unto the trees, If in truth ye anoint me king over you, then come and put your trust in my shadow: and if not, let fire come out of the bramble, and devour the cedars of Lebanon.
ئازغان ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۈستۈڭلەرگە پادىشاھ قىلىشنى خالىساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەمنىڭ ئاستىدا پاناھلىنىڭلار؛ بولمىسا، ئازغاندىن بىر ئوت چىقىدۇ ۋە لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى يەپ كېتىدۇ! ــ دەپتۇ.
16 Now therefore, if ye have dealt truly and uprightly, in that ye have made Abimelech king, and if ye have dealt well with Jerubbaal and his house, and have done unto him according to the deserving of his hands;
ئەگەر سىلەرنىڭ ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغىنىڭلار راست سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيەت بىلەن بولغان بولسا، يەرۇببائال ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلغان، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بويىچە ئۇنىڭغا قايتۇرغان بولساڭلار ــ
17 (for my father fought for you, and adventured his life, and delivered you out of the hand of Midian:
(چۈنكى ئاتام سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ئۆز جېنىنى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سىلەرنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى!
18 and ye are risen up against my father’s house this day, and have slain his sons, threescore and ten persons, upon one stone, and have made Abimelech, the son of his maidservant, king over the men of Shechem, because he is your brother; )
لېكىن سىلەر بۈگۈن ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى قوزغىلىپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى تۇغقىنىڭلار بولغىنى ئۈچۈن شەكەم خەلقىنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەپسىلەر!)
19 if ye then have dealt truly and uprightly with Jerubbaal and with his house this day, then rejoice ye in Abimelech, and let him also rejoice in you:
ــ ئەمدى ئەگەر سىلەر يەرۇببائال ۋە جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، سىلەر ئابىمەلەكتىن خۇشاللىق تاپقايسىلەر، ئۇمۇ سىلەردىن خۇشاللىق تاپقاي!
20 but if not, let fire come out from Abimelech, and devour the men of Shechem, and the house of Millo; and let fire come out from the men of Shechem, and from the house of Millo, and devour Abimelech.
لېكىن بولمىسا، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىنى يەپ كەتسۇن؛ شۇنداقلا، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىدىن ئوت چىقىپ، ئابىمەلەكنى يەپ كەتسۇن! ــ دېدى.
21 And Jotham ran away, and fled, and went to Beer, and dwelt there, for fear of Abimelech his brother.
يوتام قېرىندىشى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ، قېچىپ بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
22 And Abimelech was prince over Israel three years.
ئابىمەلەك ئىسرائىلغا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى.
23 And God sent an evil spirit between Abimelech and the men of Shechem; and the men of Shechem dealt treacherously with Abimelech:
خۇدا ئابىمەلەك بىلەن شەكەمنىڭ ئادەملىرى ئوتتۇرىسىغا بىر يامان روھ ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن شەكەمدىكىلەر ئابىمەلەككە ئاسىيلىق قىلىشقا قوزغالدى.
24 that the violence done to the threescore and ten sons of Jerubbaal might come, and that their blood might be laid upon Abimelech their brother, which slew them, and upon the men of Shechem, which strengthened his hands to slay his brethren.
بۇنىڭ مەقسىتى، يەرۇببائالنىڭ يەتمىش ئوغلىغا قىلىنغان زوراۋانلىق ۋە قان قەرزنى ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن قېرىندىشى ئابىمەلەكنىڭ بوينىغا چۈشۈرۈش، شۇنداقلا ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن شەكەمدىكى كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
25 And the men of Shechem set liers in wait for him on the tops of the mountains, and they robbed all that came along that way by them: and it was told Abimelech.
شەكەمدىكى كىشىلەر ئابىمەلەكنى تۇتماقچى بولۇپ، تاغلارنىڭ چوققىلىرىغا پايلاقچىلارنى بۆكتۈرمە قىلىپ تۇرغۇزدى؛ ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ ئىش ئابىمەلەككە يەتكۈزۈلدى.
26 And Gaal the son of Ebed came with his brethren, and went over to Shechem: and the men of Shechem put their trust in him.
ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن شەكەمگە كۆچۈپ كېلىۋىدى، شەكەمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ ئۇنى ئۆز يار-يۆلىكى قىلدى.
27 And they went out into the field, and gathered their vineyards, and trode [the grapes], and held festival, and went into the house of their god, and did eat and drink, and cursed Abimelech.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەھەردىن ئېتىزلىققا چىقىپ، ئۈزۈمزارلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزۈپ سىقىپ، شاراب ياساپ، شادلىق قىلىپ ئۆز بۇتىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، يەپ-ئىچىشىپ ئابىمەلەكنىڭ ئۈستىدىن لەنەت ئوقۇغىلى تۇردى.
28 And Gaal the son of Ebed said, Who is Abimelech, and who is Shechem, that we should serve him? is not he the son of Jerubbaal? and Zebul his officer? serve ye the men of Hamor the father of Shechem: but why should we serve him?
ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال: ــ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى؟ شەكەم دېگەن نېمە ئىدى، بىز نېمە دەپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟! ئۇ يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ زەبۇل ئۇنىڭ نازاتەتچىسى ئەمەسمۇ؟ سىلەر شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئادەملىرىنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار بولىدۇ! بىز نېمىشقا ئابىمەلەكنىڭ خىزمىتىدە بولىدىكەنمىز؟
29 And would to God this people were under my hand! then would I remove Abimelech. And he said to Abimelech, Increase thine army, and come out.
كاشكى بۇ خەلق مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا ئىدى! ئۇ چاغدا مەن ئابىمەلەكنى ھەيدىۋتەتتىم! مەن ئابىمەلەككە: ــ ئۆز قوشۇنىڭنى كۆپەيتىپ، جەڭگە چىققىن! ــ دېگەن بولاتتىم.
30 And when Zebul the ruler of the city heard the words of Gaal the son of Ebed, his anger was kindled.
ئەمدى شەھەر باشلىقى زەبۇل ئەبەدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىدا، ئاچچىقى كېلىپ،
31 And he sent messengers unto Abimelech craftily, saying, Behold, Gaal the son of Ebed and his brethren are come to Shechem; and, behold, they constrain the city [to take part] against thee.
ئەلچىلەرنى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا يوشۇرۇنچە ئەۋەتىپ: «مانا، گائالنىڭ ئوغلى قېرىنداشلىرى بىلەن شەكەمگە كېلىۋاتىدۇ؛ مانا، شەھەرنى سىلىگە قارشى چىقىشقا قۇترىتىۋاتىدۇ.
32 Now therefore, up by night, thou and the people that is with thee, and lie in wait in the field:
شۇڭا سىلى ئادەملىرىنى ئېلىپ بۈگۈن كېچە [شەھەر] ئەتراپىدىكى ئېتىزلىققا بېرىپ ماراپ ئولتۇرغايلا؛
33 and it shall be, that in the morning, as soon as the sun is up, thou shalt rise early, and set upon the city: and, behold, when he and the people that is with him come out against thee, then mayest thou do to them as thou shalt find occasion.
ئەتە كۈن چىققان ھامان قوزغىلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغايلا؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سىلىگە قارشى چىققاندا، سىلى ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغايلا، ــ دېدى.
34 And Abimelech rose up, and all the people that were with him, by night, and they laid wait against Shechem in four companies.
بۇنى ئاڭلاپ، ئابىمەلەك ھەممە ئادەملىرىنى ئېلىپ، كېچىسى چىقىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ، يوشۇرۇنۇپ شەكەمگە ھۇجۇم قىلىشقا ماراپ ئولتۇردى.
35 And Gaal the son of Ebed went out, and stood in the entering of the gate of the city: and Abimelech rose up, and the people that were with him, from the ambushment.
ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال سىرتقا چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۆرە تۇرغاندا، ئابىمەلەك ئۆز ئادەملىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن چىقتى.
36 And when Gaal saw the people, he said to Zebul, Behold, there come people down from the tops of the mountains. And Zebul said unto him, Thou seest the shadow of the mountains as if they were men.
گائال خەلقنى كۆرۈپ زەبۇلغا: ــ مانا تاغ چوققىلىرىدىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، دېدى. لېكىن زەبۇل ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ تاغلارنىڭ كۆلەڭگىسى ساڭا ئادەملەردەك كۆرۈنىدۇ، ــ دېدى.
37 And Gaal spake again and said, See, there come people down by the middle of the land, and one company cometh by the way of the oak of Meonenim.
گائال يەنە سۆز قىلىپ: مانا، بىر توپ ئادەملەر دۆڭلەردىن چۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ، يەنە بىر توپ ئادەملەر «پالچىلارنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
38 Then said Zebul unto him, Where is now thy mouth, that thou saidst, Who is Abimelech, that we should serve him? is not this the people that thou hast despised? go out now, I pray, and fight with them.
ئاندىن زەبۇل ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى، بىز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتۇقمۇ؟» دەپ چوڭ گەپ قىلغان ئاغزىڭ ھازىر قېنى؟ مانا بۇلار سەن كۆزگە ئىلمىغان خەلق ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ باققىن! ــ دېدى.
39 And Gaal went out before the men of Shechem, and fought with Abimelech.
شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەمدىكىلەر بىلەن چىقىپ ئابىمەلەك بىلەن سوقۇشۇشقا باشلىدى.
40 And Abimelech chased him, and he fled before him, and there fell many wounded, even unto the entering of the gate.
لېكىن ئابىمەلەك ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى، شۇنداقلا نۇرغۇن يارىلانغان ئادەملەر شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغىچە يېتىشىپ كەتكەنىدى.
41 And Abimelech dwelt at Arumah: and Zebul drave out Gaal and his brethren, that they should not dwell in Shechem.
ئاندىن ئابىمەلەك ئارۇماھدا تۇرۇپ قالدى. زەبۇل بولسا گائال ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوغلاپ، ئۇلارنىڭ شەكەمدە تۇرۇشىغا يول قويمىدى.
42 And it came to pass on the morrow, that the people went out into the field; and they told Abimelech.
ئەتىسى [گائالدىكىلەر] دالاغا چىقتى؛ بۇ خەۋەر ئابىمەلەككە يەتكەندە
43 And he took the people, and divided them into three companies, and laid wait in the field; and he looked, and, behold, the people came forth out of the city; and he rose up against them, and smote them.
ئۇ خەلقىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، دالادا يوشۇرۇنۇپ ماراپ تۇردى؛ ئۇ قاراپ تۇرۇۋىدى، شەكەم خەلقى شەھەردىن چىقتى. ئۇ قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى.
44 And Abimelech, and the companies that were with him, rushed forward, and stood in the entering of the gate of the city: and the two companies rushed upon all that were in the field, and smote them.
ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بىرىنچى توپ ئاتلىنىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېسىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى؛ قالغان ئىككى توپ ئېتىلىپ بېرىپ دالادا تۇرغان ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قىرىۋەتتى.
45 And Abimelech fought against the city all that day; and he took the city, and slew the people that was therein: and he beat down the city, and sowed it with salt.
شۇ تەرىقىدە ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى خانىۋەيران قىلىپ ئۈستىگە تۇزلارنى چېچىۋەتتى.
46 And when all the men of the tower of Shechem heard thereof, they entered into the hold of the house of El-berith.
شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئاڭلاپ، بېرىت دېگەن بۇتنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قورغانغا كىرىۋالدى.
47 And it was told Abimelech that all the men of the tower of Shechem were gathered together.
شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەر بىر يەرگە يىغىلىۋاپتۇ، دېگەن خەۋەر ئابىمەلەككە يەتتى.
48 And Abimelech gat him up to mount Zalmon, he and all the people that were with him; and Abimelech took an axe in his hand, and cut down a bough from the trees, and took it up, and laid it on his shoulder: and he said unto the people that were with him, What ye have seen me do, make haste, and do as I have done.
شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ئادەملىرىنى ئېلىپ زالمون تېغىغا چىقتى؛ ئۇ قولىغا پالتىنى ئېلىپ دەرەخنىڭ بىر شېخىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۆشنىسىگە قويۇپ، ئاندىن ئۆزى بىلەن بولغان خەلققە: ــ مېنىڭ نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار، ئەمدى سىلەرمۇ تېزدىن شۇنداق قىلىڭلار، ــ دېدى.
49 And all the people likewise cut down every man his bough, and followed Abimelech, and put them to the hold, and set the hold on fire upon them; so that all the men of the tower of Shechem died also, about a thousand men and women.
بۇنى ئاڭلاپ خەلقنىڭ ھەربىرى ئابىمەلەكتەك بىردىن شاخنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىپ، شاخلارنى قورغاننىڭ يېنىغا دۆۋىلەپ، ئوت قويۇپ قورغان ۋە ئۇنىڭدا بولغانلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن شەكەمنىڭ مۇنارىدىكى ھەممە ئادەملەر، جەمئىي مىڭچە ئەر-ئايال ئۆلدى.
50 Then went Abimelech to Thebez, and encamped against Thebez, and took it.
ئاندىن ئابىمەلەك تەبەزگە بېرىپ، ئۇ يەردە بارگاھ قۇرۇپ تەبەزكە قورشاپ، ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى.
51 But there was a strong tower within the city, and thither fled all the men and women, and all they of the city, and shut themselves in, and gat them up to the roof of the tower.
لېكىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم بىر مۇنار بار ئىدى؛ بارلىق ئەر-ئايال، جۈملىدىن شەھەرنىڭ ھەممە چوڭلىرى ئۇ يەرگە قېچىپ بېرىپ، دەرۋازىنى ئىچىدىن تاقاپ، مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى.
52 And Abimelech came unto the tower, and fought against it, and went hard unto the door of the tower to burn it with fire.
ئابىمەلەك مۇنارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇشقا مۇنارنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشقاندا،
53 And a certain woman cast an upper millstone upon Abimelech’s head, and brake his skull.
بىر ئايال يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنى ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا ئېتىپ ئۇنىڭ باش سۈڭىكىنى سۇندۇرىۋەتتى.
54 Then he called hastily unto the young man his armourbearer, and said unto him, Draw thy sword, and kill me, that men say not of me, A woman slew him. And his young man thrust him through, and he died.
ئاندىن ئابىمەلەك دەرھال ئۆز يارىغىنى كۆتۈرگۈچى يىگىتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا، خەلق مېنىڭ توغرامدا: «بىر ئايال كىشى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېيىشىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ يىگىت ئۇنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
55 And when the men of Israel saw that Abimelech was dead, they departed every man unto his place.
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئابىمەلەكنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كېتىشتى.
56 Thus God requited the wickedness of Abimelech, which he did unto his father, in slaying his seventy brethren:
شۇنداق قىلىپ خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆزىنىڭ يەتمىش ئاكا-ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاتىسىغا قىلغان رەزىللىكىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇردى؛
57 and all the wickedness of the men of Shechem did God requite upon their heads: and upon them came the curse of Jotham the son of Jerubbaal.
شۇنىڭدەك خۇدا شەكەمنىڭ ئادەملىرى قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا ياندۇرۇپ چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن يەرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتام ئېيتقان لەنەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلدى.

< Judges 9 >