< Joel 1 >

1 The word of the LORD that came to Joel, the son of Pethuel.
پەرۋەردىگارنىڭ پېتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا چۈشكەن سۆزى: ــ
2 Hear this, you elders, And listen, all you inhabitants of the land. Has this ever happened in your days, or in the days of your fathers?
«ئى قېرىلار، ئاڭلاڭلار؛ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەن، قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟
3 Tell your children about it, and have your children tell their children, and their children, another generation.
بالىلىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار، بالىلىرىڭلار ئۆز بالىلىرىغا ئېيتسۇن، ئۇلارمۇ كېلەر دەۋرگە ئېيتسۇن: ــ
4 What the swarming locust has left, the great locust has eaten. What the great locust has left, the grasshopper has eaten. What the grasshopper has left, the caterpillar has eaten.
«چىشلىگۈچى قۇرت» قالدۇرغاننى چېكەتكە يەپ بولدى، چېكەتكە قالدۇرغاننى چېكەتكە لىچىنكىلىرى يەپ بولدى، چېكەتكە لىچىنكىلىرى قالدۇرغاننى «ۋەيرانچى قۇرت»لار يەپ بولدى.
5 Wake up, you drunkards, and weep. Wail, all you drinkers of wine, because of the sweet wine; for it is cut off from your mouth.
ئەي، ھاراقكەشلەر، ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاڭلار، ھۇۋلىشىڭلار، ئى شاراب ئىچكۈچىلەر، يېڭى شاراب تۈپەيلىدىن ــ چۈنكى ئۇ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلاندى.
6 For a nation has come up on my land, strong, and without number. His teeth are the teeth of a lion, and he has the fangs of a lioness.
چۈنكى بىر خەلق، كۈچلۈك، سانسىزلىغان خەلق، زېمىنىم ئۈستىگە بېسىپ كەلدى؛ ئۇنىڭ چىشلىرى بولسا شىرنىڭ چىشلىرى، ئۇنىڭدا شىرنىڭ ھىڭگاڭ چىشلىرى باردۇر؛
7 He has laid my vine waste, and stripped my fig tree. He has stripped its bark, and thrown it away. Its branches are made white.
ئۇ مېنىڭ ئۈزۈم تاللىرىمنى ۋەيرانە قىلىۋەتتى، ئەنجۈر دەرىخىمنىڭ قوۋزاقلىرىنى سىيرىۋەتتى، ئۇلارنى يالىڭاچلاپ، تاشلىۋەتتى؛ ئۇلارنىڭ شاخلىرى ئاقلىۋېتىلدى.
8 Mourn like a virgin dressed in sackcloth for the husband of her youth.
ياشلىقىدىكى ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ بۆز كىيىملەرگە ئورانغان نەۋجۇۋاندەك قاتتىق پىغان چېكىڭلار؛
9 The meal offering and the drink offering are cut off from the LORD's house. The priests, the LORD's ministers, mourn.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى «ئاشلىق ھەدىيە»دىن ھەم «شاراب ھەدىيە»لەردىن مەھرۇم قىلىندى؛ كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ماتەم تۇتىدۇ.
10 The field is laid waste. The land mourns, for the grain is destroyed, The new wine has dried up, and the oil languishes.
ئېتىزلار چۆلدەرەپ كەتتى، زېمىن ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازان بولدى، يېڭى شاراب قۇرۇپ كەتتى، زەيتۇن مېيى قاغجىرىدى.
11 Be confounded, you farmers. Wail, you vineyard keepers; for the wheat and for the barley; for the harvest of the field has perished.
ھەي دېھقانلار، ئۇيۇلۇڭلار؛ بۇغدايلار ھەم ئارپىلار ئۈچۈن يالۋۇرۇڭلار، ئى ئۈزۈمچىلەر، چۈنكى ئېتىزلارنىڭ ھوسۇللىرى قۇرۇپ كەتتى.
12 The vine has dried up, and the fig tree withered; the pomegranate tree, the palm tree also, and the apple tree, even all of the trees of the field are withered; for joy has withered away from the sons of men.
ئۈزۈم تېلى قاغجىراپ كەتتى، ئەنجۈر دەرىخى سولىشىپ قالدى، ئانار دەرىخى، خورما پالمىسى ھەم ئالما دەرىخىمۇ، دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى؛ بەرھەق، شادلىقمۇ ئادەم بالىلىرىدا سولىشىپ كەتتى.
13 Put on sackcloth and mourn, you priests. Wail, you ministers of the altar. Come, lie all night in sackcloth, you ministers of my God, for the meal offering and the drink offering are withheld from your God's house.
بېلىڭلارنى باغلاڭلار، پەرياد ئوقۇڭلار، ئى كاھىنلار؛ ھۇۋلاڭلار، ئى قۇربانگاھنىڭ خىزمەتچىلىرى؛ كېچىچە بۆز كىيىملەرنى كىيىپ دۈم يېتىڭلار، ئى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى؛ چۈنكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىن «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە» ئۈزۈلۈپ قالدى.
14 Sanctify a fast. Call a solemn assembly. Gather the elders, and all the inhabitants of the land, to the house of the LORD, your God, and cry to the LORD.
«روزا تۇتايلى» دەپ [خۇداغا] مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ ئاقساقاللارنى، زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە يىغىپ، پەرۋەردىگارغا نالە كۆتۈرۈڭلار!
15 Alas for the day. For the day of the LORD is at hand, and it will come as destruction from Shaddai.
«ئاھ، شۇ كۈن! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى، ئۇ ھەممىگە قادىر تەرىپىدىن ھالاكەت بولۇپ كېلىدۇ.
16 Isn't the food cut off before our eyes; joy and gladness from the house of our God?
مانا، غىزا كۆز ئالدىمىزدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟ شادلىق، خۇشاللىق خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ تاشلاندى ئەمەسمۇ؟
17 The seeds shrivel under their shovels. The storehouses are laid desolate. The granaries are broken down, for the grain has withered.
ئۇرۇقلار توپا-چالمىلار ئاستىدا چىرىپ كەتتى، ئامبارلار خارابىلەشتى، بوغۇزخانىلار غۇلاپ چۈشتى؛ چۈنكى زىرائەتلەر غازاڭ بولدى.
18 How the animals groan. The herds of livestock are perplexed, because they have no pasture. Even the flocks of sheep suffer.
چارپايلار شۇنداق ھۆركىرىشىپ كەتتى! كالا پادىلىرى پاتىپاراق بولدى، ئوتلاقنى تاپالمىغاچ؛ قوي پادىلىرىمۇ ئۆزى «گۇناھىمىز بار» دېگەندەك مەيۈسلەندى؛
19 LORD, I cry to you, for the fire has devoured the pastures of the wilderness, and the flame has burned all the trees of the field.
ئاھ، پەرۋەردىگار، نىدا قىلىمەن ساڭا؛ چۈنكى ئوت يالقۇنلىرى جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى، يالقۇن دالادىكى بارلىق دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
20 Yes, the animals of the field pant to you, for the water brooks have dried up, And the fire has devoured the pastures of the wilderness.
دالادىكى ھايۋانلارمۇ ساڭا نىدا قىلىدۇ، چۈنكى ئېرىق-ئۆستەڭلەر قۇرۇپ كەتتى، ئوت-يالقۇن جاڭگالدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەۋەتتى.

< Joel 1 >