< Jeremiah 44 >

1 The word that came to Jeremiah concerning all the Jews who dwelt in the land of Egypt, who dwelt at Migdol, and at Tahpanhes, and at Noph, and in the country of Pathros, saying,
مىسىردا تۇرغان، يەنى مىگدولدا، تاھپانەستە، نوفتا ۋە [مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپى] پاتروس زېمىنىدا تۇرغان بارلىق يەھۇدىيلار توغرۇلۇق بۇ سۆز يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 Thus saith Jehovah of hosts, the God of Israel: Ye have seen all the evil that I have brought upon Jerusalem, and upon all the cities of Judah; and behold they are, this day, a waste, and no man dwelleth therein,
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى ھەممە شەھەرلەر ئۈستىگە چۈشۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتنى كۆرگەنسىلەر؛ مانا، ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار خارابىلىك بولۇپ، ئادەمزاتسىز قالدى؛ چۈنكى ئۇلار نە ئۆزلىرى، نە سىلەر، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلمەيدىغان يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا، خۇشبۇي يېقىشقا بېرىپ، مېنى غەزەپلەندۈرگەن.
3 because of their wickedness which they have committed to provoke me to anger, in that they went to burn incense to serve other gods which they knew not, they, [nor] ye, nor your fathers.
4 And I sent unto you all my servants the prophets, rising early and sending, saying, Oh, do not this abominable thing which I hate!
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى سىلەرگە ئەۋەتىپ: «مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ يىرگىنشلىك ئىشنى قىلغۇچى بولماڭلار!» ــ دەپ ئاگاھلاندۇرغانمەن.
5 But they hearkened not, nor inclined their ear to turn from their wickedness, to burn no incense unto other gods.
لېكىن ئۇلار ئىتائەت قىلمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار رەزىللىكىدىن، يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىشتىن قولىنى زادى ئۈزمىگەن.
6 And my fury and mine anger was poured forth, and was kindled in the cities of Judah and in the streets of Jerusalem; and they are become a waste, a desolation, as at this day.
شۇنىڭ بىلەن قەھرىم ھەم غەزىپىم [ئۇلارغا] تۆكۈلگەن، يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا يېقىلغان، كۆيگەن؛ ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ۋەيرانە ۋە خارابىلىك بولۇپ قالدى.
7 And now thus saith Jehovah the God of hosts, the God of Israel: Wherefore commit ye great evil against your souls, to cut off from you man and woman, infant and suckling, out of the midst of Judah, to leave you no remnant;
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر نېمىشقا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا زور كۈلپەت كەلتۈرمەكچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق قالدى قالدۇرماي ئۆزۈڭلاردىن، يەنى يەھۇدانىڭ ئىچىدىن ئەر-ئايال، بالا-بوۋاقلارنى ئۈزمەكچىسىلەر!؟
8 provoking me to anger with the works of your hands, burning incense unto other gods in the land of Egypt, whither ye are come to sojourn, that ye should be cut off, and that ye should be a curse and a reproach among all the nations of the earth?
نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭلارنىڭ ياسىغىنى بىلەن، سىلەر ئولتۇراقلاشقان مىسىر زېمىنىدا يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ مېنى غەزەپلەندۈرىسىلەر؟ شۇنداق قىلىپ سىلەر ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا لەنەت سۆزى ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىسىلەر.
9 Have ye forgotten the wickedness of your fathers, and the wickedness of the kings of Judah, and the wickedness of their wives, and your own wickedness, and the wickedness of your wives, which they have committed in the land of Judah and in the streets of Jerusalem?
سىلەر يەھۇدا زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا سادىر قىلىنغان رەزىللىكنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى، يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ رەزىللىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ رەزىللىكىنى، سىلەرنىڭ ئۆز رەزىللىكىڭلارنى ھەم ئاياللىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟
10 They are not humbled unto this day, neither have they feared, nor walked in my law, nor in my statutes which I set before you and before your fathers.
بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر خەلقىڭلار ئۆزىنى ھېچ تۆۋەن تۇتمىدى، مەندىن ھېچ قورقمىدى، ئۇلار مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ياكى بەلگىلىمىلىرىمدە ھېچ ماڭغان ئەمەس.
11 Therefore thus saith Jehovah of hosts, the God of Israel: Behold, I will set my face against you for evil, and to cut off all Judah.
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بېشىڭلارغا كۈلپەت چۈشۈرۈپ، بارلىق يەھۇدانى ھالاك قىلغۇچە سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىمەن؛
12 And I will take the remnant of Judah, that have set their faces to enter into the land of Egypt to sojourn there, and they shall all be consumed: in the land of Egypt shall they fall; they shall be consumed by the sword [and] by the famine, from the least even unto the greatest; they shall die by the sword and by the famine, and they shall be an execration, an astonishment, and a curse, and a reproach.
مەن مىسىر زېمىنىغا شۇ يەردە ئولتۇراقلىشايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان يەھۇدانىڭ قالدىسىغا قول سالىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر زېمىنىدا تۈگىشىدۇ؛ مىسىر زېمىنىدا يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ، ئۇلار لەنەت ئوقۇلىدىغان ۋە دەھشەت باسقۇچى ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىدۇ.
13 And I will punish them that dwell in the land of Egypt as I have punished Jerusalem, by the sword, by the famine, and by the pestilence;
مەن مىسىر زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلارنى يېرۇسالېمنى جازالىغاندەك قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن؛
14 and none of the remnant of Judah, that have come into the land of Egypt to sojourn there, shall escape or remain, so as to return into the land of Judah, whither they have a desire to return to dwell there; for none shall return but such as shall escape.
شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلىشايلى دەپ شۇ يەرگە كىرگەن يەھۇدانىڭ قالدىسىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا ھېچقايسىسى قاچالمايدۇ ياكى ھېچكىم قالمايدۇ؛ شۇ يەرگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئىنتىزار بولسىمۇ، قاچالىغان ئاز بىر قىسمىدىن باشقىلىرى ھېچقايسىسى قايتمايدۇ».
15 Then all the men who knew that their wives burned incense to other gods, and all the women who stood by, a great assemblage, even all the people that dwelt in the land of Egypt, in Pathros, answered Jeremiah, saying,
ئاندىن ئۆز ئاياللىرىنىڭ يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياقىدىغانلىقىنى بىلگەن بارلىق ئەرلەر، ۋە يېنىدا تۇرغان بارلىق ئاياللار، ــ زور بىر توپ ئادەملەر، يەنى مىسىرنىڭ [شىمالىي تەرىپى ۋە جەنۇبىي تەرىپى] پاتروستىن كەلگەن بارلىق خەلق يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ
16 [As for] the word that thou hast spoken unto us in the name of Jehovah, we will not hearken unto thee,
«سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزگە ئېيتقان سۆزگە كەلسەك، بىز ساڭا ھېچ قۇلاق سالمايمىز!
17 but we will certainly do every word that is gone forth out of our mouth, to burn incense to the queen of the heavens, and to pour out drink-offerings to her, as we have done, we and our fathers, our kings and our princes, in the cities of Judah and in the streets of Jerusalem; and we had plenty of bread, and were well, and saw no evil.
ئەكسىچە بىز چوقۇم ئۆز ئاغزىمىزدىن چىققان بارلىق سۆزلەرگە ئەمەل قىلىمىز؛ ئۆزىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمىرلىرىمىز يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا قىلغىنىدەك بىزلەر «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىۋېرىمىز ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇۋېرىمىز؛ چۈنكى ئەينى چاغدا بىزنىڭ نېنىمىز پۈتۈن بولۇپ، توققۇزىمىز تەل، ھېچ كۈلپەتنى كۆرمەي ئۆتكەن.
18 But since we left off burning incense to the queen of the heavens, and pouring out drink-offerings to her, we have wanted everything, and have been consumed by the sword and by the famine.
ئەمما «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىشنى ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشنى توختاتقىنىمىزدىن باشلاپ، بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز كەم بولۇپ، قىلىچ بىلەن ھەم قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولۇپ كەلدۇق.
19 And when we burned incense to the queen of the heavens and poured out drink-offerings to her, did we make for her cakes to portray her, and pour out drink-offerings to her, without our husbands?
بىز ئاياللار «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي ياققىنىمىزدا ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغىنىمىزدا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ پوشكاللارنى ئېتىشىمىزنى ھەم ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشىمىزنى ئەرلىرىمىز قوللىمىغانمۇ؟».
20 And Jeremiah said unto all the people, to the men, and to the women, and to all the people that had given him that answer, saying,
يەرەمىيا بارلىق خەلققە، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللارغا، مۇشۇنداق جاۋابنى بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ
21 Is it not the incense that ye burned in the cities of Judah and in the streets of Jerusalem, ye and your fathers, your kings and your princes and the people of the land, that Jehovah remembered, and that came into his mind?
ــ «پەرۋەردىگارنىڭ ئېسىدە قېلىپ كۆڭلىگە تەگكەن ئىش دەل سىلەر، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار، ئەمىرلىرىڭلار شۇنداقلا زېمىندىكى خەلقنىڭ يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا ياققان خۇشبۇيى ئەمەسمۇ؟
22 And Jehovah could no longer bear, because of the evil of your doings, [and] because of the abominations that ye had committed; and your land is become a waste, and an astonishment, and a curse, without inhabitant, as at this day.
ئاخىرىدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ رەزىللىكىگە ھەم سادىر قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىغان؛ شۇڭا زېمىنىڭلار بۈگۈنكى كۈندىكىدەك خارابىلىك، ئادەمنى دەھشەت باسقۇچى، لەنەت ئوبيېكتى ۋە ئادەمزاتسىز بولغان.
23 Because ye have burned incense, and because ye have sinned against Jehovah, and have not hearkened unto the voice of Jehovah, nor walked in his law, nor in his statutes, nor in his testimonies; therefore this evil hath come upon you, as at this day.
سەۋەبى، سىلەر خۇشبۇي ياققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ نە تەۋرات-قانۇنىدا، نە بەلگىلىمىلىرىدە نە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا ھېچ ماڭمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشتى».
24 And Jeremiah said unto all the people, and to all the women, Hear ye the word of Jehovah, all Judah that are in the land of Egypt.
يەرەمىيا بارلىق خەلققە، بولۇپمۇ بارلىق ئاياللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!
25 Thus saith Jehovah of hosts, the God of Israel, saying, Ye and your wives have both spoken with your mouths, and fulfilled with your hands, saying, We will certainly perform our vows which we have vowed, to burn incense to the queen of the heavens, and to pour out drink-offerings unto her. Ye will certainly establish your vows, and entirely perform your vows.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ئاياللار ئۆز ئاغزىڭلار بىلەن: «بىز «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىش، ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىچكەن قەسەملىرىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز» دېگەنسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئەمەل قىلغانسىلەر. ئەمدى قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرىۋېرىڭلار! قەسىمىڭلارغا تولۇق ئەمەل قىلىۋېرىڭلار!
26 Therefore hear ye the word of Jehovah, all Judah that dwell in the land of Egypt: Behold, I have sworn by my great name, saith Jehovah, that my name shall no more be named in the mouth of any man of Judah in all the land of Egypt, saying, [As] the Lord Jehovah liveth.
لېكىن شۇنداق بولغاندا، ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! مانا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇلۇغ نامىم بىلەن قەسەم قىلغانمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مىسىرنىڭ بارلىق زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالىق ھېچقايسى كىشى مېنىڭ نامىمنى تىلغا ئېلىپ: «رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قايتىدىن قەسەم ئىچمەيدۇ.
27 Behold, I will watch over them for evil, and not for good; and all the men of Judah that are in the land of Egypt shall be consumed by the sword and by the famine, until there be an end of them.
مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆزلەۋاتىمەن؛ شۇڭا مىسىردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىگۈچە قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولىدۇ.
28 And they that escape the sword shall return out of the land of Egypt into the land of Judah, a very small company; and all the remnant of Judah, that have come into the land of Egypt to sojourn there, shall know whose word shall stand, mine or theirs.
قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قاچقانلار بولسا ئىنتايىن ئاز بىر توپ ئادەملەر بولۇپ، مىسىر زېمىنىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىغا ئولتۇراقلىشايلى دەپ كەلگەن يەھۇدانىڭ قالدىسى كىمنىڭ سۆزىنىڭ، مېنىڭكى ياكى ئۇلارنىڭ ئىناۋەتلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىلىپ يېتىدۇ.
29 And this shall be the sign unto you, saith Jehovah, that I will punish you in this place, that ye may know that my words shall certainly stand against you for evil:
مېنىڭ سىلەرنى بۇ يەردە جازالايدىغانلىقىمغا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم سىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرمەي قويمايدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە شۇ ئالدىنئالا بېشارەت بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
30 thus saith Jehovah: Behold, I will give Pharaoh-Hophra king of Egypt into the hand of his enemies, and into the hand of them that seek his life; as I gave Zedekiah king of Judah into the hand of Nebuchadrezzar king of Babylon, his enemy, and that sought his life.
ــ مانا، مېنىڭ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى ئۇنىڭ دۈشمىنى، جېنىنى قوغلاپ ئىزدىگەن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمدەك مەن ئوخشاشلا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن خوفرانى ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ھەمدە جېنىنى ئىزدىگەن كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار».

< Jeremiah 44 >