< Acts 3 >

1 And Peter and John went up together into the temple at the hour of prayer, [which is] the ninth [hour];
بىر كۈنى ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا چىقىپ بارغانىدى.
2 and a certain man who was lame from his mother's womb was being carried, whom they placed every day at the gate of the temple called Beautiful, to ask alms of those who were going into the temple;
شۇ پەيتتە بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى.
3 who, seeing Peter and John about to enter into the temple, asked to receive alms.
ئۇ پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى.
4 And Peter, looking stedfastly upon him with John, said, Look on us.
پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭغا نەزىرىنى سالدى. پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ بىزگە قارا! ــ دېدى.
5 And he gave heed to them, expecting to receive something from them.
ئۇ ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى.
6 But Peter said, Silver and gold I have not; but what I have, this give I to thee: In the name of Jesus Christ the Nazaraean rise up and walk.
بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق؛ لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! ــ دېۋىدى،
7 And having taken hold of him [by] the right hand he raised him up, and immediately his feet and ankle bones were made strong.
ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرى شۇئان كۈچلەندۈرۈلۈپ،
8 And leaping up he stood and walked, and entered with them into the temple, walking, and leaping, and praising God.
ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى.
9 And all the people saw him walking and praising God;
بارلىق خالايىق ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ
10 and they recognised him, that it was he who sat for alms at the Beautiful gate of the temple; and they were filled with wonder and amazement at what had happened to him.
ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىدا سەدىقە تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭدا يۈز بەرگىنىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ داڭ قېتىپ قېلىشتى.
11 And as he held Peter and John, all the people ran together to them in the portico which is called Solomon's, greatly wondering.
[ساقايغان كىشى] پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغاندا، ھەيران بولۇشقان بارلىق خەلق ئۇلارنىڭ يېنىغا [ئىبادەتخانىدىكى] «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى.
12 And Peter, seeing it, answered the people, Men of Israel, why are ye astonished at this? or why do ye gaze on us as if we had by our own power or piety made him to walk?
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئىسرائىللار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىز خۇددى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمىز ياكى ئىخلاسمەنلىكىمىزگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇرغاندەك بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟
13 The God of Abraham and Isaac and Jacob, the God of our fathers, has glorified his servant Jesus, whom ye delivered up, and denied him in the presence of Pilate, when he had judged that he should be let go.
ئەمەلىيەتتە بولسا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان-شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان. بىراق سىلەر بولساڭلار شۇ ئەيسانى [رىملىقلارغا] تۇتۇپ بەردىڭلار؛ ئاندىن [ۋالىي] پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تېنىپ رەت قىلىشتىڭلار.
14 But ye denied the holy and righteous one, and asked that a man [that was] a murderer should be granted to you;
مانا سىلەر مۇقەددەس ۋە ھەققانىي بولغۇچىدىن تېنىپ، ئۇنى رەت قىلىپ [ۋالىي پىلاتۇستىن] ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار.
15 but the originator of life ye slew, whom God raised from among [the] dead, whereof we are witnesses.
شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، بىز مانا بۇنىڭغا گۇۋاھچىدۇرمىز.
16 And, by faith in his name, his name has made this [man] strong whom ye behold and know; and the faith which is by him has given him this complete soundness in the presence of you all.
مانا ئۇنىڭ نامىغا قىلغان ئېتىقاد ئارقىلىق، ئۇنىڭ نامى سىلەر كۆرۈۋاتقان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەمگە دەرمان كىرگۈزدى؛ ئۇنىڭ ئارقىلىق بولغان ئېتىقاد ئۇ كىشىنى كۆز ئالدىڭلاردا سەللىمازا ساق-سالامەت قىلدى.
17 And now, brethren, I know that ye did it in ignorance, as also your rulers;
ئەمدى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ باشلىقلىرىڭلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى غەپلەتتە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىمەن.
18 but God has thus fulfilled what he had announced beforehand by the mouth of all the prophets, that his Christ should suffer.
لېكىن خۇدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزى بىلەن ئالدىنئالا جاكارلىغانلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدىغانلىقىنى شۇ يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى.
19 Repent therefore and be converted, for the blotting out of your sins, so that times of refreshing may come from [the] presence of the Lord,
شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ
20 and he may send Jesus Christ, who was foreordained for you,
ۋە ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئالدىن تىكلەنگەن مەسىھ، يەنى ئەيسانى قېشىڭلارغا قايتىدىن ئەۋەتىدۇ.
21 whom heaven indeed must receive till [the] times of [the] restoring of all things, of which God has spoken by the mouth of his holy prophets since time began. (aiōn g165)
ھازىرچە بولسا، خۇدانىڭ دەسلەپتىكى زامانلاردىن تارتىپ مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى بىلەن ئېيتقىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ئەرشلەر ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ماكان بولىدۇ. (aiōn g165)
22 Moses indeed said, A prophet shall [the] Lord your God raise up to you out of your brethren like me: him shall ye hear in everything whatsoever he shall say to you.
مۇسا دەرۋەقە مۇنداق دېگەنىدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭ سىلەرگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك!
23 And it shall be that whatsoever soul shall not hear that prophet shall be destroyed from among the people.
چۈنكى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلارنىڭ ھەربىرى خەلق قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ».
24 And indeed all the prophets from Samuel and those in succession after [him], as many as have spoken, have announced also these days.
دەرۋەقە، سامۇئىل [پەيغەمبەر] ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ بېشارەتلەرنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنلەر توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان.
25 Ye are the sons of the prophets and of the covenant which God appointed to our fathers, saying to Abraham, And in thy seed shall all the families of the earth be blessed.
سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر ــ بۇ ئەھدە بويىچە خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-جەمەتلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن.
26 To you first God, having raised up his servant, has sent him, blessing you in turning each one [of you] from your wickedness.
شۇڭا خۇدا ھەربىرىڭلارنى ئۆز رەزىللىكلىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ئەيسانى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى.

< Acts 3 >