< Zechariah 12 >

1 The burden of the word of Jehovah concerning Israel. [Thus] saith Jehovah, who stretcheth forth the heavens, and layeth the foundation of the earth, and formeth the spirit of man within him:
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق سۆزىدىن يۈكلەنگەن بېشارەت: ــ ئاسمانلارنى يايغۇچى، يەرنىڭ ئۇلىنى سالغۇچى، ئادەمنىڭ روھىنى ئۇنىڭ ئىچىدە ياسىغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
2 Behold, I will make Jerusalem a cup of reeling unto all the peoples round about, and upon Judah also shall it be in the siege against Jerusalem.
مانا، مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرگە كىشىلەرنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان ئاپقۇر قىلىمەن؛ يېرۇسالېمغا چۈشىدىغان مۇھاسىرە يەھۇداغىمۇ چۈشىدۇ.
3 And it shall come to pass in that day, that I will make Jerusalem a burdensome stone for all the peoples; all that burden themselves with it shall be sore wounded; and all the nations of the earth shall be gathered together against it.
شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى بارلىق ئەللەرگە ئېغىر يۈك بولغان تاش قىلىمەن؛ كىم ئۇنى ئۆزىگە يۈكلىسە يارىلانماي قالمايدۇ؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا يىغىلىدۇ.
4 In that day, saith Jehovah, I will smite every horse with terror, and his rider with madness; and I will open mine eyes upon the house of Judah, and will smite every horse of the peoples with blindness.
شۇ كۈنى مەن ھەممە ئاتلارنى ساراسىمىگە سېلىپ، ئاتلىقلارنى ساراڭ قىلىپ ئۇرىمەن؛ بىراق يەھۇدا جەمەتىنى كۆزۈمدە تۇتىمەن؛ ئەللەردىكى ھەربىر ئاتنى بولسا كورلۇق بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن.
5 And the chieftains of Judah shall say in their heart, The inhabitants of Jerusalem are my strength in Jehovah of hosts their God.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرى كۆڭلىدە: «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئارقىلىق ماڭا كۈچ بولىدۇ» دەيدۇ.
6 In that day will I make the chieftains of Judah like a pan of fire among wood, and like a flaming torch among sheaves; and they shall devour all the peoples round about, on the right hand and on the left; and [they of] Jerusalem shall yet again dwell in their own place, even in Jerusalem.
شۇ كۈنى مەن يەھۇدانىڭ يولباشچىلىرىنى ئوتۇنلار ئارىسىدىكى ئوتداندەك، ئۆنچىلەر ئارىسىدىكى مەشئەلدەك قىلىمەن؛ ئۇلار ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنى، يەنى ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكىلەرنى يەۋېتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىكىلەر يەنە ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېم شەھىرىدە تۇرىدىغان بولىدۇ.
7 Jehovah also shall save the tents of Judah first, that the glory of the house of David and the glory of the inhabitants of Jerusalem be not magnified above Judah.
پەرۋەردىگار ئاۋۋال يەھۇدانىڭ چېدىرلىرىنى قۇتقۇزىدۇ؛ سەۋەبى ــ داۋۇت جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ شان-شەرىپى يەھۇدانىڭكىدىن ئۇلۇغلانماسلىقى ئۈچۈندۇر.
8 In that day shall Jehovah defend the inhabitants of Jerusalem; and he that is feeble among them at that day shall be as David; and the house of David shall be as God, as the angel of Jehovah before them.
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى قوغدايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەلەڭشىپ قالغانلارمۇ شۇ كۈنى داۋۇتتەك پالۋان بولىدۇ؛ داۋۇت جەمەتى بولسا خۇدادەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدەك كۈچلۈك بولىدۇ.
9 And it shall come to pass in that day, that I will seek to destroy all the nations that come against Jerusalem.
شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن بارلىق ئەللەرنى ھالاك قىلىشقا كىرىشىمەن.
10 And I will pour upon the house of David, and upon the inhabitants of Jerusalem, the spirit of grace and of supplication; and they shall look unto me whom they have pierced; and they shall mourn for him, as one mourneth for his only son, and shall be in bitterness for him, as one that is in bitterness for his first-born.
ۋە مەن داۋۇت جەمەتى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە شاپائەت يەتكۈزگۈچى ۋە شاپائەت تىلىگۈچى روھنى قۇيىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا يەنە قارايدۇ؛ بىرسىنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرگەندەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئوغلىدىن جۇدا بولغۇچىنىڭ دەرد-ئەلەم تارتقىنىدەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرد-ئەلەم تارتىدۇ.
11 In that day shall there be a great mourning in Jerusalem, as the mourning of Hadadrimmon in the valley of Megiddon.
شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا غايەت زور يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇ مەگىددو جىلغىسىدىكى «خاداد-رىممون»دا كۆتۈرۈلگەن يىغا-زاردەك بولىدۇ.
12 And the land shall mourn, every family apart; the family of the house of David apart, and their wives apart; the family of the house of Nathan apart, and their wives apart;
زېمىن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ھەربىر ئائىلە ئايرىم ھالدا يىغا-زار كۆتۈرىدۇ. داۋۇت جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا، ناتان جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛
13 the family of the house of Levi apart, and their wives apart; the family of the Shimeites apart, and their wives apart;
لاۋىي جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛ شىمەي جەمەتى ئايرىم ھالدا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا؛
14 all the families that remain, every family apart, and their wives apart.
بارلىق تىرىك قالغان ئائىلىلەر، يەنى ھەربىر ئائىلە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئايرىم ھالدا يىغا-زار كۆتۈرىدۇ.

< Zechariah 12 >