< Psalms 115 >

1 Not unto us, O Jehovah, not unto us, But unto thy name give glory, For thy lovingkindness, and for thy truth’s sake.
بىزگە ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە ئەمەس ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن، ئۆز نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەيسەن.
2 Wherefore should the nations say, Where is now their God?
ئەللەر نېمىشقا «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ [مازاق] قىلىشىدۇ؟
3 But our God is in the heavens: He hath done whatsoever he pleased.
بىراق خۇدايىمىز بولسا ئەرشلەردىدۇر؛ نېمىنى خالىسا، ئۇ شۇنى قىلغاندۇر.
4 Their idols are silver and gold, The work of men’s hands.
ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەت كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەت، ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغىنىدۇر، خالاس.
5 They have mouths, but they speak not; Eyes have they, but they see not;
ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىيەلمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، كۆرمەيدۇ؛
6 They have ears, but they hear not; Noses have they, but they smell not;
قۇلاقلىرى بار، ئاڭلىمايدۇ، بۇرنى بار، پۇرىيالمايدۇ؛
7 They have hands, but they handle not; Feet have they, but they walk not; Neither speak they through their throat.
قوللىرى بار، سىلىيالمايدۇ؛ پۇتلىرى بار، ماڭالمايدۇ؛ كانىيىدىن ھېچبىر سادا چىقارمايدۇ.
8 They that make them shall be like unto them; Yea, every one that trusteth in them.
ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاشتۇر، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر.
9 O Israel, trust thou in Jehovah: He is their help and their shield.
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچىڭلار ھەم قالقىنىڭلاردۇر.
10 O house of Aaron, trust ye in Jehovah: He is their help and their shield.
ئى ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم سىلەرنىڭ قالقىنىڭلاردۇر.
11 Ye that fear Jehovah, trust in Jehovah: He is their help and their shield.
پەردەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار، پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە ياردەم قىلغۇچى ھەم قالقىنىڭلاردۇر.
12 Jehovah hath been mindful of us; he will bless [us]: He will bless the house of Israel; He will bless the house of Aaron.
پەرۋەردىگار بىزنى ئەسلەپ كەلدى؛ ئۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛ ئۇ ھارۇن جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلىدۇ؛
13 He will bless them that fear Jehovah, Both small and great.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارغا، چوڭلىرى ھەم كىچىكلىرىگىمۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ.
14 Jehovah increase you more and more, You and your children.
پەرۋەردىگار سىلەرگە قوشلاپ بېرىدۇ، سىلەرگە ھەم پەرزەنتلىرىڭلارغا؛
15 Blessed are ye of Jehovah, Who made heaven and earth.
سىلەرگە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان، ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىن بەرىكەتلەنگەن!
16 The heavens are the heavens of Jehovah; But the earth hath he given to the children of men.
ئاسمانلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرىدۇر؛ بىراق زېمىننى بولسا ئىنسان بالىلىرىغا تاپشۇرغاندۇر.
17 The dead praise not Jehovah, Neither any that go down into silence;
ئۆلۈكلەر ياھنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ، سۈكۈت دىيارىغا چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ شۇنداق؛
18 But we will bless Jehovah From this time forth and for evermore. Praise ye Jehovah.
بىراق بىزلەر ھازىردىن باشلاپ ياھقا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمىز! ھەمدۇسانا!

< Psalms 115 >