< Numbers 28 >

1 And Jehovah spake unto Moses, saying,
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
2 Command the children of Israel, and say unto them, My oblation, my food for my offerings made by fire, of a sweet savor unto me, shall ye observe to offer unto me in their due season.
سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇپ: — «ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى، يەنى ماڭا ئوزۇق بولىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى بولسا، سىلەر ھەربىرىنى بېكىتىلگەن قەرەلىدە سۇنۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» — دېگىن.
3 And thou shalt say unto them, This is the offering made by fire which ye shall offer unto Jehovah: he-lambs a year old without blemish, two day by day, for a continual burnt-offering.
سەن ئۇلارغا يەنە: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلار مۇنداق بولىدۇ: — ھەر كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئىككىنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار.
4 The one lamb shalt thou offer in the morning, and the other lamb shalt thou offer at even;
ئەتىگىنى بىرنى، گۇگۇمدا بىرنى سۇنۇڭلار؛
5 and the tenth part of an ephah of fine flour for a meal-offering, mingled with the fourth part of a hin of beaten oil.
يەنە تۆتتىن بىر ھىندىن سوقۇپ چىقىرىلغان زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.
6 It is a continual burnt-offering, which was ordained in mount Sinai for a sweet savor, an offering made by fire unto Jehovah.
سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق مانا شۇدۇر.
7 And the drink-offering thereof shall be the fourth part of a hin for the one lamb: in the holy place shalt thou pour out a drink-offering of strong drink unto Jehovah.
ھەربىر قوزا ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى تۆتتىن بىر ھىن شاراب بولىدۇ؛ ئېچىتما ئىچىملىك بولغان شاراب ھەدىيەسى مۇقەددەس جايدا پەرۋەردىگارغا سۇنۇپ تۆكۈلسۇن.
8 And the other lamb shalt thou offer at even: as the meal-offering of the morning, and as the drink-offering thereof, thou shalt offer it, an offering made by fire, of a sweet savor unto Jehovah.
سەن ئىككىنچى بىر قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنكىدەك ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىلەن قوشۇپ سۇنغىن؛ ئۇ خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.
9 And on the sabbath day two he-lambs a year old without blemish, and two tenth parts [of an ephah] of fine flour for a meal-offering, mingled with oil, and the drink-offering thereof:
— شابات كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئىككى ئەركەك قوزا سۇنۇلسۇن؛ ئۇنىڭغا قوشۇپ زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن ۋە شاراب ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن؛
10 this is the burnt-offering of every sabbath, besides the continual burnt-offering, and the drink-offering thereof.
بۇ ھەربىر شابات كۈنىدە سۇنۇلىدىغان شابات كۈنىدىكى قۇربانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ بىلەن دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
11 And in the beginnings of your months ye shall offer a burnt-offering unto Jehovah: two young bullocks, and one ram, seven he-lambs a year old without blemish;
— ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ يەنى ئىككى ياش تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بېجىرىم يەتتە ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار.
12 and three tenth parts [of an ephah] of fine flour for a meal-offering, mingled with oil, for each bullock; and two tenth parts of fine flour for a meal-offering, mingled with oil, for the one ram;
ھەر تورپاق بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە، قوشقارغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە،
13 and a tenth part of fine flour mingled with oil for a meal-offering unto every lamb; for a burnt-offering of a sweet savor, an offering made by fire unto Jehovah.
ھەربىر قوزا بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر.
14 And their drink-offerings shall be half a hin of wine for a bullock, and the third part of a hin for the ram, and the fourth part of a hin for a lamb: this is the burnt-offering of every month throughout the months of the year.
ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بولسا: — ھەربىر تورپاق بېشىغا شارابتىن يېرىم ھىن، قوشقار بېشىغا ھىننىڭ ئۈچتىن بىرى، ھەربىر قوزا بېشىغا ھىننىڭ تۆتتىن بىرى سۇنۇلسۇن. بۇ ھەر ئايدا سۇنۇلىدىغان ئايلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، يىلنىڭ ھەر ئېيىدا شۇنداق قىلىنسۇن.
15 And one he-goat for a sin-offering unto Jehovah; it shall be offered besides the continual burnt-offering, and the drink-offering thereof.
بۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان گۇناھ قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە شاراب ھەدىيەسى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن.
16 And in the first month, on the fourteenth day of the month, is Jehovah’s passover.
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش» [قوزىسى سۇنۇلسۇن].
17 And on the fifteenth day of this month shall be a feast: seven days shall unleavened bread be eaten.
شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى ھېيت باشلىنىدۇ؛ يەتتە كۈن پېتىر نان يىيىلسۇن.
18 In the first day shall be a holy convocation: ye shall do no servile work;
بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈلسۇن، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك،
19 but ye shall offer an offering made by fire, a burnt-offering unto Jehovah: two young bullocks, and one ram, and seven he-lambs a year old; they shall be unto you without blemish;
شۇ كۈنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، بىر قوچقار ۋە يەتتە بىر ياشلىق ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار؛ ئۇلار ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن؛
20 and their meal-offering, fine flour mingled with oil: three tenth parts shall ye offer for a bullock, and two tenth parts for the ram;
شۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى،
21 a tenth part shalt thou offer for every lamb of the seven lambs;
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛
22 and one he-goat for a sin-offering, to make atonement for you.
شۇنىڭدەك [گۇناھىڭلار] ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن.
23 Ye shall offer these besides the burnt-offering of the morning, which is for a continual burnt-offering.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن ئايرىم سۇنۇڭلار.
24 After this manner ye shall offer daily, for seven days, the food of the offering made by fire, of a sweet savor unto Jehovah: it shall be offered besides the continual burnt-offering, and the drink-offering thereof.
سىلەر بۇ تەرىقىدە ئۇدا يەتتە كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئاشۇنداق ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇپ سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسىنىڭ سىرتىدا سۇنۇلىدۇ.
25 And on the seventh day ye shall have a holy convocation; ye shall do no servile work.
يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ.
26 Also in the day of the first-fruits, when ye offer a new meal-offering unto Jehovah in your [feast of] weeks, ye shall have a holy convocation; ye shall do no servile work;
«دەسلەپكى ئورما» كۈنى، يەنى «ھەپتىلەر ھېيتى»ڭلاردا سىلەر يېڭى ئاشلىق ھەدىيەنى پەرۋەردىگارغا سۇنغان چاغدا مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.
27 but ye shall offer a burnt-offering for a sweet savor unto Jehovah: two young bullocks, one ram, seven he-lambs a year old;
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار.
28 and their meal-offering, fine flour mingled with oil, three tenth parts for each bullock, two tenth parts for the one ram,
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى،
29 a tenth part for every lamb of the seven lambs;
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛
30 one he-goat, to make atonement for you.
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ [گۇناھىڭلار ئۈچۈن] كافارەت كەلتۈرۈشكە [گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە] بىر تېكە سۇنۇلسۇن.
31 Besides the continual burnt-offering, and the meal-offering thereof, ye shall offer them (they shall be unto you without blemish), and their drink-offerings.
شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىگە قوشۇپ ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›، شاراب ھەدىيەلىرى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن.

< Numbers 28 >