< Joshua 4 >

1 And it came to pass, when all the nation were clean passed over the Jordan, that Jehovah spake unto Joshua, saying,
پۈتكۈل خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ
2 Take you twelve men out of the people, out of every tribe a man,
خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللىغىن، ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم بولسۇن،
3 and command ye them, saying, Take you hence out of the midst of the Jordan, out of the place where the priests’ feet stood firm, twelve stones, and carry them over with you, and lay them down in the lodging-place, where ye shall lodge this night.
ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مەزمۇت تۇرغان جايدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۆزۈڭلار بۈگۈن كېچە بارگاھ تىكىدىغان يەرگە قويۇڭلار، دېگىن، دېدى.
4 Then Joshua called the twelve men, whom he had prepared of the children of Israel, out of every tribe a man:
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئادەمنى، يەنى ئىسرائىللار ئارىسىدىن تاللىغان ئون ئىككى كىشىنى چاقىردى؛
5 and Joshua said unto them, Pass over before the ark of Jehovah your God into the midst of the Jordan, and take you up every man of you a stone upon his shoulder, according unto the number of the tribes of the children of Israel;
ئاندىن يەشۇئا ئۇلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانىغا ماس ھالدا بىردىن تاشنى ئېلىپ مۈرەڭلەرگە قويۇڭلار.
6 that this may be a sign among you, that, when your children ask in time to come, saying, What mean ye by these stones?
چۈنكى بۇ ئاراڭلاردا بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ؛ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار: ــ بۇ تاشلارنىڭ سىلەرگە نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ــ دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇلارغا: ــ
7 then ye shall say unto them, Because the waters of the Jordan were cut off before the ark of the covenant of Jehovah; when it passed over the Jordan, the waters of the Jordan were cut off: and these stones shall be for a memorial unto the children of Israel for ever.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ئۈزۈپ قويۇلدى؛ [ئەھدە ساندۇقى] ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى ئۈزۈپ قويۇلدى؛ شۇڭا بۇ تاشلار ئىسرائىللارغا مەڭگۈلۈك بىر ئەسلەتمە-بەلگە بولىدۇ، ــ دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر.
8 And the children of Israel did so as Joshua commanded, and took up twelve stones out of the midst of the Jordan, as Jehovah spake unto Joshua, according to the number of the tribes of the children of Israel; and they carried them over with them unto the place where they lodged, and laid them down there.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار يەشۇئا ئۇلارغا بۇيرۇغاندەك قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا مۇۋاپىق ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئون ئىككى تاشنى ئېلىپ، قونىدىغان جايغا كۆتۈرۈپ بېرىپ، شۇ يەردە قويۇپ قويدى.
9 And Joshua set up twelve stones in the midst of the Jordan, in the place where the feet of the priests that bare the ark of the covenant stood: and they are there unto this day.
بۇنىڭدىن باشقا يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ پۇتلىرى مۇستەھكەم تۇرغان جايدا ئون ئىككى تاشنى تىكلەپ قويدى. بۇ تاشلار بولسا بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ.
10 For the priests that bare the ark stood in the midst of the Jordan, until everything was finished that Jehovah commanded Joshua to speak unto the people, according to all that Moses commanded Joshua: and the people hasted and passed over.
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا خەلققە ئېيتىشقا تاپىلىغان بارلىق ئىشلار ئورۇنلانغۇچىلىك، يەنى مۇسا ئەسلىدە يەشۇئاغا بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسى بەجا كەلتۈرۈلگۈچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. خەلق شۇ يەردىن تېزدىن ئۆتۈۋاتاتتى.
11 And it came to pass, when all the people were clean passed over, that the ark of Jehovah passed over, and the priests, in the presence of the people.
شۇنداق بولدىكى، بارلىق خەلق تامامەن ئۆتۈپ بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ [ئەھدە] ساندۇقى بىلەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى.
12 And the children of Reuben, and the children of Gad, and the half-tribe of Manasseh, passed over armed before the children of Israel, as Moses spake unto them:
رۇبەنلەر بىلەن گادلار ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرمۇ مۇسانىڭ ئۇلارغا بۇيرۇغىنىدەك سەپتە تۈزۈپ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتتى.
13 about forty thousand ready armed for war passed over before Jehovah unto battle, to the plains of Jericho.
جەمئىي بولۇپ قىرىق مىڭچە قوراللانغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، يېرىخو تۈزلەڭلىكلىرىگە كېلىپ، جەڭ قىلىشقا تەييار تۇردى.
14 On that day Jehovah magnified Joshua in the sight of all Israel; and they feared him, as they feared Moses, all the days of his life.
ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار يەشۇئانى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە مۇسادىن قورققاندەك ئۇنىڭدىنمۇ قورقتى.
15 And Jehovah spake unto Joshua, saying,
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ
16 Command the priests that bear the ark of the testimony, that they come up out of the Jordan.
ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇغىن، دېدى.
17 Joshua therefore commanded the priests, saying, Come ye up out of the Jordan.
شۇڭا يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئىئوردان دەرياسىدىن چىقىڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
18 And it came to pass, when the priests that bare the ark of the covenant of Jehovah were come up out of the midst of the Jordan, and the soles of the priests’ feet were lifted up unto the dry ground, that the waters of the Jordan returned unto their place, and went over all its banks, as aforetime.
شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، پۇتلىرىنىڭ تاپىنى قۇرۇقلۇقنى دەسسىشى بىلەنلا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى يەنە ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىپ، ئاۋۋالقىدەك ئىككى قىرغىقىغىچە تېشىپ ئېقىشقا باشلىدى.
19 And the people came up out of the Jordan on the tenth day of the first month, and encamped in Gilgal, on the east border of Jericho.
خەلق بولسا بىرىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يېرىخونىڭ شەرقىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدىكى گىلگالغا كېلىپ چېدىرگاھ تىكتى.
20 And those twelve stones, which they took out of the Jordan, did Joshua set up in Gilgal.
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئالغاچ كەلگەن ئون ئىككى تاشنى بولسا، يەشۇئا ئۇلارنى گىلگالدا تىكلەپ قويدى؛
21 And he spake unto the children of Israel, saying, When your children shall ask their fathers in time to come, saying, What mean these stones?
ئاندىن ئىسرائىللارغا: ــ كېيىن بالىلىرىڭلار ئۆز ئاتىلىرىدىن: ــ بۇ تاشلارنىڭ ئەھمىيىتى نېمە، دەپ سورىسا،
22 then ye shall let your children know, saying, Israel came over this Jordan on dry land.
سىلەر بالىلىرىڭلارغا مۇنداق ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار: ــ «ئىسرائىل ئىلگىرى قۇرۇق يەرنى دەسسەپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەنىدى؛
23 For Jehovah your God dried up the waters of the Jordan from before you, until ye were passed over, as Jehovah your God did to the Red Sea, which he dried up from before us, until we were passed over;
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈچە ئالدىمىزدا ئۇنىڭ سۇلىرىنى قۇرۇتۇپ بەرگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۆتكۈچە ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنى قۇرۇتۇپ بەردى؛
24 that all the peoples of the earth may know the hand of Jehovah, that it is mighty; that ye may fear Jehovah your God for ever.
يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ قولىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى بىلسۇن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن ھەمىشە قورقۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۇ شۇنداق قىلدى» ــ دېدى.

< Joshua 4 >