< Job 17 >

1 My spirit is consumed, my days are extinct, The grave is [ready] for me.
مېنىڭ روھىم سۇنۇق، كۈنلىرىم تۈگەي دەيدۇ، گۆرلەر مېنى كۈتمەكتە.
2 Surely there are mockers with me, And mine eye dwelleth upon their provocation.
ئەتراپىمدا ئالدامچى مازاق قىلغۇچىلار بار ئەمەسمۇ؟ كۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئېچىتقۇلۇقىغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر.
3 Give now a pledge, be surety for me with thyself; Who is there that will strike hands with me?
ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن؛ سەندىن باشقا كىم مېنى قوللاپ بورۇن بولسۇن؟
4 For thou hast hid their heart from understanding: Therefore shalt thou not exalt [them].
چۈنكى سەن [دوستلىرىمنىڭ] كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلىسەن!
5 He that denounceth his friends for a prey, Even the eyes of his children shall fail.
غەنىيمەت ئالاي دەپ دوستلىرىغا پەشۋا ئاتقان كىشىنىڭ بولسا، ھەتتا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىمۇ كور بولىدۇ.
6 But he hath made me a byword of the people; And they spit in my face.
ئۇ مېنى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قويدى؛ مەن كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم.
7 Mine eye also is dim by reason of sorrow, And all my members are as a shadow.
دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى، بارلىق ئەزالىرىم كۆلەڭگىدەك بولۇپ قالدى.
8 Upright men shall be astonished at this, And the innocent shall stir up himself against the godless.
بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دۇرۇسلار ھەيرانۇھەس بولىدۇ؛ بىگۇناھلار ئىپلاسلارغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىلىدۇ.
9 Yet shall the righteous hold on his way, And he that hath clean hands shall wax stronger and stronger.
بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ.
10 But as for you all, come on now again; And I shall not find a wise man among you.
ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار، يەنە كېلىڭلار؛ ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانا ئادەم تاپالمايمەن.
11 My days are past, my purposes are broken off, Even the thoughts of my heart.
كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ، مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى.
12 They change the night into day: The light, [say they], is near unto the darkness.
بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛ ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ.
13 If I look for Sheol as my house; If I have spread my couch in the darkness; (Sheol h7585)
ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛ مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن. (Sheol h7585)
14 If I have said to corruption, Thou art my father; To the worm, [Thou art] my mother, and my sister;
«چىرىپ كېتىشنى: «سەن مېنىڭ ئاتام!»، قۇرتلارنى: «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن!
15 Where then is my hope? And as for my hope, who shall see it?
ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە؟ شۇنداق، ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلىسۇن؟
16 It shall go down to the bars of Sheol, When once there is rest in the dust. (Sheol h7585)
ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ! بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز! (Sheol h7585)

< Job 17 >