< Jeremiah 50 >

1 The word that Jehovah spake concerning Babylon, concerning the land of the Chaldeans, by Jeremiah the prophet.
پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل توغرۇلۇق، يەنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆز: ــ
2 Declare ye among the nations and publish, and set up a standard; publish, and conceal not: say, Babylon is taken, Bel is put to shame, Merodach is dismayed; her images are put to shame, her idols are dismayed.
ئەللەر ئارىسىدا شۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ جاكارلاڭلار، تۈغ كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، ئۇنى يوشۇرماڭلار! ــ «بابىل ئىشغال قىلىندى؛ بەل بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، ماردۇك پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بابىلنىڭ ئويما بۇتلىرى خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، يىرگىنچلىك نەرسىلىرى پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى!» ــ دەڭلار.
3 For out of the north there cometh up a nation against her, which shall make her land desolate, and none shall dwell therein: they are fled, they are gone, both man and beast.
چۈنكى شىمالدىن ئۇنىڭغا جەڭ قىلماقچى بولغان بىر ئەل كېلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىدۇ، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ؛ ئىنسان ھەم ھايۋانمۇ قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلار يوق بولىدۇ.
4 In those days, and in that time, saith Jehovah, the children of Israel shall come, they and the children of Judah together; they shall go on their way weeping, and shall seek Jehovah their God.
شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىل خەلقى كېلىدۇ، ئۇلار ھەم يەھۇدا خەلقى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇلار يىغلىغان ھالدا مېڭىپ پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئىزدەشكە كېلىدۇ.
5 They shall inquire concerning Zion with their faces thitherward, [saying], Come ye, and join yourselves to Jehovah in an everlasting covenant that shall not be forgotten.
ئۇلار زىئوننىڭ يولىنى سورايدۇ، يۈزلىرىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ: «ھەرگىز ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بىلەن ئۆزىمىزنى پەرۋەردىگارغا باغلايلى» ــ دەيدۇ.
6 My people have been lost sheep: their shepherds have caused them to go astray; they have turned them away on the mountains; they have gone from mountain to hill; they have forgotten their resting-place.
ــ مېنىڭ خەلقىم ئازغان قويلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ باققۇچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرغان، ئۇلارنى تاغلاردا تېنىتىپ يۈرگەن؛ ئۇلار تاغدىن دۆڭگە كېزىپ يۈرۈپ، ئۆز ئارامگاھىنى ئۇنتۇغاندۇر.
7 All that found them have devoured them; and their adversaries said, We are not guilty, because they have sinned against Jehovah, the habitation of righteousness, even Jehovah, the hope of their fathers.
ئۇلارنى ئۇچراتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، كۈشەندىلىرى ئۇلار توغرۇلۇق: «بىزدە [بۇ ئىشلاردا] ھېچ گۇناھ يوق، چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۈمىدى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ھەققانىيلىقنىڭ يايلاق-تۇرالغۇسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان!» ــ دېگەن.
8 Flee out of the midst of Babylon, and go forth out of the land of the Chaldeans, and be as the he-goats before the flocks.
[ئى خەلقىم]، بابىل ئوتتۇرىسىدىن قېچىڭلار، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ چىقىڭلار، پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار.
9 For, lo, I will stir up and cause to come up against Babylon a company of great nations from the north country; and they shall set themselves in array against her; from thence she shall be taken: their arrows shall be as of an expert mighty man; none shall return in vain.
ــ چۈنكى مانا، شىمالىي زېمىندىن بابىلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان زور بىر توپ ئۇلۇغ ئەللەرنى قوزغايمەن؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا قارشى سەپكە قوشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بابىل شۇ يەردىن چىققانلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر مەرگەنلەرنىڭكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەڭدىن قۇرۇق قول كەلمەيدۇ.
10 And Chaldea shall be a prey: all that prey upon her shall be satisfied, saith Jehovah.
كالدىيە بولسا ئولجا بولىدۇ؛ ئولجا ئالغان بارلىق بۇلىغۇچىلار ئۇنىڭدىن قانائەتلىنىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
11 Because ye are glad, because ye rejoice, O ye that plunder my heritage, because ye are wanton as a heifer that treadeth out [the grain], and neigh as strong horses;
ــ چۈنكى سىلەر شادلانغانسىلەر، سىلەر يايراپ كەتكەنسىلەر، ئى مىراسىم بولغان [خەلقىمنى] بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلار! چۈنكى سىلەر چېمەندە تۇرغان موزايلاردەك سەكرىگەنسىلەر، ئايغىرلاردەك خۇشاللىقتىن كىشنىگەنسىلەر!
12 your mother shall be utterly put to shame; she that bare you shall be confounded: behold, she shall be the hindermost of the nations, a wilderness, a dry land, and a desert.
ئەمدى ئانا [يۇرتۇڭ] زور خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ رەسۋاچىلىق سېنى تۇغغۇچىنى قاپلايدۇ؛ مانا، ئۇ ئەللەرنىڭ داشقىلى، ــ بىر جاڭگال، قاغجىراق يەر ۋە چۆل-باياۋان بولۇپ قالىدۇ.
13 Because of the wrath of Jehovah she shall not be inhabited, but she shall be wholly desolate: every one that goeth by Babylon shall be astonished, and hiss at all her plagues.
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ھېچ ئاھالىسى بولمايدۇ، بەلكى تولۇق تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ؛ بابىلدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇش-ئۇش قىلىدۇ.
14 Set yourselves in array against Babylon round about, all ye that bend the bow; shoot at her, spare no arrows: for she hath sinned against Jehovah.
بابىلغا جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا سەپكە تىزىلىڭلار، بارلىق ئوقياچىلار؛ ئۇنىڭغا ئېتىڭلار، ئوقلارنى ھېچ ئايىماڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان.
15 Shout against her round about: she hath submitted herself; her bulwarks are fallen, her walls are thrown down; for it is the vengeance of Jehovah: take vengeance upon her; as she hath done, do unto her.
ئۇنىڭ ئەتراپىدا جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇ تەسلىم بولۇپ قول كۆتۈرىدۇ؛ مۇنارلىرى ئۆرۈلىدۇ، سېپىللىرى غۇلىتىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالغان قىساسىدۇر. ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار؛ ئۇ باشقىلارغا نېمە قىلغان بولسا ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار.
16 Cut off the sower from Babylon, and him that handleth the sickle in the time of harvest: for fear of the oppressing sword they shall turn every one to his people, and they shall flee every one to his own land.
بابىلدىن ئۇرۇق تېرىغۇچى ھەم ھوسۇل ۋاقتىدىكى ئورغاق سالغۇچىلارنى يوق قىلىڭلار؛ زۇلۇمكارنىڭ قىلىچىنىڭ قورقۇنچى تۈپەيلىدىن بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز ئانا يۇرتىغا قاچسۇن!
17 Israel is a hunted sheep; the lions have driven him away: first, the king of Assyria devoured him; and now at last Nebuchadrezzar king of Babylon hath broken his bones.
ئىسرائىل تارقىتىۋېتىلگەن قوي پادىسىدۇر؛ شىرلار ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن؛ دەسلەپتە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، ئاخىرىدا بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ غاجىلىغان.
18 Therefore thus saith Jehovah of hosts, the God of Israel: Behold, I will punish the king of Babylon and his land, as I have punished the king of Assyria.
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى جازالىغىنىمدەك، مەن بابىل پادىشاھىنى ھەم زېمىنىنى جازالايمەن.
19 And I will bring Israel again to his pasture, and he shall feed on Carmel and Bashan, and his soul shall be satisfied upon the hills of Ephraim and in Gilead.
مەن ئىسرائىلنى قايتىدىن ئۆز يايلىقىغا قايتۇرىمەن، ئۇ كارمەل تېغىدا، باشان زېمىنىدا ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ئەفرائىم تېغى ئۈستىدە ھەم گىلېئاد زېمىنىدا قانائەتلىنىدۇ.
20 In those days, and in that time, saith Jehovah, the iniquity of Israel shall be sought for, and there shall be none; and the sins of Judah, and they shall not be found: for I will pardon them whom I leave as a remnant.
شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ يەھۇدانىڭ گۇناھلىرى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ چۈنكى مەن قالدۇرغان قالدىسىنى كەچۈرۈم قىلىمەن.
21 Go up against the land of Merathaim, even against it, and against the inhabitants of Pekod: slay and utterly destroy after them, saith Jehovah, and do according to all that I have commanded thee.
ــ مېراتائىمنىڭ زېمىنىغا زەرب بىلەن جەڭ قىلىشقا، پېكودتا تۇرۇۋاتقانلارغىمۇ جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ ئۇلارنى ۋەيران قىلىڭلار، قالدۇقىنىمۇ ھالاك قىلىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن نېمىنى ساڭا بۇيرۇغان بولسام شۇنى ئادا قىلىڭلار.
22 A sound of battle is in the land, and of great destruction.
جەڭ سادالىرى [بابىل] زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ زور ھالاكەتنىڭ ساداسىدۇر!
23 How is the hammer of the whole earth cut asunder and broken! how is Babylon become a desolation among the nations!
ئەسلىدە پۈتكۈل يەر يۈزىنى ئۇرغان بازغان شۇ دەرىجىدە سۇندۇرۇپ چېقىۋېتىلدىغۇ! بابىل ئەللەر ئارىسىدا شۇنچە بىر دەھشەت باسقۇچى بولۇپ چىققانتىغۇ!
24 I have laid a snare for thee, and thou art also taken, O Babylon, and thou wast not aware: thou art found, and also caught, because thou hast striven against Jehovah.
مەن ساڭا تۇزاق قۇردۇم؛ سەن، ئى بابىل، ھېچ بىلمەيلا ئۇنىڭغا تۇتۇلدۇڭ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىشىڭ تۈپەيلىدىن سەن تېپىلىپ تۇتۇلدۇڭ.
25 Jehovah hath opened his armory, and hath brought forth the weapons of his indignation; for the Lord, Jehovah of hosts, hath a work [to do] in the land of the Chaldeans.
پەرۋەردىگار قورال ئامبىرىنى ئېچىپ، غەزىپىدىكى قوراللىرىنى ئېلىپ چىقاردى؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا قىلىدىغان ئىشى باردۇر.
26 Come against her from the utmost border; open her store-houses; cast her up as heaps, and destroy her utterly; let nothing of her be left.
ئۇنىڭ ھەر چەت-چەتلىرىدىن كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، ئامبارلىرىنى ئېچىۋېتىڭلار؛ ئۆنچىلەرنى دۆۋىلىگەندەك ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ ۋەيران قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار!
27 Slay all her bullocks; let them go down to the slaughter: woe unto them! for their day is come, the time of their visitation.
ئۇنىڭ بارلىق تورپاقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئۇلار سويۇلۇشقا چۈشسۇن! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈنى، يەنى جازالىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
28 The voice of them that flee and escape out of the land of Babylon, to declare in Zion the vengeance of Jehovah our God, the vengeance of his temple.
ئاڭلاڭلار! زىئونغا كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىساسىنى، يەنى ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىنى جاكارلايدىغان، بابىل زېمىنىدىن قاچقان پاناھ ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار!
29 Call together the archers against Babylon, all them that bend the bow; encamp against her round about; let none thereof escape: recompense her according to her work; according to all that she hath done, do unto her; for she hath been proud against Jehovah, against the Holy One of Israel.
بابىلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوقياچىلارنى، يەنى بارلىق كاماننى ئەگكۈچىلەرنى چاقىرىڭلار؛ بابىلنىڭ ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ قورشىۋېلىڭلار؛ ھېچكىمنى قاچقۇزماڭلار؛ ئۆز قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈڭلار؛ ئۇ نېمىلەرنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ــ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى.
30 Therefore shall her young men fall in her streets, and all her men of war shall be brought to silence in that day, saith Jehovah.
شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ؛ شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ بارلىق جەڭچى پالۋانلىرى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
31 Behold, I am against thee, O thou proud one, saith the Lord, Jehovah of hosts; for thy day is come, the time that I will visit thee.
مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى كۆرەڭلەپ كەتكۇچى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى سېنىڭ كۈنۈڭ، يەنى مەن يېنىڭغا يېقىن كېلىپ جازالايدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛
32 And the proud one shall stumble and fall, and none shall raise him up; and I will kindle a fire in his cities, and it shall devour all that are round about him.
كۆرەڭلەپ كەتكۇچى پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قايتىدىن يۆلەپ تۇرغۇزمايدۇ؛ بەرھەق، مەن ئۇنىڭ شەھەرلىرىگە ئوت ياقىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ يۇتۇپ كېتىدۇ.
33 Thus saith Jehovah of hosts: The children of Israel and the children of Judah are oppressed together; and all that took them captive hold them fast; they refuse to let them go.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىللار يەھۇدالار بىلەن بىللە ئېزىلىپ خورلۇقنى كۆرگەن؛ ئۇلارنى ئەسىر قىلغانلار ئۇلارنى قاتتىق قاماپ تۇتقانىدى؛ ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلغان.
34 Their Redeemer is strong; Jehovah of hosts is his name: he will thoroughly plead their cause, that he may give rest to the earth, and disquiet the inhabitants of Babylon.
لېكىن ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى كۈچلۈكتۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سورايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئاراملىق بېرىدۇ، بابىلدىكىلەرگە ئارامسىزلىق يەتكۈزىدۇ.
35 A sword is upon the Chaldeans, saith Jehovah, and upon the inhabitants of Babylon, and upon her princes, and upon her wise men.
كالدىيلەر ئۈستىگە، بابىلدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە ھەمدە بابىلنىڭ ئەمىرلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ئۈستىگە قىلىچ چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
36 A sword is upon the boasters, and they shall become fools; a sword is upon her mighty men, and they shall be dismayed.
قىلىچ پالچىلار ئۈستىگە چۈشكەندە، ئۇلار ھاماقەت-ئەخمەقلەردەك كۆرۈنىدۇ؛ قىلىچ ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ؛
37 A sword is upon their horses, and upon their chariots, and upon all the mingled people that are in the midst of her; and they shall become as women: a sword is upon her treasures, and they shall be robbed.
قىلىچ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى ئۈستىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ سەپلىرىدە تۇرغان بارلىق يات لەشكەرلەر ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولىدۇ؛ قىلىچ خەزىنىلىرى ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ.
38 A drought is upon her waters, and they shall be dried up; for it is a land of graven images, and they are mad over idols.
قۇرغاقچىلىق ئۇلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ؛ بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولۇپ، ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلار تۈپەيلىدىن تەلۋىشىپ كەتكەن.
39 Therefore the wild beasts of the desert with the wolves shall dwell there, and the ostriches shall dwell therein: and it shall be no more inhabited for ever; neither shall it be dwelt in from generation to generation.
شۇڭا چۆلدىكى جانىۋارلار ۋە چىلبۆرىلەر بىرلىكتە شۇ يەردە تۇرىدۇ؛ شۇ يەردە ھۇۋقۇشلار ماكانلىشىدۇ؛ ئۇ مەڭگۈگە ئادەمزاتسىز بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ ئاھالىلىك بولمايدۇ.
40 As when God overthrew Sodom and Gomorrah and the neighbor cities thereof, saith Jehovah, so shall no man dwell there, neither shall any son of man sojourn therein.
خۇدا سودوم ۋە گوموررانى ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىللە ئۆرۈۋەتكىنىدەك، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
41 Behold, a people cometh from the north; and a great nation and many kings shall be stirred up from the uttermost parts of the earth.
ــ مانا، شىمالدىن بىر خەلق، ئۇلۇغ بىر ئەل چىقىپ كېلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن نۇرغۇن پادىشاھلار قوزغىلىدۇ.
42 They lay hold on bow and spear; they are cruel, and have no mercy; their voice roareth like the sea; and they ride upon horses, every one set in array, as a man to the battle, against thee, O daughter of Babylon.
ئۇلار ئوقيا ھەم نەيزىنى تۇتۇپ قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار ۋەھشىي، ھېچ رەھىم كۆرسەتمەيدىغان بولىدۇ؛ ئاتلىرىغا مىنگەندە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى دېڭىزدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار جەڭگە ئاتلاتقان ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ، ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى، ئى بابىل قىزى!
43 The king of Babylon hath heard the tidings of them, and his hands wax feeble: anguish hath taken hold of him, [and] pangs as of a woman in travail.
بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپلا قوللىرى تىترەپ بوشاپ كېتىدۇ؛ غەم-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ، تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ئازابلار ئۇنى بېسىۋالىدۇ.
44 Behold, [the enemy] shall come up like a lion from the pride of the Jordan against the strong habitation: for I will suddenly make them run away from it; and whoso is chosen, him will I appoint over it: for who is like me? and who will appoint me a time? and who is the shepherd that can stand before me?
مانا، ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى قويلارنى تارقاتقان بىر شىردەك مەن بابىلدىكىلەرنى بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟
45 Therefore hear ye the counsel of Jehovah, that he hath taken against Babylon; and his purposes, that he hath purposed against the land of the Chaldeans: Surely they shall drag them away, [even] the little ones of the flock; surely he shall make their habitation desolate over them.
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ بابىلنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ.
46 At the noise of the taking of Babylon the earth trembleth, and the cry is heard among the nations.
بابىلنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ يەر يۈزى تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ نالە-پەريادى بارلىق ئەللەرگىچە ئاڭلىنىدۇ.

< Jeremiah 50 >