< Isaiah 33 >

1 Woe to thee that destroyest, and thou wast not destroyed; and dealest treacherously, and they dealt not treacherously with thee! When thou hast ceased to destroy, thou shalt be destroyed; and when thou hast made an end of dealing treacherously, they shall deal treacherously with thee.
ئى ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى، باشقىلار ساڭا ئاسىيلىق قىلمىغان، ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سەن بۇلاڭ-تالاڭنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن؛ سەن ئاسىيلىقنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، ئۆزۈڭ ئاسىيلىققا ئۇچرايسەن؛
2 O Jehovah, be gracious unto us; we have waited for thee: be thou our arm every morning, our salvation also in the time of trouble.
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ بىز سېنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ كەلدۇق؛ ئۆتۈنىمىزكى، سەن ھەر سەھەر [ئىسرائىلغا] كۈچلۈك بىلەك-قول، قىيىنچىلىق پەيتلىرىدە نىجاتىمىز بولغايسەن.
3 At the noise of the tumult the peoples are fled; at the lifting up of thyself the nations are scattered.
توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرىدىن خەلقلەر بەدەر قاچىدۇ؛ سەن [خۇدا] قەددىڭنى تىك قىلىشىڭ بىلەن ئەللەر پىتىراپ كېتىدۇ؛
4 And your spoil shall be gathered as the caterpillar gathereth: as locusts leap shall men leap upon it.
چېكەتكە لىچىنكىلىرى ئوت-كۆكلەرنى يىغىپ يەۋالغاندەك، سىلەرگە بېكىتىپ بېرىلگەن ئولجا يىغىۋېلىنىدۇ؛ چېكەتكىلەر ئۇيان-بۇيان يۈگۈرگەندەك ئادەملەر ئولجا ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشىدۇ.
5 Jehovah is exalted; for he dwelleth on high: he hath filled Zion with justice and righteousness.
پەرۋەردىگار ئۈستۈن تۇرىدۇ، بەرھەق، ئۇنىڭ تۇرالغۇسى يۇقىرىدىدۇر؛ ئۇ زىئونغا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق تولدۇردى؛
6 And there shall be stability in thy times, abundance of salvation, wisdom, and knowledge: the fear of Jehovah is thy treasure.
ئۇ بولسا كۈنلىرىڭلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، نىجاتلىق، دانالىق ۋە بىلىمنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ؛ پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر.
7 Behold, their valiant ones cry without; the ambassadors of peace weep bitterly.
مانا، ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى سىرتتا تۇرۇپ نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ سۈلھ-ئەھدە تۈزگەن ئەلچىلەر قاتتىق يىغلىشىدۇ؛
8 The highways lie waste, the wayfaring man ceaseth: [the enemy] hath broken the covenant, he hath despised the cities, he regardeth not man.
يوللار ئادەمسىز قالدى؛ ئۆتكۈنچى يولچىلار يوق بولدى؛ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ شەھەرلەرنى كۆزىگە ئىلمايدۇ، ئادەملەرنى ھېچ ئەتىۋارلىمايدۇ.
9 The land mourneth and languisheth; Lebanon is confounded and withereth away; Sharon is like a desert; and Bashan and Carmel shake off [their leaves].
زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، زەئىپلىشىدۇ؛ لىۋان خىجالەتتىن سولىشىدۇ؛ شارون چۆل-باياۋانغا ئايلاندى؛ باشان ۋە كارمەل بولسا قىرىپ تاشلاندى.
10 Now will I arise, saith Jehovah; now will I lift up myself; now will I be exalted.
مانا ھازىر ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھازىر ئۆزۈمنى ئۈستۈن كۆرسىتىمەن، ھازىر قەددىمنى كۆتۈرىمەن.
11 Ye shall conceive chaff, ye shall bring forth stubble: your breath is a fire that shall devour you.
ــ سىلەرنىڭ بويۇڭلاردا قۇرۇق ئوت-چۆپلا بار، پاخال تۇغىسىلەر؛ ئۆز نەپەسلىرىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛
12 And the peoples shall be as the burnings of lime, as thorns cut down, that are burned in the fire.
ئەللەر بولسا ھاك كۆيدۈرۈلگەندەك كۆيدۈرىلىدۇ؛ ئورۇلغان جىغان-تىكەنلەردەك ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.
13 Hear, ye that are far off, what I have done; and, ye that are near, acknowledge my might.
ــ ئى يىراقتىكىلەر، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاڭلاڭلار؛ يېقىندىكىلەر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى تونۇپ يېتىڭلار.
14 The sinners in Zion are afraid; trembling hath seized the godless ones: Who among us can dwell with the devouring fire? who among us can dwell with everlasting burnings?
زىئوندىكى گۇناھكارلار قورقىدۇ؛ ۋەھىمە ئىپلاسلارنى بېسىۋالىدۇ. [ئۇلار]: «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» ــ دەيدۇ.
15 He that walketh righteously, and speaketh uprightly; he that despiseth the gain of oppressions, that shaketh his hands from taking a bribe, that stoppeth his ears from hearing of blood, and shutteth his eyes from looking upon evil:
ــ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان، زالىملىقتىن كەلگەن ھارام پايدىغا نەپرەتلىنىدىغان، پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان، قاننىڭ گېپى بولسىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان، پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان؛
16 He shall dwell on high; his place of defence shall be the munitions of rocks; his bread shall be given [him]; his waters shall be sure.
ئۇ يۇقىرىنى ماكان قىلىدۇ؛ قورام تاشلار ئۇنىڭ قورغىنى بولۇپ، يۇقىرى ئۇنىڭ باشپاناھى بولىدۇ؛ ئۆز رىسقى ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيى كاپالەتلىك بولىدۇ».
17 Thine eyes shall see the king in his beauty: they shall behold a land that reacheth afar.
ــ «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ؛ كۆزلىرىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېمىنغا نەزەر سالىدۇ.
18 Thy heart shall muse on the terror: Where is he that counted, where is he that weighed [the tribute]? where is he that counted the towers?
كۆڭلۈڭ ۋەھىمە توغرىسىدا چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ؛ رويخەتچى بەگ قېنى؟ ئولجىنى ئۆلچەيدىغان تارازىچى بەگ قېنى؟ ئىستىھكام-مۇنارلارنى سانىغۇچى بەگ قېنى؟
19 Thou shalt not see the fierce people, a people of a deep speech that thou canst not comprehend, of a strange tongue that thou canst not understand.
قايتىدىن ئەشەددىي خەلقنى كۆرمەيسەن، ــ سەن ئاڭقىرالمايدىغان، بوغۇزىدا سۆزلەيدىغان، دۇدۇقلاپ گەپ قىلىدىغان، گېپىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر خەلقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن.
20 Look upon Zion, the city of our solemnities: thine eyes shall see Jerusalem a quiet habitation, a tent that shall not be removed, the stakes whereof shall never be plucked up, neither shall any of the cords thereof be broken.
ئىبادەت ھېيتلىرىمىز ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر زىئونغا قارا؛ سېنىڭ كۆزۈڭ يېرۇسالېمنىڭ تىنچ-ئامان ماكان بولغانلىقىنى، قوزۇقلىرى ھەرگىز يۇلۇنمايدىغان، تانىلىرى ھەرگىز ئۈزۈلمەيدىغان، ئىككىنچى يۆتكەلمەيدىغان چېدىر بولغانلىقىنى كۆرىدۇ؛
21 But there Jehovah will be with us in majesty, a place of broad rivers and streams, wherein shall go no galley with oars, neither shall gallant ship pass thereby.
شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىزگە كۆرۈنىدۇ، ــ ئۇ ئۆزى دەريالار، كەڭ ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ پالاقلار بىلەن ھەيدەلگەن ھېچقانداق كېمە ئۇ جايدا قاتنىمايدۇ، ۋە ياكى ھېچ ھەيۋەتلىك كېمە ئۇ جايدىن ئۆتمەيدۇ؛
22 For Jehovah is our judge, Jehovah is our lawgiver, Jehovah is our king; he will save us.
چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ نىجاتكار-ھاكىمىمىز، پەرۋەردىگار بىزگە قانۇن بەرگۈچىدۇر، پەرۋەردىگار ــ بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ!
23 Thy tacklings are loosed; they could not strengthen the foot of their mast, they could not spread the sail: then was the prey of a great spoil divided; the lame took the prey.
سېنىڭ تانا-ئارغامچىلىرىڭ بوشىغان بولسىمۇ، [ئىسرائىل] يەلكەن خادىسىنىڭ تۇرۇمىنى مۇستەھكەم قىلالمىسىمۇ، يەلكەننى يېيىپ چىقىرالمىسىمۇ، ئۇ چاغدا زور بىر ئولجا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەتتا ئاقساق-توكۇرلارمۇ ئولجىنى ئالىدۇ.
24 And the inhabitant shall not say, I am sick: the people that dwell therein shall be forgiven their iniquity.
شۇ چاغدا شۇ يەردە تۇرغۇچى: «مەن كېسەل» دېمەيدۇ؛ شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلقنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

< Isaiah 33 >