< Hosea 5 >

1 Hear this, O ye priests, and hearken, O house of Israel, and give ear, O house of the king; for unto you pertaineth the judgment; for ye have been a snare at Mizpah, and a net spread upon Tabor.
بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى كاھىنلار، تىڭشاڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، قۇلاق سېلىڭلار، ئى پادىشاھنىڭ جەمەتى؛ چۈنكى بۇ ھۆكۈم سىلەرگە بېكىتىلگەن؛ چۈنكى سىلەر مىزپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق، تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغانسىلەر.
2 And the revolters are gone deep in making slaughter; but I am a rebuker of them all.
ئاسىي ئادەملەرمۇ قىرغىن-چاپقۇنغا چۆكۈپ كەتتى؛ بىراق مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالىغۇچى بولىمەن.
3 I know Ephraim, and Israel is not hid from me; for now, O Ephraim, thou hast played the harlot, Israel is defiled.
ئەفرائىمنى بىلىمەن، ئىسرائىل مەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ چۈنكى ئى ئەفرائىم، سەن ھازىر پاھىشىلىك قىلدىڭ، ئىسرائىل بۇلغانغاندۇر.
4 Their doings will not suffer them to turn unto their God; for the spirit of whoredom is within them, and they know not Jehovah.
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارنى خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتىشىغا قويمايدۇ؛ چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلار ئارىسىدىدۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارنى ھېچ بىلمەيدۇ.
5 And the pride of Israel doth testify to his face: therefore Israel and Ephraim shall stumble in their iniquity; Judah also shall stumble with them.
ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرمەكتە؛ ئىسرائىل ۋە ئەفرائىم ئۆز قەبىھلىكى بىلەن يىقىلىپ كېتىدۇ؛ يەھۇدامۇ ئۇلار بىلەن تەڭ يىقىلىدۇ.
6 They shall go with their flocks and with their herds to seek Jehovah; but they shall not find him: he hath withdrawn himself from them.
ئۇلار قوي پادىلىرى ۋە كالا پادىلىرىنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە بارىدۇ؛ بىراق ئۇلار ئۇنى تاپالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تارتىپ ئۇلاردىن يىراقلاشتى.
7 They have dealt treacherously against Jehovah; for they have borne strange children: now shall the new moon devour them with their fields.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدى، چۈنكى ئۇلار بالىلارنى ھارامدىن تۇغدۇرغان؛ ئەمدى «يېڭى ئاي» ئۇلارنى نېسىۋىلىرى بىلەن يەپ كېتىدۇ.
8 Blow ye the cornet in Gibeah, and the trumpet in Ramah: sound an alarm at Beth-aven; behind thee, O Benjamin.
گىبېئاھتا سۇناينى، راماھدا كاناينى چېلىڭلار؛ بەيت-ئاۋەندە ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ كەينىڭدە! قارا، ئى بىنيامىن!
9 Ephraim shall become a desolation in the day of rebuke: among the tribes of Israel have I made known that which shall surely be.
ئەفرائىم ئەيىبلىنىدىغان كۈنىدە ۋەيرانە بولىدۇ؛ مانا، ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا بېكىتىلگەن ئىشنى ئايان قىلدىم!
10 The princes of Judah are like them that remove the landmark: I will pour out my wrath upon them like water.
يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى پاسىل تاشلارنى يۆتكىگۈچىگە ئوخشاشتۇر؛ مەن ئۇلار ئۈستىگە غەزىپىمنى سۇدەك تۆكۈۋېتىمەن.
11 Ephraim is oppressed, he is crushed in judgment; because he was content to walk after [man’s] command.
ئەفرائىم خورلانغان، جازايىمدا ئېزىلگەن، چۈنكى ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «پاسكىنىلىق»نى قوغلاپ يۈردى.
12 Therefore am I unto Ephraim as a moth, and to the house of Judah as rottenness.
شۇڭا مەن ئەفرائىمغا كۈيى قۇرتى، يەھۇدا جەمەتىگە چىرىتكۈچ بولىمەن.
13 When Ephraim saw his sickness, and Judah [saw] his wound, then went Ephraim to Assyria, and sent to king Jareb: but he is not able to heal you, neither will he cure you of your wound.
ئەمدى ئەفرائىم ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدا ئۆز يارىسىنى كۆرگەندە، ئەفرائىم ئاسۇرىيەلىكنى ئىزدەپ باردى، «جېدەلخور پادىشاھ»غا تەلىپىنى يوللىدى؛ بىراق ئۇ ھەم سىلەرنى ساقايتالمايتتى، - ھەم ياراڭلارنىمۇ داۋالىيالمايتتى.
14 For I will be unto Ephraim as a lion, and as a young lion to the house of Judah: I, even I, will tear and go away; I will carry off, and there shall be none to deliver.
چۈنكى مەن ئەفرائىمغا شىردەك، يەھۇدا جەمەتىگە ئارسلاندەك بولىمەن؛ مەن، يەنى مەنكى، ئۇلارنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىپ، كېتىپ قالىمەن؛ ئۇلارنى ئېلىپ كېتىمەن، قۇتقۇزالايدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ؛
15 I will go and return to my place, till they acknowledge their offence, and seek my face: in their affliction they will seek me earnestly.
مەن كېتىمەن، ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ يېتىپ، يۈزۈمنى ئىزدىمىگۈچە ئۆز جايىمغا قايتىپ تۇرىمەن؛ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار مېنى ئىنتىلىپ ئىزدەيدۇ.

< Hosea 5 >