< Genesis 29 >

1 Then Jacob went on his journey, and came to the land of the children of the east.
ئاندىن ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەشرىقتىكى قوۋملارنىڭ زېمىنىغا يېتىپ كەلدى.
2 And he looked, and, behold, a well in the field, and, lo, three flocks of sheep lying there by it; for out of that well they watered the flocks: and the stone upon the well’s mouth was great.
ئۇ قارىۋىدى، مانا، يايلاقتا بىر قۇدۇق تۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوي پادىسى تۇراتتى؛ چۈنكى خەلق بۇ قۇدۇقتىن پادىلارنى سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى.
3 And thither were all the flocks gathered: and they rolled the stone from the well’s mouth, and watered the sheep, and put the stone again upon the well’s mouth in its place.
قاچانىكى پادىلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلسا، پادىچىلار بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن تاشنى يەنە قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ئۆز ئورنىغا قويۇپ قوياتتى.
4 And Jacob said unto them, My brethren, whence are ye? And they said, Of Haran are we.
ياقۇپ [پادىچىلاردىن]: ئەي بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ بىز ھارانلىقمىز، دېدى.
5 And he said unto them, Know ye Laban the son of Nahor? And they said, We know him.
ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەر ناھورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ تونۇيمىز، دېدى.
6 And he said unto them, Is it well with him? And they said, It is well: and, behold, Rachel his daughter cometh with the sheep.
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇ سالامەتمۇ، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ. مانا ئەنە ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، دېدى.
7 And he said, Lo, it is yet high day, neither is it time that the cattle should be gathered together: water ye the sheep, and go and feed them.
ئۇ: ــ مانا، كۈن تېخى ئېگىز تۇرسا، ھازىر تېخى مالنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى بولمىدى؛ نېمىشقا قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن يەنە بېرىپ ئوتلاتمايسىلەر؟ ــ دېدى.
8 And they said, We cannot, until all the flocks be gathered together, and they roll the stone from the well’s mouth; then we water the sheep.
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ياق، مۇنداق قىلالمايمىز. ئاۋۋال پادىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پادىچىلار تاشنى قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن يۇمىلىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن قويلارنى سۇغىرىمىز، دېدى.
9 While he was yet speaking with them, Rachel came with her father’s sheep; for she kept them.
ئۇ ئۇلار بىلەن گەپلىشىپ تۇرغىنىدا، راھىلە ئاتىسىنىڭ قويلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى ئۇ قوي باققۇچى ئىدى.
10 And it came to pass, when Jacob saw Rachel the daughter of Laban his mother’s brother, and the sheep of Laban his mother’s brother, that Jacob went near, and rolled the stone from the well’s mouth, and watered the flock of Laban his mother’s brother.
شۇنداق بولدىكى، ياقۇپ ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزى راھىلە بىلەن ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى كۆرگەندە، ئۇ قوپۇپ بېرىپ، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى سۇغاردى.
11 And Jacob kissed Rachel, and lifted up his voice, and wept.
ئاندىن ياقۇپ راھىلەنى سۆيۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ تاشلىدى ۋە راھىلەگە: ــ مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تۇغقىنى، رىۋكاھنىڭ ئوغلى بولىمەن، دېۋىدى، ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاتىسىغا خەۋەر بەردى.
12 And Jacob told Rachel that he was her father’s brother, and that he was Rebekah’s son: and she ran and told her father.
13 And it came to pass, when Laban heard the tidings of Jacob his sister’s son, that he ran to meet him, and embraced him, and kissed him, and brought him to his house. And he told Laban all these things.
شۇنداق بولدىكى، لابان ئۆز سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ياقۇپنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ئاندىن ياقۇپ لابانغا [كەچۈرمىشلىرىنىڭ] ھەممىسىنى دەپ بەردى.
14 And Laban said to him, Surely thou art my bone and my flesh. And he abode with him the space of a month.
لابان ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرۋەقە مېنىڭ سۆڭەك بىلەن گۆشۈمدۇرسەن! ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ قېشىدا بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى.
15 And Laban said unto Jacob, Because thou art my brother, shouldest thou therefore serve me for nought? tell me, what shall thy wages be?
ئاندىن لابان ياقۇپقا: ــ سەن مېنىڭ تۇغقىنىم بولغاچ، ماڭا بىكارغا خىزمەت قىلامسەن؟ ئېيتقىنا، ھەققىڭگە نېمە ئالىسەن؟ ــ دېدى.
16 And Laban had two daughters: the name of the elder was Leah, and the name of the younger was Rachel.
لاباننىڭ ئىككى قىزى بار ئىدى؛ چوڭىنىڭ ئېتى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئېتى راھىلە ئىدى.
17 And Leah’s eyes were tender; but Rachel was beautiful and well favored.
لېياھنىڭ كۆزلىرى يېقىملىق ئىدى؛ ئەمما راھىلەنىڭ بولسا تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، ھۆسنى-جامالى چىرايلىق قىز ئىدى.
18 And Jacob loved Rachel; and he said, I will serve thee seven years for Rachel thy younger daughter.
ياقۇپنىڭ كۆڭلى راھىلەگە چۈشكەن بولۇپ لابانغا: ــ مەن سېنىڭ كىچىك قىزىڭ راھىلە ئۈچۈن ساڭا يەتتە يىل خىزمەت قىلاي، دېدى.
19 And Laban said, It is better that I give her to thee, than that I should give her to another man: abide with me.
لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى باشقا كىشىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ياخشى. ئەمدى مېنىڭكىدە تۇرغىن، دېدى.
20 And Jacob served seven years for Rachel; and they seemed unto him but a few days, for the love he had to her.
ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل خىزمەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بۇ يىللار ئۇنىڭغا پەقەت بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى.
21 And Jacob said unto Laban, Give me my wife, for my days are fulfilled, that I may go in unto her.
ۋاقىت توشقاندا ياقۇپ لابانغا: ــ مانا مېنىڭ كۈنلىرىم توشتى. ئەمدى ئايالىمنى ماڭا بەرگىن، مەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرەي، دېدى.
22 And Laban gathered together all the men of the place, and made a feast.
لابان شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى يىغىپ، زىياپەت قىلىپ بەردى.
23 And it came to pass in the evening, that he took Leah his daughter, and brought her to him; and he went in unto her.
لېكىن شۇنداق بولدىكى، كەچ كىرگەندە، ئۇ چوڭ قىزى لېياھنى ياقۇپنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ بىللە بولدى.
24 And Laban gave Zilpah his handmaid unto his daughter Leah for a handmaid.
لابان ئۆز دېدىكى زىلپاھنى قىزى لېياھغا دېدەك قىلىپ بەردى.
25 And it came to pass in the morning that, behold, it was Leah: and he said to Laban, What is this thou hast done unto me? did not I serve with thee for Rachel? wherefore then hast thou beguiled me?
ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، مانا ئالدىدا لېياھ تۇراتتى! ئۇ لابانغا: ــ بۇ زادى ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەجەبا، مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلمىدىممۇ؟ مېنى نېمىشقا شۇنداق ئالدىدىڭ؟! ــ دېدى.
26 And Laban said, It is not so done in our place, to give the younger before the first-born.
لابان: بىزنىڭ يۇرتىمىزدا كىچىكىنى چوڭىدىن ئىلگىرى ياتلىق قىلىدىغان رەسىم-قائىدە يوق.
27 Fulfil the week of this one, and we will give thee the other also for the service which thou shalt serve with me yet seven other years.
ئەمدى سەن چوڭىنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغىن؛ ئاندىن يەنە ئىككىنچىسىنىمۇ ساڭا بېرەيلى؛ ئۇ سېنىڭ ماڭا يەنە يەتتە يىل قىلىدىغان خىزمىتىڭنىڭ ھەققى بولىدۇ، ــ دېدى.
28 And Jacob did so, and fulfilled her week: and he gave him Rachel his daughter to wife.
ياقۇپ ماقۇل بولۇپ، لېياھنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندا، لابان قىزى راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى.
29 And Laban gave to Rachel his daughter Bilhah his handmaid to be her handmaid.
لابان دېدىكى بىلھاھنى قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى.
30 And he went in also unto Rachel, and he loved also Rachel more than Leah, and served with him yet seven other years.
بۇ تەرىقىدە ياقۇپ راھىلەنىڭمۇ قېشىغا كىردى؛ ئۇ راھىلەنى لېياھدىن زىيادە ياخشى كۆردى. ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە يەتتە يىل لابانغا خىزمەت قىلدى.
31 And Jehovah saw that Leah was hated, and he opened her womb: but Rachel was barren.
ئەمما پەرۋەردىگار لېياھنىڭ ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا تۇغۇشنى نېسىپ قىلدى. لېكىن راھىلە تۇغماس ئىدى.
32 And Leah conceived, and bare a son, and she called his name Reuben: for she said, Because Jehovah hath looked upon my affliction; for now my husband will love me.
لېياھ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار خارلانغىنىمنى كۆردى؛ ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى «رۇبەن» قويدى.
33 And she conceived again, and bare a son: and said, Because Jehovah hath heard that I am hated, he hath therefore given me this [son] also: and she called his name Simeon.
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇنى ھەم ماڭا بەردى» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمېئون قويدى.
34 And she conceived again, and bare a son; and said, Now this time will my husband be joined unto me, because I have borne him three sons: therefore was his name called Levi.
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم ئېرىم ماڭا باغلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى لاۋىي قويدى.
35 And she conceived again, and bare a son: and she said, This time will I praise Jehovah: therefore she called his name Judah; and she left off bearing.
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم مەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇي!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا قويدى. ئاندىن ئۇ تۇغۇتتىن توختاپ قالدى.

< Genesis 29 >