< Ezekiel 24 >

1 Again, in the ninth year, in the tenth month, in the tenth [day] of the month, the word of Jehovah came unto me, saying,
توققۇزىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 Son of man, write thee the name of the day, [even] of this selfsame day: the king of Babylon drew close unto Jerusalem this selfsame day.
ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ كۈننى، دەل مۇشۇ كۈننىڭ چىسلاسىنى يېزىۋالغىن؛ چۈنكى دەل مۇشۇ كۈندە بابىلنىڭ پادىشاھى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالدى.
3 And utter a parable unto the rebellious house, and say unto them, Thus saith the Lord Jehovah, Set on the caldron, set it on, and also pour water into it:
ئاسىي جەمەتنىڭ ئالدىغا بىر تەمسىلنى قويۇپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قازاننى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار، ئوت ئۈستىگە قويۇڭلار، ئۇنىڭغا سۇ قويۇڭلار؛
4 gather the pieces thereof into it, even every good piece, the thigh, and the shoulder; fill it with the choice bones.
گۆش پارچىلىرى، ھەربىر ئېسىل گۆش پارچىلىرىنى، پۇت ۋە قولىنى ئۇنىڭغا يىغىپ سېلىڭلار؛ ئېسىل ئۇستىخانلارنىمۇ قوشۇڭلار؛
5 Take the choice of the flock, and also a pile [of wood] for the bones under [the caldron]; make it boil well; yea, let the bones thereof be boiled in the midst of it.
قوي پادىسىدىن ئەڭ ئېسىللىرىنى ئېلىڭلار؛ ئۇستىخانلارنى پىشۇرۇشقا ئۇنىڭ ئاستىغا ئوتۇن توپلاپ قويۇڭلار؛ ئۇنى قاتتىق قاينىتىڭلار، ئۇنىڭدىكى ئۇستىخانلار ئوبدان قاينىسۇن.
6 Wherefore thus saith the Lord Jehovah: Woe to the bloody city, to the caldron whose rust is therein, and whose rust is not gone out of it! take out of it piece after piece; No lot is fallen upon it.
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا، يەنى دات باسقان قازانغا، ھېچ دېتى كەتمەيدىغان قازانغا ۋاي! ئۇنىڭدىكى ھەممىنى بىردىن-بىردىن ئال؛ ئۇنىڭغا نېسىۋە چېكى تاشلانمىسۇن!
7 For her blood is in the midst of her; she set it upon the bare rock; she poured it not upon the ground, to cover it with dust.
چۈنكى ئۇ تۆككەن قان ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ قاننى توپا بىلەن كۆمگىلى بولغۇدەك يەرگە ئەمەس، بەلكى تاقىر تاش ئۈستىگە تۆكتى.
8 That it may cause wrath to come up to take vengeance, I have set her blood upon the bare rock, that it should not be covered.
قەھرىمنى قوزغاش، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ تۆككەن قاننىڭ يېپىلماسلىقى ئۈچۈن تاقىر تاش ئۈستىگە قالدۇردۇم.
9 Therefore thus saith the Lord Jehovah: Woe to the bloody city! I also will make the pile great.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا ۋاي! مەنمۇ ئۇنىڭ ئوتۇن دۆۋىسىنى يوغان قىلىمەن!
10 Heap on the wood, make the fire hot, boil well the flesh, and make thick the broth, and let the bones be burned.
ئوتۇننى دۆۋىلەڭلار، ئوتنى يىقىپ چۇخچۇلاڭلار، گۆش ئوبدان پىشسۇن، دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇڭلار، ئۇستىخانلار كۆيۈپ كەتسۇن!
11 Then set it empty upon the coals thereof, that it may be hot, and the brass thereof may burn, and that the filthiness of it may be molten in it, that the rust of it may be consumed.
ئاندىن قازاننى قىزىتىپ، ئۇنىڭدىكى مىسنى قىپقىزىل قىلىڭلار، ئىچىدىكى داغ-كىرلار ئېرىتىلىپ، ئۇنىڭ دېتى چىقىرىۋېتىلىش ئۈچۈن ئۇنى قۇرۇق پېتى چوغلار ئۈستىگە قويۇڭلار!
12 She hath wearied [herself] with toil; yet her great rust goeth not forth out of her; her rust [goeth not forth] by fire.
ئۇنىڭ قىلغان ئاۋارىچىلىكلىرى مېنى ئۇپراتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ قېلىن دېتى ئۇنىڭدىن كەتمىدى؛ شۇڭا ئۇنىڭ دېتى ئوتتا تۇرىۋەرسۇن!
13 In thy filthiness is lewdness: because I have cleansed thee and thou wast not cleansed, thou shalt not be cleansed from thy filthiness any more, till I have caused my wrath toward thee to rest.
سېنىڭ پاسكىنىچىلىكىڭدە بۇزۇق پاھىشىلىك باردۇر؛ مەن سېنى پاكىزلىماقچى بولدۇم، لېكىن سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايمەن دېدىڭ؛ ئەمدى قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ توختاتمىغۇچە سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايسەن.
14 I, Jehovah, have spoken it: it shall come to pass, and I will do it: I will not go back, neither will I spare, neither will I repent; according to thy ways, and according to thy doings, shall they judge thee, saith the Lord Jehovah.
مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم؛ ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، مەن ئۇنى ئادا قىلىمەن؛ مەن نە بۇنىڭدىن يانمايمەن، نە ھېچ ساڭا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، نە ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن؛ ئۇلار سېنىڭ يوللىرىڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
15 Also the word of Jehovah came unto me, saying,
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
16 Son of man, behold, I take away from thee the desire of thine eyes with a stroke: yet thou shalt neither mourn nor weep, neither shall thy tears run down.
«ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنىڭ سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقۇڭنى بىر ئۇرۇش بىلەن سەندىن ئېلىپ كېتىمەن؛ بىراق سەن ھېچ ماتەم تۇتما، ھېچ يىغلىما، ھېچ كۆز يېشى قىلما؛
17 Sigh, but not aloud, make no mourning for the dead; bind thy headtire upon thee, and put thy shoes upon thy feet, and cover not thy lips, and eat not the bread of men.
سۈكۈت ئىچىدە ئۇھ-زار تارتىسەن؛ ئۆلگۈچى ئۈچۈن ھېچ ھازا تۇتما؛ سەللەڭنى بېشىڭغا ئوراپ، كەشلىرىڭنى پۇتۇڭغا باغلىغىن؛ يۈزۈڭنىڭ تۆۋىنىنى يېپىۋەتمە، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمە».
18 So I spake unto the people in the morning; and at even my wife died; and I did in the morning as I was commanded.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئەتىگەندە خەلقكە سۆز قىلدىم؛ كەچقۇرۇندا ئايالىم ئۆلدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە ئىش قىلدىم.
19 And the people said unto me, Wilt thou not tell us what these things are to us, that thou doest so?
ئەمدى خالايىق ماڭا: «سېنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ نېمىنى كۆرسەتكەنلىكىنى دېمەمسەن؟» دېدى.
20 Then I said unto them, The word of Jehovah came unto me, saying,
مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
21 Speak unto the house of Israel, Thus saith the Lord Jehovah: Behold, I will profane my sanctuary, the pride of your power, the desire of your eyes, and that which your soul pitieth; and your sons and your daughters whom ye have left behind shall fall by the sword.
ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ئۆز مۇقەددەس جايىمنى، يەنى سەن پەخىرلەنگەن كۈچ-تايانچىڭنى، كۆزۈڭلارنى خۇشال قىلغۇچى، جېنىڭلار تەشنا بولغان نەرسىنى بۇلغاي دەۋاتىمەن؛ سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا قالغان قىز-ئوغۇللار قىلىچ بىلەن يوقىلىدۇ.
22 And ye shall do as I have done: ye shall not cover your lips, nor eat the bread of men.
شۇ تاپتا سىلەر مەن [ئەزاكىيال] ھازىر قىلغىنىمدەك قىلىسىلەر؛ سىلەر يۈزۈڭلارنىڭ تۆۋىنىنى ياپمايسىلەر، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمەيسىلەر؛
23 And your tires shall be upon your heads, and your shoes upon your feet: ye shall not mourn nor weep; but ye shall pine away in your iniquities, and moan one toward another.
سەللەڭلار بېشىڭلاردا، كەشىڭلار ئاياغلىرىڭدا بولىۋېرىدۇ؛ سىلەر ھېچ ماتەم تۇتمايسىلەر ياكى ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ سىلەر قەبىھلىكلىرىڭلار ئىچىدە سولىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ ئۇھ-زار تارتىسىلەر.
24 Thus shall Ezekiel be unto you a sign; according to all that he hath done shall ye do: when this cometh, then shall ye know that I am the Lord Jehovah.
شۇنداق قىلىپ ئەزاكىيالنىڭ ئۆزى سىلەرگە بېشارەت بولىدۇ؛ ئۇ قانداق قىلغان بولسا، سىلەر شۇنداق قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
25 And thou, son of man, shall it not be in the day when I take from them their strength, the joy of their glory, the desire of their eyes, and that whereupon they set their heart, their sons and their daughters,
ــ ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن ئۇلاردىن كۈچ-ئىستىھكامىنى، ئۇلار پەخرىلەنگەن گۈزەك گۆھرىنى، سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقلىرىنى، جان-جېگىرى بولغان قىز-ئوغۇللىرىنى ئۇلاردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈنىدە،
26 that in that day he that escapeth shall come unto thee, to cause thee to hear it with thine ears?
ــ يەنى شۇ كۈنىدە، ساڭا بۇ خەۋەرنى قۇلىقىڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قاچقۇن يېنىڭغا كەلمەمدۇ؟
27 In that day shall thy mouth be opened to him that is escaped, and thou shalt speak, and be no more dumb: so shalt thou be a sign unto them; and they shall know that I am Jehovah.
شۇ كۈنىدە ئاغزىڭ ئېچىلغان بولىدۇ، سەن بۇ قاچقۇن بىلەن سۆزلىشىسەن، يەنە ھېچ گاچا بولمايسەن؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».

< Ezekiel 24 >