< Ezekiel 22 >

1 Moreover the word of Jehovah came unto me, saying,
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
2 And thou, son of man, wilt thou judge, wilt thou judge the bloody city? then cause her to know all her abominations.
ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، قانلىق شەھەر ئۈستىگە ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ ئەمدى ئۇنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سېلىپ مۇنداق دېگىن: ــ
3 And thou shalt say, Thus saith the Lord Jehovah: A city that sheddeth blood in the midst of her, that her time may come, and that maketh idols against herself to defile her!
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز جازا كۈنىنىڭ كېلىشى ئۈچۈن ئۆز ئىچىدە قان تۆككۈچى شەھەر، ئۆزىنى بۇلغاش ئۈچۈن ئۆزىگە مەبۇدلارنى ياسىغان شەھەر ــ
4 Thou art become guilty in thy blood that thou hast shed, and art defiled in thine idols which thou hast made; and thou hast caused thy days to draw near, and art come even unto thy years: therefore have I made thee a reproach unto the nations, and a mocking to all the countries.
سەن تۆككەن قان تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولدۇڭ، ياسىغان مەبۇدلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى بۇلغىدىڭ؛ سەن ئۆز جازا كۈنلىرىڭنى يېقىنلاشتۇردۇڭ، يىللىرىڭنى توشتۇردۇڭ؛ شۇڭا مەن سېنى ئەللەرگە رەسۋا، بارلىق مەملىكەتلەرگە مازاقنىڭ ئوبيېكتى قىلدىم.
5 Those that are near, and those that are far from thee, shall mock thee, thou infamous one [and] full of tumult.
ساڭا يېقىندىكىلەر ھەمدە سەندىن يىراقتىكىلەر سېنى مازاق قىلىدۇ، ئى قىيا-چىياغا تولغان بەتناملىق شەھەر!
6 Behold, the princes of Israel, every one according to his power, have been in thee to shed blood.
ئىسرائىلنىڭ شاھزادىلىرى، ھەر بىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئىچىڭدە قانداق قان تۆككەنلىكىگە قارا!
7 In thee have they set light by father and mother; in the midst of thee have they dealt by oppression with the sojourner; in thee have they wronged the fatherless and the widow.
سېنىڭ ئىچىڭدە ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىغان؛ ئاراڭلاردا مۇساپىرلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق قىلغان، يېتىم-يېسىرلەر ھەم تۇل خوتۇنلارغا ئۇۋال قىلغان؛
8 Thou hast despised my holy things, and hast profaned my sabbaths.
مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى سەن كەمسىتكەن، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇلغاپ بۇزغانسەن؛
9 Slanderous men have been in thee to shed blood; and in thee they have eaten upon the mountains: in the midst of thee they have committed lewdness.
سېنىڭ ئىچىڭدە قانغا تەشنا تۆھمەتخور ئادەملەر بولغان؛ ئۇلار تاغلار ئۈستىدە بۇتپەرەسلىك ئېشىنى يېگەن؛ سېنىڭ ئىچىڭدە ئۇلار بۇزۇقلۇق پەسەندىلىك قىلغان؛
10 In thee have they uncovered their fathers’ nakedness; in thee have they humbled her that was unclean in her impurity.
سەندە ئۆز ئاتىسىنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلەر بار؛ ئاي كۆرگەن قىز-ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلغانلارمۇ بار.
11 And one hath committed abomination with his neighbor’s wife; and another hath lewdly defiled his daughter-in-law; and another in thee hath humbled his sister, his father’s daughter.
بىرسى قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن يىرگىنچلىك بۇزۇقلۇق قىلغان؛ يەنە بىرسى ئۆز كېلىنىنى بۇزۇپ شەھۋانىيەت قىلغان؛ سەندە بولغان يەنە بىرسى ئۆز سىڭلىسىغا، يەنە ئاتىسىنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان.
12 In thee have they taken bribes to shed blood; thou hast taken interest and increase, and thou hast greedily gained of thy neighbors by oppression, and hast forgotten me, saith the Lord Jehovah.
ئۇلار قان تۆكۈش ئۈچۈن ئاراڭدا «سوۋغاتلار»نى قوبۇل قىلغان؛ سەن ئۆسۈم-جازانە ئالغان؛ سەن ئۆز قوشنىلىرىڭدىن ھارامنى مەجبۇرىي يۇلۇۋېلىپ، مېنى ئۇنتۇغانسەن ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
13 Behold, therefore, I have smitten my hand at thy dishonest gain which thou hast made, and at thy blood which hath been in the midst of thee.
ۋە مانا، مەن ھارامنى مەجبۇرىي يۇلۇۋېلىشىڭغا ۋە سەن ئۆز ئاراڭدا تۆككەن قانلارغا قاراپ قولۇمنى-قولۇمغا ئۇردۇم!
14 Can thy heart endure, or can thy hands be strong, in the days that I shall deal with thee? I, Jehovah, have spoken it, and will do it.
مەن سېنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كۈنلەردىمۇ يۈرىكىڭ يەنىلا توق، قوللىرىڭ چىڭ تۇرىۋېرەمدۇ؟ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم، ئۆزۈم ئۇنى ئادا قىلىمەن.
15 And I will scatter thee among the nations, and disperse thee through the countries; and I will consume thy filthiness out of thee.
مەن سېنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن، ئوتتۇراڭدا بولغان پەسەندىلىكىڭگە خاتىمە بېرىمەن.
16 And thou shalt be profaned in thyself, in the sight of the nations; and thou shalt know that I am Jehovah.
ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئارقىلىق ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغىنىسەن، ئاندىن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن.
17 And the word of Jehovah came unto me, saying,
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
18 Son of man, the house of Israel is become dross unto me: all of them are brass and tin and iron and lead, in the midst of the furnace; they are the dross of silver.
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى ماڭا خۇددى داشقال بولۇپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇمداندا قالغان مىس، قەلەي، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇنلاردۇر؛ ئۇلار كۈمۈشنىڭ پوقى بولۇپ چىقتى.
19 Therefore thus saith the Lord Jehovah: Because ye are all become dross, therefore, behold, I will gather you into the midst of Jerusalem.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەممىڭلار داشقال بولۇپ چىققاچقا، مانا ئەمدى مەن سىلەرنى يېرۇسالېم ئوتتۇرىسىغا يىغىمەن؛
20 As they gather silver and brass and iron and lead and tin into the midst of the furnace, to blow the fire upon it, to melt it; so will I gather you in mine anger and in my wrath, and I will lay you there, and melt you.
كىشىلەر ئۈستىگە ئوت پۈۋلەپ، ئۇلارنى ئېرىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن ۋە قەلەينى خۇمدان ئىچىگە يىغقاندەك، مەن غەزىپىم ۋە قەھرىم بىلەن سىلەرنى يىغىپ [شەھەر] ئىچىگە سېلىپ سىلەرنى ئېرىتىمەن.
21 Yea, I will gather you, and blow upon you with the fire of my wrath, and ye shall be melted in the midst thereof.
شۇنداق، مەن سىلەرنى يىغىپ، غەزىپىمنىڭ ئوتىنى ئۈستۈڭلەرگە پۈۋلەيمەن، سىلەر ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېرىپ كېتىسىلەر؛
22 As silver is melted in the midst of the furnace, so shall ye be melted in the midst thereof; and ye shall know that I, Jehovah, have poured out my wrath upon you.
كۈمۈش خۇمداندا ئېرىتىلگەندەك، سىلەر شەھەر ئوتتۇرىسىدا ئېرىتىلىسىلەر؛ ۋە سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قەھرىمنى ئۈستۈڭلەرگە تۆككەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
23 And the word of Jehovah came unto me, saying,
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
24 Son of man, say unto her, Thou art a land that is not cleansed, nor rained upon in the day of indignation.
ئى ئىنسان ئوغلى، شەھەرگە مۇنداق دېگىن: ــ غەزەپ چۈشكەن كۈندە سەن پاكلاندۇرۇلمىغان، يامغۇر چۈشمىگەن بىر زېمىنسەن.
25 There is a conspiracy of her prophets in the midst thereof, like a roaring lion ravening the prey: they have devoured souls; they take treasure and precious things; they have made her widows many in the midst thereof.
ئۆز ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان، ھۆركىرەيدىغان شىردەك ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇنىڭدا سۇيىقەست ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار جانلارنى يەۋېتىدۇ؛ خەزىنىلەرنى، قىممەتلىك نەرسىلىرىنى بۇلىۋالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇل خوتۇنلارنى كۆپەيتمەكتە.
26 Her priests have done violence to my law, and have profaned my holy things: they have made no distinction between the holy and the common, neither have they caused men to discern between the unclean and the clean, and have hid their eyes from my sabbaths, and I am profaned among them.
ئۇنىڭ كاھىنلىرى تەۋرات-قانۇنۇمنى بۇزۇپ تاشلاپ، پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىغان؛ ئۇلار پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىي نەرسىلەرنى پەرق قىلمايدۇ؛ ئۇلار «شابات كۈن»لىرىمگە كۆزىنى يۇمۇپ يۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ماڭا بەتنام چاپلىنىدۇ.
27 Her princes in the midst thereof are like wolves ravening the prey, to shed blood, [and] to destroy souls, that they may get dishonest gain.
ئۇنىڭ ئىچىدىكى شاھزادىلەر خۇددى ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان بۆرىلەردەك؛ ئۇلار قان تۆكۈشىدۇ، جانلارنى نابۇت قىلىشىدۇ، ھارام مەنپەئەتنى بۇلىشىدۇ.
28 And her prophets have daubed for them with untempered [mortar], seeing false visions, and divining lies unto them, saying, Thus saith the Lord Jehovah, when Jehovah hath not spoken.
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارنىڭ [قىلمىشلىرىنى] «ھاك سۇۋاق» بىلەن ئاقارتقان، «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەپ ساختا كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېلىپ، پال سېلىپ يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا سۆز قىلغان ئەمەس.
29 The people of the land have used oppression, and exercised robbery; yea, they have vexed the poor and needy, and have oppressed the sojourner wrongfully.
زېمىندىكى ئاددىي پۇقرالارمۇ جەبىر-زۇلۇم قىلىشىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاجىز-نامراتلارنى بوزەك قىلىپ، مۇساپىرلارغا زۇلۇم سېلىپ ئۇۋال قىلىدۇ.
30 And I sought for a man among them, that should build up the wall, and stand in the gap before me for the land, that I should not destroy it; but I found none.
مەن ئۇلار ئارىسىدىن تامنى قايتىدىن ياسىتىپ بېرىدىغان، مېنى ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىشىمدىن ياندۇرىدىغان، ئۇنىڭ يېرىقىنى ئەتكۈدەك، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدىغان ئارىچى بىر ئەزىمەتنى ئىزدەپ كەلدىم؛ بىراق ھېچبىرنى تاپالمىدىم.
31 Therefore have I poured out mine indignation upon them; I have consumed them with the fire of my wrath: their own way have I brought upon their heads, saith the Lord Jehovah.
شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۈستىگە تۆكىمەن؛ غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.

< Ezekiel 22 >