< Esther 6 >

1 On that night could not the king sleep; and he commanded to bring the book of records of the chronicles, and they were read before the king.
شۇ كۈنى كېچىسى پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ، تارىخ-تەزكىرىنامىنى ئەكەلدۈردى ۋە بۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى.
2 And it was found written, that Mordecai had told of Bigthana and Teresh, two of the king’s chamberlains, of those that kept the threshold, who had sought to lay hands on the king Ahasuerus.
بىر يەردە: «پادىشاھنىڭ بىگتانا، تەرەش دەيدىغان ئوردا دەرۋازىسىنى باقىدىغان ئىككى ھەرەمئاغىسى بار ئىدى، ئۇلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا قول سېلىشقا قەستلىگەندە، موردىكاي بۇ ئىشنى پاش قىلىپ خەۋەر يەتكۈزگەن، دەپ پۈتۈلگەنىدى.
3 And the king said, What honor and dignity hath been bestowed on Mordecai for this? Then said the king’s servants that ministered unto him, There is nothing done for him.
پادىشاھ: ــ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكايغا قانداق نام-شۆھرەت ۋە ئىززەت-ئىكرام نائىل قىلىندى؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئۇ ھېچ نېمىگە ئېرىشمىدى، ــ دەپ جاۋاپ بېرىشتى پادىشاھنىڭ يېنىدىكى خىزمەتتە بولغان غۇلاملىرى.
4 And the king said, Who is in the court? Now Haman was come into the outward court of the king’s house, to speak unto the king to hang Mordecai on the gallows that he had prepared for him.
ــ ئوردا ھويلىسىدا كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامان پادىشاھتىن موردىكاينى ئۆزى تەييارلاپ قويغان دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلغىلى كېلىپ، ئوردىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىغا كىرگەنىدى.
5 And the king’s servants said unto him, Behold, Haman standeth in the court. And the king said, Let him come in.
ــ مانا، ھامان ھويلىدا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى ئۇنىڭغا. ــ كىرسۇن، ــ دېدى پادىشاھ.
6 So Haman came in. And the king said unto him, What shall be done unto the man whom the king delighteth to honor? Now Haman said in his heart, To whom would the king delight to do honor more than to myself?
ھامان كىرىۋىدى، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ھامان كۆڭلىدە: «پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشى مېنىڭدىن باشقا يەنە كىم بولاتتى؟» ــ دەپ ئويلىدى-دە
7 And Haman said unto the king, For the man whom the king delighteth to honor,
پادىشاھقا: ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە
8 let royal apparel be brought which the king useth to wear, and the horse that the king rideth upon, and on the head of which a crown royal is set:
پادىشاھىم دائىم كىيىدىغان شاھانە كىيىم-كېچەك ۋە دائىم مىنىدىغان ئارغىماق، يەنى بېشىغا شاھانە تاج-بەلگە تاقالغان ئارغىماق ئېلىپ كېلىنىپ،
9 and let the apparel and the horse be delivered to the hand of one of the king’s most noble princes, that they may array the man therewith whom the king delighteth to honor, and cause him to ride on horseback through the street of the city, and proclaim before him, Thus shall it be done to the man whom the king delighteth to honor.
شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى پادىشاھنىڭ ئەڭ مۇھتەرەم ئەمىرلىرىدىن بىرىگە تۇتقۇزسۇن، ئۇ كىيىمنى پادىشاھىم ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە كىيگۈزۈپ ۋە ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: «قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭسۇن، ــ دېدى.
10 Then the king said to Haman, Make haste, and take the apparel and the horse, as thou hast said, and do even so to Mordecai the Jew, that sitteth at the king’s gate: let nothing fail of all that thou hast spoken.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھامانغا: ــ تېز بېرىپ دېگىنىڭدەك شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەپكەل، ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئاۋۇ يەھۇدىي موردىكايغا دەل سۆزۈڭدەك قىلغىن؛ سېنىڭ دېگەنلىرىڭنىڭ بىرەرسىمۇ كەم بولۇپ قالمىسۇن! ــ دېدى.
11 Then took Haman the apparel and the horse, and arrayed Mordecai, and caused him to ride through the street of the city, and proclaimed before him, Thus shall it be done unto the man whom the king delighteth to honor.
شۇنداق قىلىپ ھامان شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەكېلىپ، ئالدى بىلەن موردىكايغا شاھانە كىيىمنى كىيگۈزدى، ئاندىن ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇردى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: ــ «مانا، پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭدى.
12 And Mordecai came again to the king’s gate. But Haman hasted to his house, mourning and having his head covered.
موردىكاي يەنىلا ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ باردى؛ ھامان بولسا غەم-قايغۇغا پېتىپ، بېشىنى چۈمكىگەن ھالدا ئالدىراپ-تېنەپ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
13 And Haman recounted unto Zeresh his wife and all his friends everything that had befallen him. Then said his wise men and Zeresh his wife unto him, If Mordecai, before whom thou hast begun to fall, be of the seed of the Jews, thou shalt not prevail against him, but shalt surely fall before him.
ھامان خوتۇنى زەرەشكە ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرىگە بېشىغا كەلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى بىلەن خوتۇنى زەرەش بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ موردىكاينىڭ ئالدىدا يېڭىلىشقا باشلاپتىلا؛ ئۇ ئەگەر يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىدىن بولسا، ئۇنى يېڭەلمەيلا، ئەكسىچە سۆزسىز ئۇنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولىدىلا، دېيىشتى.
14 While they were yet talking with him, came the king’s chamberlains, and hasted to bring Haman unto the banquet that Esther had prepared.
ئۇلار تېخى ھامان بىلەن سۆزلىشىۋاتقان چېغىدا، پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ ھاماننى ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە بېرىشقا ئالدىراتتى.

< Esther 6 >