< Esther 5 >

1 Now it came to pass on the third day, that Esther put on her royal apparel, and stood in the inner court of the king’s house, over against the king’s house: and the king sat upon his royal throne in the royal house, over against the entrance of the house.
ئۈچىنچى كۈنى ئەستەر شاھانە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، پادىشاھنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇردى؛ پادىشاھ بولسا ئۆز شاھانە ئۆيىدىكى تەختىدە، ئۆيدىن دەرۋازىغا قاراپ ئولتۇراتتى.
2 And it was so, when the king saw Esther the queen standing in the court, that she obtained favor in his sight; and the king held out to Esther the golden sceptre that was in his hand. So Esther drew near, and touched the top of the sceptre.
پادىشاھ خانىش ئەستەرنىڭ ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆردى؛ خانىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقاچ، ئۇ قولىدىكى ئالتۇن ھاسىسىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى. ئەستەر ئالدىغا كېلىپ شاھانە ھاسىنىڭ ئۇچىغا قولىنى تەگكۈزدى.
3 Then said the king unto her, What wilt thou, queen Esther? and what is thy request? it shall be given thee even to the half of the kingdom.
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى خانىشىم ئەستەر، بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇ ساڭا بېرىلىدۇ، دېدى.
4 And Esther said, If it seem good unto the king, let the king and Haman come this day unto the banquet that I have prepared for him.
ــ ئەگەر ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمنىڭ ھاماننى ئېلىپ ئۆزلىرىگە تەييارلىغان زىياپىتىمگە داخىل بولۇپ قەدەم تەشرىپ قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى ئەستەر.
5 Then the king said, Cause Haman to make haste, that it may be done as Esther hath said. So the king and Haman came to the banquet that Esther had prepared.
پادىشاھ: ــ تېز بېرىپ ھاماننى قىچقىرىپ كېلىڭلار، ئەستەرنىڭ دېگىنىدەك قىلىنسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھاماننى ئېلىپ ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە باردى.
6 And the king said unto Esther at the banquet of wine, What is thy petition? and it shall be granted thee: and what is thy request? even to the half of the kingdom it shall be performed.
داستىخان ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا پادىشاھ ئەستەرگە: ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ؛ نېمە ئىلتىجايىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى.
7 Then answered Esther, and said, My petition and my request is:
ئەستەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مېنىڭ تەلىپىم ۋە ئىلتىجايىم بولسا، ــ
8 If I have found favor in the sight of the king, and if it please the king to grant my petition, and to perform my request, let the king and Haman come to the banquet that I shall prepare for them, and I will do to-morrow as the king hath said.
مۇبادا مەن ئالىيلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، شۇنداقلا پادىشاھىمغا مېنىڭ تەلىمنى ئىجابەت قىلىش ھەم ئىلتىجايىمنى ئورۇنداش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىنىڭ ھاماننى بىرگە ئېلىپ ئەتە سىلەرگە تەييارلايدىغان زىياپىتىمگە يەنە بىر قېتىم داخىل بولۇشلىرىنى ئۆتۈنىمەن؛ ئەتە مەن چوقۇم پادىشاھىمنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىمەن، ــ دېدى.
9 Then went Haman forth that day joyful and glad of heart: but when Haman saw Mordecai in the king’s gate, that he stood not up nor moved for him, he was filled with wrath against Mordecai.
شۇ كۈنى ھامان كۆڭلىدە يايراپ، خۇشال-خۇرام قايتىپ چىقتى؛ لېكىن موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئۇنىڭ ئالدىدا نە ئورنىدىن قوپماي نە مىدىرلىماي ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، كۆڭلى ئۇنىڭغا قاتتىق قەھر-غەزەپكە تولدى.
10 Nevertheless Haman refrained himself, and went home; and he sent and fetched his friends and Zeresh his wife.
لېكىن ھامان غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە كەلدى-دە، دوست-ئاغىنىلىرىنى ۋە خوتۇنى زەرەشنى چاقىرتىپ،
11 And Haman recounted unto them the glory of his riches, and the multitude of his children, and all the things wherein the king had promoted him, and how he had advanced him above the princes and servants of the king.
ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ شان-شەرىپى، پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۆزىنى قانداق ئۆستۈرۈپ بارلىق ھۆرمەت-ئىززەتكە سازاۋەر قىلغانلىقى، ئۆزىنى قانداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدىن ئۈستۈن مەرتىۋىگە ئىگە قىلغانلىقى توغرىسىدا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ كەتتى.
12 Haman said moreover, Yea, Esther the queen did let no man come in with the king unto the banquet that she had prepared but myself; and to-morrow also am I invited by her together with the king.
ھامان يەنە: ــ سىلەرگە دېسەم، خانىش ئەستەر مېنىڭدىن باشقا مېھمان چىللىماي، پەقەت پادىشاھ بىلەن ئىككىمىزنىلا ئۆزى تەييارلىغان زىياپەتكە چىللىغانىدى، ئەتىمۇ مېنى پادىشاھ بىلەن بىللە ئۆزى [تەييارلەيدىغان زىياپەتكە] چىللىدى.
13 Yet all this availeth me nothing, so long as I see Mordecai the Jew sitting at the king’s gate.
شۇغىنىسى، ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان ھېلىقى موردىكاي دېگەن يەھۇدىينى كۆرگىنىمدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلىدۇ، دېدى.
14 Then said Zeresh his wife and all his friends unto him, Let a gallows be made fifty cubits high, and in the morning speak thou unto the king that Mordecai may be hanged thereon: then go thou in merrily with the king unto the banquet. And the thing pleased Haman; and he caused the gallows to be made.
ئاندىن ئايالى زەرەش ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەللىك گەز ئېگىزلىكتىكى داردىن بىرنى تەييارلاپ، ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلسىلا بولمىدىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن خۇشال يايرىغان ھالدا پادىشاھ بىلەن بىللە زىياپەتكە بارىدىلا، دېيىشتى. بۇ گەپ ھاماننى خۇش قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دار ياسىتىپ قويدى.

< Esther 5 >