< Esther 1 >

1 Now it came to pass in the days of Ahasuerus (this is Ahasuerus who reigned from India even unto Ethiopia, over a hundred and seven and twenty provinces),
ئاھاشۋېروش (ھىندىستاندىن ھەبەشىستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاھاشۋېروش)نىڭ تەختتىكى كۈنلىرىدە شۇنداق بىر ۋەقە بولدى: ــ
2 that in those days, when the king Ahasuerus sat on the throne of his kingdom, which was in Shushan the palace,
شۇ كۈنلەردە، ئۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇشان قەلئەسىدىكى شاھانە تەختىدە ئولتۇرغىنىدا،
3 in the third year of his reign, he made a feast unto all his princes and his servants; the power of Persia and Media, the nobles and princes of the provinces, being before him;
ئۇ سەلتەنەت سۈرۈپ ئۈچىنچى يىلى بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا زىياپەت بەردى؛ پارس ۋە مېدىئانىڭ قوشۇنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى ۋە بەگلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى.
4 when he showed the riches of his glorious kingdom and the honor of his excellent majesty many days, even a hundred and fourscore days.
ئۇ سەلتەنىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋىتىنىڭ كاتتا جۇلاسىنى كۆپ كۈنلەر، يەنى بىر يۈز سەكسەن كۈن كۆرگەزمە قىلدى.
5 And when these days were fulfilled, the king made a feast unto all the people that were present in Shushan the palace, both great and small, seven days, in the court of the garden of the king’s palace.
بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پادىشاھ يەنە شۇشان قەلئەسىدىكى بارلىق خەلققە چوڭ-كىچىك دېمەي، ئوردىنىڭ چاربېغىدىكى ھويلىدا يەتتە كۈن زىياپەت بەردى.
6 [There were hangings of] white [cloth], [of] green, and [of] blue, fastened with cords of fine linen and purple to silver rings and pillars of marble: the couches were of gold and silver, upon a pavement of red, and white, and yellow, and black marble.
ئۇ يەر ئاق ۋە كۆك كەندىر يىپتىن توقۇلغان پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن كۈمۈش ھالقىلارغا ئاق رەڭلىك كەندىر يىپ ۋە سۆسۈن يۇڭلۇق شوينىلار بىلەن ئېسىلغانىدى؛ ئاق قاشتاش ۋە ئاق مەرمەر تاشلار، سەدەپ ۋە قارا مەرمەر تاشلار ياتقۇزۇلغان مەيدان ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان دىۋانلار قويۇلغانىدى.
7 And they gave them drink in vessels of gold (the vessels being diverse one from another), and royal wine in abundance, according to the bounty of the king.
ئىچىملىكلەر ئالتۇن جاملاردا تۇتۇپ ئىچىلەتتى؛ جاملار بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى؛ شاھانە مەي-شارابلار پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىگە يارىشا مول ئىدى.
8 And the drinking was according to the law; none could compel: for so the king had appointed to all the officers of his house, that they should do according to every man’s pleasure.
شاراب ئىچىش قائىدىسى بويىچە، زورلاشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى؛ چۈنكى پادىشاھ ئوردىدىكى بارلىق غوجىدارلارغا، ھەركىمنىڭ ئىچىشى ئۆز خاھىشى بويىچە بولسۇن، دەپ بېكىتىپ بەرگەنىدى.
9 Also Vashti the queen made a feast for the women in the royal house which belonged to king Ahasuerus.
خانىش ۋاشتىمۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن زىياپەت بەردى.
10 On the seventh day, when the heart of the king was merry with wine, he commanded Mehuman, Biztha, Harbona, Bigtha, and Abagtha, Zethar, and Carcas, the seven chamberlains that ministered in the presence of Ahasuerus the king,
يەتتىنچى كۈنى ئاھاشۋېروش پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرغان مەھۇمان، بىزتا، ھاربونا، بىگتا، ئاباگتا، زېتار، كاركاس دېگەن يەتتە ھەرەمئاغىسىنى
11 to bring Vashti the queen before the king with the crown royal, to show the peoples and the princes her beauty; for she was fair to look on.
خانىش ۋاشتىنىڭ پۇقرالار ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا گۈزەللىكىنى كۆرسەتسۇن دەپ، ئۇنى خانىشلىق تاجىنى كىيىپ كېلىشكە چارقىرغىلى ئەۋەتتى؛ چۈنكى ئۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى.
12 But the queen Vashti refused to come at the king’s commandment by the chamberlains: therefore was the king very wroth, and his anger burned in him.
لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ كېلىشنى رەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ قەھرى ئۆرلىدى.
13 Then the king said to the wise men, who knew the times (for so was the king’s manner toward all that knew law and judgment;
شۇ ۋاقىتلاردا پادىشاھنىڭ ئىشلىرى توغرۇلۇق قانۇن-ئەھكاملارنى پىششىق بىلگەنلەردىن مەسلىھەت سوراش ئادىتى بار ئىدى؛ شۇڭا پادىشاھ ۋەزىيەتنى پىششىق چۈشىنىدىغان دانىشمەنلەردىن سورىدى
14 and the next unto him were Carshena, Shethar, Admatha, Tarshish, Meres, Marsena, and Memucan, the seven princes of Persia and Media, who saw the king’s face, and sat first in the kingdom),
(ئۇ چاغدا دانىشمەنلەردىن ئۇنىڭ يېنىدا كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسېنا، مەمۇكان قاتارلىق يەتتە پارس بىلەن مېدىئانىڭ ئەمىرلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار دائىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى، پادىشاھلىقتا ئۇلار ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى).
15 What shall we do unto the queen Vashti according to law, because she hath not done the bidding of the king Ahasuerus by the chamberlains?
پادىشاھ ئۇلاردىن: ــ خانىش ۋاشتى مەنكى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرەمئاغىلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىم بويىچە ئىش قىلمىغىنى ئۈچۈن ئۇنى قانۇن بويىچە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
16 And Memucan answered before the king and the princes, Vashti the queen hath not done wrong to the king only, but also to all the princes, and to all the peoples that are in all the provinces of the king Ahasuerus.
مەمۇكان پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا جاۋاپ بېرىپ: ــ خانىش ۋاشتى ئالىيلىرىنىڭ زىتىغا تېگىپلا قالماي، بەلكى پادىشاھىمىز ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق پۇقرالارنىڭمۇ زىتىغا تەگدى.
17 For this deed of the queen will come abroad unto all women, to make their husbands contemptible in their eyes, when it shall be reported, The king Ahasuerus commanded Vashti the queen to be brought in before him, but she came not.
چۈنكى خانىشنىڭ شۇ قىلغىنى بارلىق ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا يەتسە، ئۇلار «پادىشاھ ئاھاشۋېروش: «خانىشى ۋاشتىنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ ئەمر قىلسا، ئۇ كەلمەپتۇ!» دەپ ئۆز ئەرلىرىنى مەنسىتمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ.
18 And this day will the princesses of Persia and Media who have heard of the deed of the queen say [the like] unto all the king’s princes. So [will there arise] much contempt and wrath.
پارس ۋە مېدىئادىكى مەلىكە-خانىملار خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلاپ، بۈگۈنلا پادىشاھنىڭ بارلىق بەگ-ئەمىرلىرىگە شۇنىڭغا ئوخشاش دەيدىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ.
19 If it please the king, let there go forth a royal commandment from him, and let it be written among the laws of the Persians and the Medes, that it be not altered, that Vashti come no more before king Ahasuerus; and let the king give her royal estate unto another that is better than she.
پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىدىن مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرۈلسۇن، شۇنىڭدەك ئۇ پارسلار ۋە مېدىئالارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئىچىگە پۈتۈلگەيكى، ۋاشتى ئىككىنچى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىگەي؛ ئۇنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسى ئۇنىڭدىن ياخشى بىرسىگە بېرىلگەي.
20 And when the king’s decree which he shall make shall be published throughout all his kingdom (for it is great), all the wives will give to their husbands honor, both to great and small.
ئالىيلىرىنىڭ جاكارلىغان يارلىقى پۈتۈن سەلتەنىتىگە يېتىپ ئاڭلانغان ھامان (ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى بىپايان بولسىمۇ)، ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېرىگە، مەيلى چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، ــ دېدى.
21 And the saying pleased the king and the princes; and the king did according to the word of Memucan:
مەمۇكاننىڭ بۇ گېپى پادىشاھ بىلەن ئەمىرلىرىنى خۇش قىلدى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئىش كۆردى.
22 for he sent letters into all the king’s provinces, into every province according to the writing thereof, and to every people after their language, that every man should bear rule in his own house, and should speak according to the language of his people.
ئۇ پادىشاھنىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە، ھەربىر ئۆلگىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلى بىلەن خەتلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىر ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسى ئىچىدە خوجايىن بولسۇن، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىسۇن» دېگەن ئەمرنى چۈشۈردى.

< Esther 1 >