< Deuteronomy 32 >

1 Give ear, ye heavens, and I will speak; And let the earth hear the words of my mouth.
«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئاسمانلار، مەن سۆزلەي؛ ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن!
2 My doctrine shall drop as the rain; My speech shall distil as the dew, As the small rain upon the tender grass, And as the showers upon the herb.
تەلىمىم بولسا يامغۇردەك ياغىدۇ، سۆزلىرىم شەبنەمدەك تامىدۇ، يۇمران ئوت-چۆپ ئۈستىگە چۈشكەن سىم-سىم يامغۇردەك، كۆكزارلىقنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن خاسىيەتلىك يامغۇردەك بولىدۇ.
3 For I will proclaim the name of Jehovah: Ascribe ye greatness unto our God.
چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى بايان قىلىمەن؛ ئەمدى خۇدايىمىزنى ئۇلۇغ دەپ جاكارلاڭلار!
4 The Rock, his work is perfect; For all his ways are justice: A God of faithfulness and without iniquity, Just and right is he.
ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ئەمەللىرى مۇكەممەلدۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرى ھەققانىيدۇر. ئۇ ناھەقلىقى يوق، ۋاپادار بىر خۇدا، ئادىل ۋە دىيانەتلىكتۇر.
5 They have dealt corruptly with him, [they are] not his children, [it is] their blemish; [They are] a perverse and crooked generation.
ئەمما [ئۆز خەلقى] ئۇنىڭغا بۇزۇقلۇق قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭكىدەك بولمىدى ــ مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەيىبىدۇر! ئۇلار ئەگرى ۋە ئىپلاس بىر نەسىلدۇر!
6 Do ye thus requite Jehovah, O foolish people and unwise? Is not he thy father that hath bought thee? He hath made thee, and established thee.
ئەي ئەخمەق ۋە نادان خەلق، پەرۋەردىگارنىڭ ياخشىلىقىنى شۇنداق ياندۇرامسەن؟ ئۇ سېنى بەدەل تۆلەپ ھۆر قىلغان ئاتاڭ ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى يارىتىپ، سېنى تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟
7 Remember the days of old, Consider the years of many generations: Ask thy father, and he will show thee; Thine elders, and they will tell thee.
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئېسىڭگە ئالغىن، دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆتكەن يىللارنى ئويلىغىن؛ ئاتاڭدىن سورا، ئۇ ساڭا دەپ بېرىدۇ؛ ئاقساقاللىرىڭغا سوئال قوي، ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ.
8 When the Most High gave to the nations their inheritance, When he separated the children of men, He set the bounds of the peoples According to the number of the children of Israel.
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئەللەرنىڭ ئۈلۈشىنى ئۇلارغا ئۈلەشتۈرگەندە، ئادەمئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىر-بىرىدىن بۆلگىنىدە، ئۇ خەلقلەرنىڭ چېگرىلىرىنى ئىسرائىل بالىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتكەن.
9 For Jehovah’s portion is his people; Jacob is the lot of his inheritance.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نېسىۋىسى بولسا ئۇنىڭغا خاس بولغان خەلقىدۇر؛ ياقۇپ خۇددى چەك تاشلىنىپ چىققاندەك، ئۇنىڭ مىراسىدۇر.
10 He found him in a desert land, And in the waste howling wilderness; He compassed him about, he cared for him, He kept him as the apple of his eye.
ئۇ ئۇنى چۆل بىر زېمىندا، شامال ھۇۋلايدىغان دەھشەتلىك بىر باياۋاندا ئۇنى تاپتى؛ ئۇنى ئوراپ ئەتراپىدا قوغداپ تۇردى، ئۇنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلىدى؛
11 As an eagle that stirreth up her nest, That fluttereth over her young, He spread abroad his wings, he took them, He bare them on his pinions.
خۇددى بۈركۈت ئۆز چاڭگىسىنى تەۋرىتىپ، بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، قاناتلىرىنى يېيىپ ئۇلارنى پەيلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگىنىدەك،
12 Jehovah alone did lead him, And there was no foreign god with him.
پەرۋەردىگارمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق يالغۇز يېتەكچىلىك قىلدى؛ ھېچقانداق يات ئىلاھ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى.
13 He made him ride on the high places of the earth, And he did eat the increase of the field; And he made him to suck honey out of the rock, And oil out of the flinty rock;
ئۇ ئۇنى يەر يۈزىنىڭ ئېگىز جايلىرىغا مىندۈردى، ۋە ئۇ ئېتىزلىقنىڭ مەھسۇلاتىدىن يېدى، ئۇ ئۇنىڭغا قىيا تاشتىن ھەسەل شورىتىپ، چاقماق تېشىدىن زەيتۇن مېيى شوراتتى؛
14 Butter of the herd, and milk of the flock, With fat of lambs, And rams of the breed of Bashan, and goats, With the finest of the wheat; And of the blood of the grape thou drankest wine.
ساڭا كالا قايمىقى بىلەن قوي سۈتىنى ئىچكۈزۈپ، قوزىلارنىڭ يېغىنى، باشاندىكى قوچقارلار ۋە تېكىلەرنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈپ، ئېسىل بۇغداينىڭ ئېسىل دانلىرىدىن يېگۈزدى، سەن بولساڭ ئۈزۈم قېنى بولغان ساپ شارابنى ئىچتىڭ.
15 But Jeshurun waxed fat, and kicked: Thou art waxed fat, thou art grown thick, thou art become sleek; Then he forsook God who made him, And lightly esteemed the Rock of his salvation.
لېكىن يەشۇرۇن سەمرىپ تەپكەك بولۇپ قالدى؛ بەرھەق، سەن سەمرىپ كەتتىڭ، بوردىلىپ كەتتىڭ، تويۇنۇپ كەتتىڭ! ئۇ ئۆزىنى ياراتقان تەڭرىنى تاشلاپ، ئۆز نىجاتىنىڭ قورام تېشىنى كۆزگە ئىلمىدى.
16 They moved him to jealousy with strange [gods]; With abominations provoked they him to anger.
ئۇلار بولسا يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىنى قوزغىدى، يىرگىنچلىك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
17 They sacrificed unto demons, [which were] no God, To gods that they knew not, To new [gods] that came up of late, Which your fathers dreaded not.
ئۇلار ئىگە-تەڭرىسى ئەمەس جىنلارغا، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىلاھلارغا، ئاتا-بوۋىلىرىمۇ قورقمايدىغان، يېڭى پەيدا بولۇپ قالغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلدى.
18 Of the Rock that begat thee thou art unmindful, And hast forgotten God that gave thee birth.
سەن ئۆزۈڭنى تۆرەلدۈرگەن قورام تاشنى كۆڭلۈڭدىن چىقاردىڭ، سېنى ئاپىرىدە قىلغان تەڭرىنى ئۇنتۇدۇڭ.
19 And Jehovah saw [it], and abhorred [them], Because of the provocation of his sons and his daughters.
پەرۋەردىگار بۇنى كۆرۈپ، ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنىدىن، ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ
20 And he said, I will hide my face from them, I will see what their end shall be: For they are a very perverse generation, Children in whom is no faithfulness.
«مەن ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ باقاي؛ چۈنكى ئۇلار ئىپلاس بىر نەسىلدۇر، قەلبىدە ۋاپادارلىقى يوق بالىلاردۇر.
21 They have moved me to jealousy with that which is not God; They have provoked me to anger with their vanities: And I will move them to jealousy with those that are not a people; I will provoke them to anger with a foolish nation.
ئىگە-تەڭرىسى ئەمەسلەر بىلەن ھەسىتىمنى كەلتۈردى، ئەرزىمەس مەبۇدلىرى بىلەن قەھرىمنى قوزغىدى؛ شۇڭا «ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن، نادان بىر ئەل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىمەن.
22 For a fire is kindled in mine anger, And burneth unto the lowest Sheol, And devoureth the earth with its increase, And setteth on fire the foundations of the mountains. (Sheol h7585)
چۈنكى مېنىڭ غەزىپىمدىن بىر ئوت تۇتاشتى؛ ئۇ تەھتىسارانىڭ تېگىگىچە كۆيۈپ بارىدۇ، ئۇ يەر بىلەن ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يەپ كېتىدۇ، ۋە تاغلارنىڭ ئۇللىرىنىمۇ تۇتاشتۇرىدۇ. (Sheol h7585)
23 I will heap evils upon them; I will spend mine arrows upon them:
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بالايىئاپەتلەرنى دۆۋىلەيمەن؛ يا-ئوقلىرىمنى بىرنى قويماي ئۇلارغا ئاتىمەن.
24 [They shall be] wasted with hunger, and devoured with burning heat And bitter destruction; And the teeth of beasts will I send upon them, With the poison of crawling things of the dust.
ئۇلار ئاچارچىلىقتىن يېگىلەپ كېتىدۇ، تومۇز ئىسسىق ۋە ۋابانىڭ نەشتەرلىرى تەرىپىدىن يەپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلارغا قارشى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ چىشلىرىنى، توپىدا ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ زەھىرىنى ئەۋەتىمەن.
25 Without shall the sword bereave, And in the chambers terror; [It shall destroy] both young man and virgin, The suckling with the man of gray hairs.
تاشقىرىدا قىلىچ ئۇلارنى مۇسىبەتكە سالىدۇ، ئىچكىرىدە ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئۇ يىگىت بىلەن قىزنى، ئەمچەكتىكى بالا بىلەن ئاق چاچلىقنى ھەممىسىنى يوقىتىدۇ.
26 I said, I would scatter them afar, I would make the remembrance of them to cease from among men;
مەن: «ئۇلارنى چېپىۋېتىمەن، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆچۈرىمەن» ــ دەيتتىم،
27 Were it not that I feared the provocation of the enemy, Lest their adversaries should judge amiss, Lest they should say, Our hand is exalted, And Jehovah hath not done all this.
بىراق دۈشمەننىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقتۇم؛ ئىسرائىلنىڭ رەقىبلىرى بۇ ئىشنى خاتا چۈشىنىپ: ــ بۇ ئىش بىزنىڭ قولىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولغان بولسا كېرەك، پەرۋەردىگار بۇنى ھېچ قىلمىدى» دېمىسۇن دەپ، [بۇ ئىشنى قىلمىدىم].
28 For they are a nation void of counsel, And there is no understanding in them.
ئىسرائىل نەسىھەتتىن مەھرۇم بولغان بىر ئەل، ئۇلارنىڭ ھېچ ئەقىل-پەمى يوقتۇر.
29 Oh that they were wise, that they understood this, That they would consider their latter end!
ئاھ، ئۇلار دانا بولسىدى! شۇنداق بولسا بۇنى چۈشىنىپ، ئۆز ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغىنىنى ئويلايتتى!
30 How should one chase a thousand, And two put ten thousand to flight, Except their Rock had sold them, And Jehovah had delivered them up?
ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن بولسا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى [دۈشمەنلىرىگە] تاشلاپ بەرمىگەن بولسا، بىر كىشى قانداقمۇ مىڭ كىشىنى ئۆز ئالدىدىن ھەيدىيەلەيتتى؟، ئىككى كىشى قانداقمۇ ئون مىڭ كىشىنى قاچۇرالايتتى؟
31 For their rock is not as our Rock, Even our enemies themselves being judges.
چۈنكى باشقىلارنىڭ قورام تېشى بولسا بىزنىڭ قورام تېشىمىزدەك ئەمەستۇر. بۇنىڭغا دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بەرسۇن!
32 For their vine is of the vine of Sodom, And of the fields of Gomorrah: Their grapes are grapes of gall, Their clusters are bitter:
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تېلى سودومنىڭ ئۈزۈم تېلىدىن، گوموررانىڭ ئېتىزلىقلىرىدىن چىققاندۇر؛ ئۈزۈملىرى زەھەرلىك ئۈزۈملەردۇر، ئۇلارنىڭ ھەربىر ساپىقى ئاچچىقتۇر،
33 Their wine is the poison of serpents, And the cruel venom of asps.
شارابى بولسا ئەجدىھالارنىڭ زەھىرىدۇر، كوبرالارنىڭ ئەجەللىك زەھىرىدۇر.
34 Is not this laid up in store with me, Sealed up among my treasures?
[پەرۋەردىگار]: «بۇلارنىڭ [ھەممىسى] مېنىڭكىدە ساقلاقلىق ئەمەسمۇ؟ ئۆز خەزىنىلىرىمدە مۆھۈرلەنگەن ئەمەسمۇ؟
35 Vengeance is mine, and recompense, At the time when their foot shall slide: For the day of their calamity is at hand, And the things that are to come upon them shall make haste.
ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، يامانلىقنى قايتۇرۇشمۇ شۇنداق، بۇلار ئۇلار پۇتلىشىدىغان ۋاقىتقىچە ساقلاقلىق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بالايىئاپەتلىك كۈنى يېقىنلاشماقتا، ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان ئىشلار بولسا تېز كېلىۋاتىدۇ.
36 For Jehovah will judge his people, And repent himself for his servants; When he seeth that [their] power is gone, And there is none [remaining], shut up or left at large.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۈچى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ [ئازىيىپ]، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپلەرنىڭمۇ قالمىغىنىنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۆز بەندىلىرىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ.
37 And he will say, Where are their gods, The rock in which they took refuge;
ئۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قېنى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى؟ ئۆزىگە تايانچ قىلغان قورام تېشى ئەمدى قەيەردىدۇر؟
38 Which did eat the fat of their sacrifices, [And] drank the wine of their drink-offering? Let them rise up and help you, Let them be your protection.
ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغىنى يېگەن، ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرىدىكى شارابىنى ئىچكەنلەر قەيەرگە كەتتى؟ ئەمدى ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، پاناھىڭلار بولسۇن!
39 See now that I, even I, am he, And there is no god with me: I kill, and I make alive; I wound, and I heal; And there is none that can deliver out of my hand.
ئەمدى مەن ئۆزۈم، پەقەت مەنلا «شۇ»دۇرمەن، ماڭا ھەمراھ ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بىلىڭلار. مەن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرىمەن، زەخىملەندۈرۈپ ساقايتىمەن؛ ۋە ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.
40 For I lift up my hand to heaven, And say, As I live for ever,
چۈنكى مەن قولۇمنى ئاسمانلارغا كۆتۈرۈپ: ــ «ئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن» دەپ ئېيتىپ،
41 If I whet my glittering sword, And my hand take hold on judgment; I will render vengeance to mine adversaries, And will recompense them that hate me.
چاقناپ تۇرىدىغان قىلىچىمنى ئىتتىك قىلىمەن، مېنىڭ قولۇم ئادالەتنى قورال قىلىپ تۇتىدۇ، دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن، مەندىن نەپرەتلەنگۈچىلەرنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇلارغا ياندۇرىمەن!
42 I will make mine arrows drunk with blood, And my sword shall devour flesh; With the blood of the slain and the captives, From the head of the leaders of the enemy.
مەن يا ئوقلىرىمنى قان ئىچكۈزۈپ مەست قىلىمەن، مېنىڭ قىلىچىم گۆش يەيدۇ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن ئەسىرلەرنىڭ قېنىنى، دۈشمەننىڭ سەردارلىرىنىڭ باشلىرىنى يەپ-ئىچىدىغان قىلىمەن».
43 Rejoice, O ye nations, [with] his people: For he will avenge the blood of his servants, And will render vengeance to his adversaries, And will make expiation for his land, for his people.
ئەي ئەللەر، ئۇنىڭ خەلقى بىلەن بىللە شادلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز بەندىلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قىساس ياندۇرىدۇ، ئۆز زېمىنى بىلەن خەلقى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىدۇ».
44 And Moses came and spake all the words of this song in the ears of the people, he, and Hoshea the son of Nun.
ئەمدى مۇسا بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كېلىپ بۇ غەزەلنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بەردى.
45 And Moses made an end of speaking all these words to all Israel;
ئاندىن مۇسا بۇ ھەممە سۆزلەرنى بارلىق ئىسرائىل ئالدىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ
46 and he said unto them, Set your heart unto all the words which I testify unto you this day, which ye shall command your children to observe to do, [even] all the words of this law.
ئۇلارغا سۆز قىلىپ: «مەن بۈگۈن ئوتتۇراڭلاردا سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن بۇ بارلىق سۆزلەرگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ سىلەر بۇلارنى بالىلىرىڭلارغا تاپىلاپ: «بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇشۇڭلار كېرەك.
47 For it is no vain thing for you; because it is your life, and through this thing ye shall prolong your days in the land, whither ye go over the Jordan to possess it.
چۈنكى بۇ سۆز سىلەرگە مۇناسىۋەتسىز، قۇرۇق سۆز ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر! سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ زېمىندا بۇ سۆز ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر» ــ دېدى.
48 And Jehovah spake unto Moses that selfsame day, saying,
يەنە شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
49 Get thee up into this mountain of Abarim, unto mount Nebo, which is in the land of Moab, that is over against Jericho; and behold the land of Canaan, which I give unto the children of Israel for a possession;
سەن ئۇشبۇ ئابارىم تېغىغا، يەنى يېرىخونىڭ ئۇتتۇرىدىكى، موئابنىڭ زېمىنىدىكى نېبو تېغىغا چىققىن ۋە شۇ يەردە مەن ئىسرائىللارغا ئۆز تەۋەلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىدىغان قانائان زېمىنىنى كۆرگىن.
50 and die in the mount whither thou goest up, and be gathered unto thy people, as Aaron thy brother died in mount Hor, and was gathered unto his people:
ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلۈپ ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلغاندەك، سەنمۇ چىقىدىغان شۇ تاغدا ئۆلۈپ خەلقلىرىڭگە قوشۇلغىن؛
51 because ye trespassed against me in the midst of the children of Israel at the waters of Meribah of Kadesh, in the wilderness of Zin; because ye sanctified me not in the midst of the children of Israel.
چۈنكى سىلەر زىن چۆلىدىكى مەرىباھ-قادەشنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئىككىڭلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ۋاپاسىزلىق كۆرسىتىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مېنى «مۇقەددەس» دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار.
52 For thou shalt see the land before thee; but thou shalt not go thither into the land which I give the children of Israel.
شۇڭا سەن ئىسرائىللارغا بېرىدىغان شۇ زېمىننى ئۇدۇلۇڭدا كۆرىسەن، لېكىن ئۇنىڭغا كىرەلمەيسەن.

< Deuteronomy 32 >