< Deuteronomy 30 >

1 And it shall come to pass, when all these things are come upon thee, the blessing and the curse, which I have set before thee, and thou shalt call them to mind among all the nations, whither Jehovah thy God hath driven thee,
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بارلىق ئىشلار، يەنى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا قويغان بۇ بەرىكەت بىلەن لەنەت بېشىڭغا چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھەيدىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ بۇلارنى ئېسىڭگە ئېلىپ كۆڭۈل بۆلۈپ،
2 and shalt return unto Jehovah thy God, and shalt obey his voice according to all that I command thee this day, thou and thy children, with all thy heart, and with all thy soul;
ئۆزۈڭ ۋە بالىلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا يېنىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن ساڭا ئەمر قىلغان بارلىق ئىشلارغا پۈتۈن قەلبىڭ ۋە پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئىتائەت قىلساڭ،
3 that then Jehovah thy God will turn thy captivity, and have compassion upon thee, and will return and gather thee from all the peoples, whither Jehovah thy God hath scattered thee.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ، ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ھەيدىۋەتكەن ئەللەردىن يىغىپ كېلىدۇ.
4 If [any of] thine outcasts be in the uttermost parts of heaven, from thence will Jehovah thy God gather thee, and from thence will he fetch thee:
گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ چېتىگىچىمۇ ھەيدىلىپ كەتكەنلەر بولسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن يىغىپ جەم قىلىپ كېلىدۇ.
5 and Jehovah thy God will bring thee into the land which thy fathers possessed, and thou shalt possess it; and he will do thee good, and multiply thee above thy fathers.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا كەلتۈرىدۇ ۋە سەن ئۇنى ئىگىلەيسەن؛ ئۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ سانىدىن زىيادە كۆپ قىلىدۇ؛
6 And Jehovah thy God will circumcise thy heart, and the heart of thy seed, to love Jehovah thy God with all thy heart, and with all thy soul, that thou mayest live.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن سۆيۈشكە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قەلبىڭنى ۋە نەسىللىرىڭنىڭ قەلبىنى خەتنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھايات ياشايسىلەر.
7 And Jehovah thy God will put all these curses upon thine enemies, and on them that hate thee, that persecuted thee.
شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ ھەممە لەنەتلەرنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدۇ.
8 And thou shalt return and obey the voice of Jehovah, and do all his commandments which I command thee this day.
سىلەر بولساڭلار يېنىپ كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ھەممە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىسىلەر.
9 And Jehovah thy God will make thee plenteous in all the work of thy hand, in the fruit of thy body, and in the fruit of thy cattle, and in the fruit of thy ground, for good: for Jehovah will again rejoice over thee for good, as he rejoiced over thy fathers;
شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قوللىرىڭلارنىڭ ھەممە ئىشىدا، بەدىنىڭلارنىڭ مېۋىسىنى، چارپاي ماللىرىڭلارنىڭ مېۋىسىنى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنىمۇ ئاۋۇتۇپ سىلەرنى زور ياشنىتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنگەندەك، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنىدۇ.
10 if thou shalt obey the voice of Jehovah thy God, to keep his commandments and his statutes which are written in this book of the law; if thou turn unto Jehovah thy God with all thy heart, and with all thy soul.
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمرلەر بىلەن بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ تەرىپىگە بۇرۇلساڭلارلا، شۇنداق بولىدۇ.
11 For this commandment which I command thee this day, it is not too hard for thee, neither is it far off.
چۈنكى مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلىغان بۇ ئەمر سەن ئۈچۈن كارامەت ئىش ئەمەس ياكى سەندىن يىراقمۇ ئەمەس.
12 It is not in heaven, that thou shouldest say, Who shall go up for us to heaven, and bring it unto us, and make us to hear it, that we may do it?
بۇ ئەمر ئاسماننىڭ ئۈستىدە ئەمەس، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم ئاسمانغا چىقىپ ئۇنى ئېلىپ چۈشۈپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ؟» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.
13 Neither is it beyond the sea, that thou shouldest say, Who shall go over the sea for us, and bring it unto us, and make us to hear it, that we may do it?
ۋە شۇنىڭدەك بۇ ئەمر دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ ئەمەستۇر، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.
14 But the word is very nigh unto thee, in thy mouth, and in thy heart, that thou mayest do it.
چۈنكى بۇ سۆز بولسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىڭ ئۈچۈن ساڭا بەك يېقىن، يەنى ئاغزىڭدا ۋە كۆڭلۈڭدە باردۇر.
15 See, I have set before thee this day life and good, and death and evil;
مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلاردا ھايات بىلەن ياخشىلىق، ئۆلۈم بىلەن يامانلىقنى قويدۇم؛
16 in that I command thee this day to love Jehovah thy God, to walk in his ways, and to keep his commandments and his statutes and his ordinances, that thou mayest live and multiply, and that Jehovah thy God may bless thee in the land whither thou goest in to possess it.
چۈنكى ئۆزۈم ساڭا ھۆكۈم بېرىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىڭلار، دەپ بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىدىم؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ياشاپ ئاۋۇپ، ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلەيدۇ.
17 But if thy heart turn away, and thou wilt not hear, but shalt be drawn away, and worship other gods, and serve them;
لېكىن ئەگەر كۆڭلۈڭنى تەتۈر قىلىپ، قۇلاق سالماي ئازدۇرۇلۇپ، باشقا ئىلاھلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇنغىلى تۇرساڭ،
18 I denounce unto you this day, that ye shall surely perish; ye shall not prolong your days in the land, whither thou passest over the Jordan to go in to possess it.
مەن شۇنى بۈگۈن سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ھالاك بولماي قالمايسىلەر؛ سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيسىلەر.
19 I call heaven and earth to witness against you this day, that I have set before thee life and death, the blessing and the curse: therefore choose life, that thou mayest live, thou and thy seed;
مەن بۈگۈن ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، بەرىكەت بىلەن لەنەتنى ئالدىڭدا قويغىنىمغا ئاسمان بىلەن زېمىننى ئۈستۈڭگە گۇۋاھ بولۇشقا چاقىرىمەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭ ياشاي دېسەڭلار، ھاياتنى تاللىۋال؛
20 to love Jehovah thy God, to obey his voice, and to cleave unto him; for he is thy life, and the length of thy days; that thou mayest dwell in the land which Jehovah sware unto thy fathers, to Abraham, to Isaac, and to Jacob, to give them.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا باغلانغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىدۇر؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا: «مەن سىلەرگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىسەن».

< Deuteronomy 30 >