< 2 Kings 8 >

1 Now Elisha had spoken unto the woman, whose son he had restored to life, saying, Arise, and go thou and thy household, and sojourn wheresoever thou canst sojourn: for Jehovah hath called for a famine; and it shall also come upon the land seven years.
ئېلىشا ئۆزى ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن ئايالغا نەسىھەت قىلىپ: ــ سەن ۋە ئۆز ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن بېرىپ، قەيەردە ئولتۇرغۇدەك جاي تاپساڭ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار: ــ ئاچارچىلىق بولسۇن، دەپ بېكىتتى. بۇ ئاچارچىلىق زېمىندا يەتتە يىلغىچە تۈگىمەيدۇ، دېدى.
2 And the woman arose, and did according to the word of the man of God; and she went with her household, and sojourned in the land of the Philistines seven years.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ ئادىمى ئېيتقاندەك ئۆز ئۆيدىكىلىرى بىلەن بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدا يەتتە يىلغىچە تۇردى.
3 And it came to pass at the seven years’ end, that the woman returned out of the land of the Philistines: and she went forth to cry unto the king for her house and for her land.
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە يىل ئۆتكەندە، ئايال فىلىستىيلەرنىڭ يۇرتىدىن يېنىپ كەلدى؛ ئۇ پادىشاھتىن ئۆيى بىلەن زېمىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى باردى.
4 Now the king was talking with Gehazi the servant of the man of God, saying, Tell me, I pray thee, all the great things that Elisha hath done.
شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گەھازى بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنىڭغا: ــ ئېلىشا قىلغان ھەممە ئۇلۇغ ئەمەللەرنى ماڭا بايان قىلىپ بەرگىن، دەۋاتاتتى.
5 And it came to pass, as he was telling the king how he had restored to life him that was dead, that, behold, the woman, whose son he had restored to life, cried to the king for her house and for her land. And Gehazi said, My lord, O king, this is the woman, and this is her son, whom Elisha restored to life.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھقا ئېلىشانىڭ قانداق قىلىپ بىر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى دەپ بېرىۋاتقاندا، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن شۇ ئايال پادىشاھتىن ئۆز ئۆيى ۋە زېمىنىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغىلى كەلدى. گەھازى: ــ ئى پادىشاھ غوجام، مانا، بۇلار مەن ئېيتقان ئايال ۋە ئېلىشا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئوغلى دەل شۇ، دېدى.
6 And when the king asked the woman, she told him. So the king appointed unto her a certain officer, saying, Restore all that was hers, and all the fruits of the field since the day that she left the land, even until now.
پادىشاھ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ شۇ ۋەقەنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىر ئاغۋاتنى بەلگىلەپ: ــ ئۇنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنى ياندۇرۇپ بەرگىن ۋە شۇنىڭدەك ئۆز يۇرتىدىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ بۇ ۋاقىتقىچە يېرىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ بارلىق كىرىمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن، دېدى.
7 And Elisha came to Damascus; and Ben-hadad the king of Syria was sick; and it was told him, saying, The man of God is come hither.
ئەمدى ئېلىشا سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد كېسەل ياتقىنىدا دەمەشققە كەلدى. پادىشاھقا: خۇدانىڭ ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى، دەپ خەۋەر بېرىلدى.
8 And the king said unto Hazael, Take a present in thy hand, and go, meet the man of God, and inquire of Jehovah by him, saying, Shall I recover of this sickness?
پادىشاھ ھازائەلگە: ــ ئۆزۈڭ بىر سوۋغا ئېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگاردىن مېنىڭ توغرامدا: «ئۇ بۇ كېسەلدىن ساقىيامدۇ، ساقايمايدۇ» دەپ سورىغىن، ــ دېدى.
9 So Hazael went to meet him, and took a present with him, even of every good thing of Damascus, forty camels’ burden, and came and stood before him, and said, Thy son Ben-hadad king of Syria hath sent me to thee, saying, Shall I recover of this sickness?
شۇنىڭ بىلەن ھازائەل ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە باردى. ئۇ ئۆزى بىلەن دەمەشقتىكى ھەرخىل ئېسىل ماللاردىن قىرىق تۆگە سوۋغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «ئوغلۇڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن-ھاداد مېنى ئەۋەتىپ، بۇ كېسەلدىن ساقىيىمەنمۇ، ساقايمايمەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ، ــ دېدى.
10 And Elisha said unto him, Go, say unto him, Thou shalt surely recover; howbeit Jehovah hath showed me that he shall surely die.
ئېلىشا ئۇنىڭغا: ــ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ چوقۇم ساقىيىسەن، دەپ ئېيتقىن. لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا قانداقلا بولمىسۇن ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، دەپ ۋەھىي قىلدى، دېدى.
11 And he settled his countenance stedfastly [upon him], until he was ashamed: and the man of God wept.
خۇدانىڭ ئادىمى تاكى ھازائەل خىجىل بولۇپ كەتكۈچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى يىغلاشقا باشلىدى.
12 And Hazael said, Why weepeth my lord? And he answered, Because I know the evil that thou wilt do unto the children of Israel: their strongholds wilt thou set on fire, and their young men wilt thou slay with the sword, and wilt dash in pieces their little ones, and rip up their women with child.
ھازائەل: ــ غوجام نېمىشقا يىغلايلا! دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن سېنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن؛ چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يىگىتلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇششاق بالىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يېرىۋېتىسەن، دېدى.
13 And Hazael said, But what is thy servant, who is but a dog, that he should do this great thing? And Elisha answered, Jehovah hath showed me that thou shalt be king over Syria.
ھازائەل: ــ مەنكى ئىتتەك بىر قۇلۇڭ نېمە ئىدىم، ئۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالامتىم؟ ئېلىشا: ــ پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىڭنى مەلۇم قىلدى، دېدى.
14 Then he departed from Elisha, and came to his master; who said to him, What said Elisha to thee? And he answered, He told me that thou wouldest surely recover.
ئۇ ئېلىشانىڭ قېشىدىن چىقىپ غوجىسىنىڭ يېنىغا باردى. بەن-ھاداد ئۇنىڭدىن: ــ ئېلىشا ساڭا نېمە دېدى، دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئۇ ماڭا سىلىنىڭ توغرىلىرىدا، چوقۇم ساقىيدۇ، دەپ ئېيتتى، دېدى.
15 And it came to pass on the morrow, that he took the coverlet, and dipped it in water, and spread it on his face, so that he died: and Hazael reigned in his stead.
ئەتىسى ھازائەل بىر پارچە بۆزنى ئېلىپ، سۇغا چىلاپ پادىشاھنىڭ يۈزىنى ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى؛ ۋە ھازائەل ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
16 And in the fifth year of Joram the son of Ahab king of Israel, Jehoshaphat being then king of Judah, Jehoram the son of Jehoshaphat king of Judah began to reign.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا، يەھوشافات تېخى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ۋاقتىدا، يەھوشافاتنىڭ ئوغلى يەھورام يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى.
17 Thirty and two years old was he when he began to reign; and he reigned eight years in Jerusalem.
ئۇ پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا سەككىز يىل سەلتەنەت قىلدى.
18 And he walked in the way of the kings of Israel, as did the house of Ahab: for he had the daughter of Ahab to wife; and he did that which was evil in the sight of Jehovah.
ئۇ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا يۈردى (چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى ئاھابنىڭ قىزى ئىدى)؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
19 Howbeit Jehovah would not destroy Judah, for David his servant’s sake, as he promised him to give unto him a lamp for his children alway.
لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ سېنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭغا «مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان چىراغ» بېرىمەن دېگەن ۋەدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ يەھۇدانى خاراب قىلىشنى خالىمىدى.
20 In his days Edom revolted from under the hand of Judah, and made a king over themselves.
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ئېدوم يەھۇدانىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئازاد بولۇپ ئۆز ئالدىغا بىر پادىشاھلىق تىكلىدى.
21 Then Joram passed over to Zair, and all his chariots with him: and he rose up by night, and smote the Edomites that compassed him about, and the captains of the chariots; and the people fled to their tents.
شۇنىڭ بىلەن يورام ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن يولغا چىقىپ زائىر شەھىرىگە ئۆتتى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرىنى قورشىۋالغان ئېدوملارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى؛ لېكىن ئاخىرىدا [يەھۇدا] لەشكەرلىرى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كەتتى.
22 So Edom revolted from under the hand of Judah unto this day. Then did Libnah revolt at the same time.
شۇنىڭ بىلەن ئېدوملار يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بۈگۈنگىچە ئازاد بولدى. ئۇ ۋاقىتتا لىبناھمۇ ئىسيان كۆتۈرۈپ ئازاد بولدى.
23 And the rest of the acts of Joram, and all that he did, are they not written in the book of the chronicles of the kings of Judah?
ئەمدى يورامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
24 And Joram slept with his fathers, and was buried with his fathers in the city of David; and Ahaziah his son reigned in his stead.
يورام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھازىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
25 In the twelfth year of Joram the son of Ahab king of Israel did Ahaziah the son of Jehoram king of Judah begin to reign.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى، ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى.
26 Two and twenty years old was Ahaziah when he began to reign; and he reigned one year in Jerusalem. And his mother’s name was Athaliah the daughter of Omri king of Israel.
ئاھازىيا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئاتالىيا ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىل پادىشاھى ئومرىنىڭ قىزى ئىدى.
27 And he walked in the way of the house of Ahab, and did that which was evil in the sight of Jehovah, as did the house of Ahab; for he was the son-in-law of the house of Ahab.
[ئاھازىيا] ئاھابنىڭ جەمەتىنىڭ يولىدا يۈرۈپ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك، خۇدانىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ چۈنكى ئۇ ئاھابنىڭ كۈيئوغلى بولۇپ ئۇنىڭغا ھەمجەمەت ئىدى.
28 And he went with Joram the son of Ahab to war against Hazael king of Syria at Ramoth-gilead: and the Syrians wounded Joram.
ئاھابنىڭ ئوغلى يورام سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەل بىلەن گىلېئادتىكى راموتتا سوقۇشقاندا ئاھازىيا ئۇنىڭغا ھەمدەملىشىپ سوقۇشقا چىققانىدى. سۇرىيلەر يورامنى زەخىملەندۈردى.
29 And king Joram returned to be healed in Jezreel of the wounds which the Syrians had given him at Ramah, when he fought against Hazael king of Syria. And Ahaziah the son of Jehoram king of Judah went down to see Joram the son of Ahab in Jezreel, because he was sick.
يورام پادىشاھ راماھدا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل بىلەن سوقۇشقاندا سۇرىيلەردىن يېگەن زەخمىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، يىزرەئەلگە يېنىپ كەلدى. ئاھابنىڭ ئوغلى يورام كېسەل بولغاچقا، يەھۇدانىڭ پادىشاھى، يەھورامنىڭ ئوغلى ئاھازىيا ئۇنى يوقلىغىلى يىزرەئەلگىمۇ باردى.

< 2 Kings 8 >