< 2 Chronicles 18 >

1 Now Jehoshaphat had riches and honor in abundance; and he joined affinity with Ahab.
يەھوشافاتنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى؛ ئۇ ئاھاب بىلەن قۇدىلىشىپ ئىتتىپاقلاشتى.
2 And after certain years he went down to Ahab to Samaria. And Ahab killed sheep and oxen for him in abundance, and for the people that were with him, and moved him to go up [with him] to Ramoth-gilead.
بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئاھاب بىلەن كۆرۈشۈشكە سامارىيەگە باردى. ئاھاب بولسا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئاتاپ نۇرغۇن كالا، قوي سويدى؛ ئاندىن ئۇ ئۇنى گىلېئادتىكى راموتقا بىللە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇناتتى.
3 And Ahab king of Israel said unto Jehoshaphat king of Judah, Wilt thou go with me to Ramoth-gilead? And he answered him, I am as thou art, and my people as thy people; and [we will be] with thee in the war.
ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتتىن: ــ ئۆزلىرى مېنىڭ بىلەن بىللە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىشقا ماقۇل بولامدىلا؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز؛ مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقىدۇر. مەن ئۆزلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا بارماي تۇرمايمەن، دەپ جاۋاپ بەردى.
4 And Jehoshaphat said unto the king of Israel, Inquire first, I pray thee, for the word of Jehovah.
لېكىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كۆرگەيلا، دېدى.
5 Then the king of Israel gathered the prophets together, four hundred men, and said unto them, Shall we go to Ramoth-gilead to battle, or shall I forbear? And they said, Go up; for God will deliver it into the hand of the king.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرلەرنى، يەنى تۆت يۈز ئادەمنى يىغدۇرۇپ ئۇلاردىن: ــ بىز جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: «چىققىن، خۇدا ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېيىشتى.
6 But Jehoshaphat said, Is there not here a prophet of Jehovah besides, that we may inquire of him?
لېكىن يەھوشافات بولسا: ــ بۇلاردىن باشقا يول سورىغۇدەك، پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
7 And the king of Israel said unto Jehoshaphat, There is yet one man by whom we may inquire of Jehovah: but I hate him; for he never prophesieth good concerning me, but always evil: the same is Micaiah the son of Imla. And Jehoshaphat said, Let not the king say so.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى دائىم بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى.
8 Then the king of Israel called an officer, and said, Fetch quickly Micaiah the son of Imla.
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى.
9 Now the king of Israel and Jehoshaphat the king of Judah sat each on his throne, arrayed in their robes, and they were sitting in an open place at the entrance of the gate of Samaria; and all the prophets were prophesying before them.
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى.
10 And Zedekiah the son of Chenaanah made him horns of iron and said, Thus saith Jehovah, With these shalt thou push the Syrians, until they be consumed.
كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى.
11 And all the prophets prophesied so, saying, Go up to Ramoth-gilead, and prosper; for Jehovah will deliver it into the hand of the king.
ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى.
12 And the messenger that went to call Micaiah spake to him, saying, Behold, the words of the prophets [declare] good to the king with one mouth: let thy word therefore, I pray thee, be like one of theirs, and speak thou good.
مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا: ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭكى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى.
13 And Micaiah said, As Jehovah liveth, what my God saith, that will I speak.
ئەمما مىكايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خۇدايىم ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى.
14 And when he was come to the king, the king said unto him, Micaiah, shall we go to Ramoth-gilead to battle, or shall I forbear? And he said, Go ye up, and prosper; and they shall be delivered into your hand.
ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىلەر؛ چۈنكى [دۈشمىنىڭلار] قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلىدۇ، دېدى.
15 And the king said to him, How many times shall I adjure thee that thou speak unto me nothing but the truth in the name of Jehovah?
لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى.
16 And he said, I saw all Israel scattered upon the mountains, as sheep that have no shepherd: and Jehovah said, These have no master; let them return every man to his house in peace.
مىكايا: ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار: «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ-ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن» دېدى، ــ دېدى.
17 And the king of Israel said to Jehoshaphat, Did I not tell thee that he would not prophesy good concerning me, but evil?
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى.
18 And [Micaiah] said, Therefore hear ye the word of Jehovah: I saw Jehovah sitting upon his throne, and all the host of heaven standing on his right hand and on his left.
مىكايا يەنە: ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
19 And Jehovah said, Who shall entice Ahab king of Israel, that he may go up and fall at Ramoth-gilead? And one spake saying after this manner, and another saying after that manner.
پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛
20 And there came forth a spirit, and stood before Jehovah, and said, I will entice him. And Jehovah said unto him, Wherewith?
شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» دەپ سورىۋىدى،
21 And he said, I will go forth, and will be a lying spirit in the mouth of all his prophets. And he said, Thou shalt entice him, and shalt prevail also: go forth, and do so.
ئۇ: «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى.
22 Now therefore, behold, Jehovah hath put a lying spirit in the mouth of these thy prophets; and Jehovah hath spoken evil concerning thee.
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا بىر يالغانچى روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى.
23 Then Zedekiah the son of Chenaanah came near, and smote Micaiah upon the cheek, and said, Which way went the Spirit of Jehovah from me to speak unto thee?
شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى.
24 And Micaiah said, Behold, thou shalt see on that day, when thou shalt go into an inner chamber to hide thyself.
مىكايا جاۋاب بېرىپ: ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى.
25 And the king of Israel said, Take ye Micaiah, and carry him back unto Amon the governor of the city, and to Joash the king’s son;
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى: ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ،
26 and say, Thus saith the king, Put this fellow in the prison, and feed him with bread of affliction and with water of affliction, until I return in peace.
ئۇلارغا تاپىلاپ: «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ، نان بىلەن سۇنى ئاز-ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دەڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
27 And Micaiah said, If thou return at all in peace, Jehovah hath not spoken by me. And he said, Hear, ye peoples, all of you.
مىكايا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى.
28 So the king of Israel and Jehoshaphat the king of Judah went up to Ramoth-gilead.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى.
29 And the king of Israel said unto Jehoshaphat, I will disguise myself, and go into the battle; but put thou on thy robes. So the king of Israel disguised himself; and they went into the battle.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىقسىلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى.
30 Now the king of Syria had commanded the captains of his chariots, saying, Fight neither with small nor great, save only with the king of Israel.
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىسى سەردارلىرىغا: ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى.
31 And it came to pass, when the captains of the chariots saw Jehoshaphat, that they said, It is the king of Israel. Therefore they turned about to fight against him: but Jehoshaphat cried out, and Jehovah helped him; and God moved them [to depart] from him.
ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ئولىشىپ ھۇجۇم قىلماقچى بولدى؛ لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. خۇدا ئۇلارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى؛
32 And it came to pass, when the captains of the chariots saw that it was not the king of Israel, that they turned back from pursuing him.
چۈنكى شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى.
33 And a certain man drew his bow at a venture, and smote the king of Israel between the joints of the armor: wherefore he said to the driver of the chariot, Turn thy hand, and carry me out of the host; for I am sore wounded.
ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە: ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى.
34 And the battle increased that day: howbeit the king of Israel stayed himself up in his chariot against the Syrians until the even; and about the time of the going down of the sun he died.
ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ كەچكىچە سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. كۈن پېتىشى بىلەن ئۇ ئۆلدى.

< 2 Chronicles 18 >