< Jeremiah 17 >

1 “The sin of Judah is written with a pen of iron, and with the point of a diamond. It is engraved on the tablet of their heart, and on the horns of your altars.
يەھۇدانىڭ گۇناھى ئالماس ئۇچلۇق تۆمۈر قەلەم بىلەن تاشتاختاي كەبى يۈرەكلىرىگە ۋە قۇربانگاھلىرىدىكى مۈڭگۈزلەرگە ئويۇلغان؛
2 Even their children remember their altars and their Asherah poles by the green trees on the high hills.
بالىلىرىمۇ يېشىل دەرەخلەر بويىدا تىكلەنگەن، ئېگىز دۆڭلەر ئۈستىدە ياسىغان [بۇتلىرىنىڭ] قۇربانگاھلىرىنى ۋە «ئاشەراھ»لىرىنى ھەردائىم سېغىنىدۇ.
3 My mountain in the field, I will give your substance and all your treasures for a plunder, and your high places, because of sin, throughout all your borders.
مەن تاغلىرىڭلاردا ۋە ئېتىزلىرىڭلاردا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى، ــ سېنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ــ بۇ چېتىڭدىن ئۇ چېتىڭگىچە بولغان گۇناھىڭ تۈپەيلىدىن ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛
4 You, even of yourself, will discontinue from your heritage that I gave you. I will cause you to serve your enemies in the land which you do not know, for you have kindled a fire in my anger which will burn forever.”
ئۆزۈڭنىڭ شورى، مەن ساڭا تەقدىم قىلغان مىراسىڭ قولۇڭدىن كېتىدۇ؛ مەن سەن تونۇمايدىغان بىر زېمىندا سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىغا تاپشۇرىمەن؛ چۈنكى سىلەر غەزىپىمگە ئوت يېقىپ ئۇنى قوزغىغانسىلەر؛ ئۇ مەڭگۈگە كۆيىدۇ.
5 The LORD says: “Cursed is the man who trusts in man, relies on strength of flesh, and whose heart departs from the LORD.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئادەمگە تايانغان، ئادەمنىڭ ئەت-كۈچىنى تايانچى قىلغان، قەلبى پەرۋەردىگاردىن چەتنىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا لەنەت بولسۇن!
6 For he will be like a bush in the desert, and will not see when good comes, but will inhabit the parched places in the wilderness, an uninhabited salt land.
ئۇ چۆل-باياۋاندا ئۆسكەن قارا ئارچا چاتقىلىدەك بولىدۇ؛ بەخت-ياخشىلىق كەلسىمۇ ئۇ بۇنى كۆرمەيدۇ؛ ئۇ بەلكى چۆلدىكى قاغجىراق يەرلەردە، ئادەمزاتسىز شورلۇق بىر زېمىندا تۇرىدۇ.
7 “Blessed is the man who trusts in the LORD, and whose confidence is in the LORD.
پەرۋەردىگارغا تايانغان، پەرۋەردىگارنى تايانچ قىلغان ئادەم بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ!
8 For he will be as a tree planted by the waters, who spreads out its roots by the river, and will not fear when heat comes, but its leaf will be green, and will not be concerned in the year of drought. It will not cease from yielding fruit.
ئۇ سۇلار بويىدا تىكلەنگەن، ئېرىق بويىدا كەڭ يىلتىز تارتقان دەرەخدەك؛ پىژغىرىم ئىسسىقتىن ئۇ قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ھەمىشە يېشىلدۇر؛ قۇرغاقچىلىق يىلى ئۇ سولاشمايدۇ ۋە مېۋە بېرىشتىن قالمايدۇ.
9 The heart is deceitful above all things and it is exceedingly corrupt. Who can know it?
قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر. كىممۇ ئۇنى چۈشىنەلىسۇن؟
10 “I, the LORD, search the mind. I try the heart, even to give every man according to his ways, according to the fruit of his doings.”
مەنكى پەرۋەردىگار ئىنسان قەلبىنى كۆزىتىپ تەكشۈرىمەن؛ ھەربىرسىگە ئۆز يوللىرى بويىچە، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىش ئۈچۈن، ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن.
11 As the partridge that sits on eggs which she has not laid, so is he who gets riches, and not by right. In the middle of his days, they will leave him. At his end, he will be a fool.
خۇددى ئۆزى تۇغمىغان تۇخۇملارنى بېسىۋالغان كەكلىكتەك، ھارامدىن بايلىقلارغا ئېرىشكەن كىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ كۈنلىرىنىڭ يېرىمى ئۆتمەيلا ئېرىشكىنىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇ ئاخىرىدا ئەخمەق بولۇپ چىقىدۇ.
12 A glorious throne, set on high from the beginning, is the place of our sanctuary.
شان-شەرەپلىك بىر تەخت، ئەزەلدىن يۇقىرىغا تىكلەنگەن، دەل بىزنىڭ باشپاناھىمىز بولغان جايدۇر؛
13 LORD, the hope of Israel, all who forsake you will be disappointed. Those who depart from me will be written in the earth, because they have forsaken the LORD, the spring of living waters.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلنىڭ ئۈمىدىسەن! سەندىن ۋاز كەچكەن ھەممەيلەن يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ سەندىن يىراقلاشقانلار تۇپراقتا ياتقانلار ئارىسىدا تىزىملىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۇلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەن.
14 Heal me, O LORD, and I will be healed. Save me, and I will be saved; for you are my praise.
مېنى ساقايتقىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن شۇنىڭ بىلەن جەزمەن ساقايتىلىمەن! مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن! ــ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ مەدھىيەمدۇرسەن!
15 Behold, they ask me, “Where is the LORD’s word? Let it be fulfilled now.”
مانا، ئۇلار ماڭا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-بېشارىتى قېنى؟! قېنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن!» ــ دەيدۇ.
16 As for me, I have not hurried from being a shepherd after you. I have not desired the woeful day. You know. That which came out of my lips was before your face.
لېكىن مەن بولسام، ساڭا ئەگەشكىنىمدە «پادا باققۇچى» بولۇشتىن ھېچ قاچقان ئەمەسمەن، ۋە ئەجەل كۈنىنى ھېچ ئارزۇ قىلمىغانمەن، ــ سەن بىلىسەن! ئاغزىمدىن بارلىق چىققانلار سېنىڭ يۈز ئالدىڭدا بولغان.
17 Do not be a terror to me. You are my refuge in the day of evil.
ماڭا ۋەھىمە بولمىغايسەن؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن.
18 Let them be disappointed who persecute me, but do not let me be disappointed. Let them be dismayed, but do not let me be dismayed. Bring on them the day of evil, and destroy them with double destruction.
ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار يەرگە قاراپ قالسۇن، لېكىن مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن! ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشسۇن، لېكىن مېنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈرمىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت كۈنىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۇلارنى ئىككى ھەسسىلىك ھالاكەت بىلەن ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلىغايسەن!
19 The LORD said this to me: “Go and stand in the gate of the children of the people, through which the kings of Judah come in and by which they go out, and in all the gates of Jerusalem.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ بارغىن، يەھۇدا پادىشاھلىرى شەھەرگە كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان «خەلقنىڭ بالىلىرى» دېگەن دەرۋازىدا، ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىدا تۇرغىن، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ
20 Tell them, ‘Hear the LORD’s word, you kings of Judah, all Judah, and all the inhabitants of Jerusalem, that enter in by these gates:
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىدىغان يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان خالايىق!
21 The LORD says, “Be careful, and bear no burden on the Sabbath day, nor bring it in by the gates of Jerusalem.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز جېنىڭلارغا ھېزى بولۇڭلار! «شابات» كۈنىدە ھېچقانداق يۈكنى كۆتۈرمەڭلار، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئېپكىرمەڭلار؛
22 Do not carry a burden out of your houses on the Sabbath day. Do not do any work, but make the Sabbath day holy, as I commanded your fathers.
شابات كۈنلىرىدە ئۆيلىرىڭلاردىن ھېچ يۈكنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماڭلار، ۋە ھېچقانداق ئەمگەك قىلماڭلار؛ بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بۇيرۇغىنىمدەك، شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈن دەپ قاراڭلار.
23 But they did not listen. They did not turn their ear, but made their neck stiff, that they might not hear, and might not receive instruction.
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئاڭلىماسلىققا ھەم تەربىيىنى قوبۇل قىلماسلىققا بوينىنى قاتتىق قىلغان.
24 It will happen, if you diligently listen to me,” says the LORD, “to bring in no burden through the gates of this city on the Sabbath day, but to make the Sabbath day holy, to do no work therein;
شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر ئاۋازىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەنى شابات كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچ يۈكنى ئېلىپ كىرمىسەڭلار ۋە ھېچ ئەمگەك قىلماسلىق ئارقىلىق شابات كۈنىنى ماڭا پاك-مۇقەددەس بىر كۈن ھېسابلىساڭلار،
25 then there will enter in by the gates of this city kings and princes sitting on David’s throne, riding in chariots and on horses, they and their princes, the men of Judah and the inhabitants of Jerusalem; and this city will remain forever.
بۇ شەھەر دەرۋازىلىرىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرىدىغان پادىشاھلىرى ۋە ئەمىرلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ كىرىدۇ؛ ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ كىرىپ-چىقىشىدۇ؛ بۇ شەھەر مەڭگۈ ئاۋات بولىدۇ.
26 They will come from the cities of Judah, and from the places around Jerusalem, from the land of Benjamin, from the lowland, from the hill country, and from the South, bringing burnt offerings, sacrifices, meal offerings, and frankincense, and bringing sacrifices of thanksgiving to the LORD’s house.
شۇنداق قىلساڭلار، خەلقلەر يەھۇدا شەھەرلىرىدىن، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، بىنيامىننىڭ زېمىنىدىن، [غەربتىكى] «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىن، جەنۇبتىكى [تاغلىقتىن]، يەھۇدادىكى جەنۇبىي باياۋانلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار، «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى»، «ئاشلىق ھەدىيە»لەر ۋە خۇشبۇيلارنى تۇتۇپ، [پەرۋەردىگارغا بولغان] رەھمەتلىرىنى ئېيتىشقا كىرىدىغان بولىدۇ.
27 But if you will not listen to me to make the Sabbath day holy, and not to bear a burden and enter in at the gates of Jerusalem on the Sabbath day, then I will kindle a fire in its gates, and it will devour the palaces of Jerusalem. It will not be quenched.”’”
لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، يەنى شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە پاك-مۇقەددەس ھېسابلىماي، شابات كۈنىدە يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن يۈك كۆتۈرۈپ كىرسەڭلار، ئەمدى مەن دەرۋازىلارغا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئوردىلارنى يەۋېتىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ.

< Jeremiah 17 >