< 1 Samuel 20 >

1 David fled from Naioth in Ramah, and came and said to Jonathan, “What have I done? What is my iniquity? What is my sin before your father, that he seeks my life?”
داۋۇت راماھدىكى نايوتتىن قېچىپ يوناتاننىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ مەن نېمە قىلىپتىمەن؟ نېمە قەبىھلىك قىلىپتىمەن؟ ئاتاڭ ئالدىدا نېمە گۇناھ قىلىپتىمەن، ئۇ مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ؟ ــ دېدى.
2 He said to him, “Far from it; you will not die. Behold, my father does nothing either great or small, but that he discloses it to me. Why would my father hide this thing from me? It is not so.”
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ يوقسۇ، بۇنداق ئىش نېرى بولسۇن! سەن ئۆلمەيسەن. چوڭ ئىش بولسۇن، كىچىك ئىش بولسۇن ئاتام ماڭا دېمەي قويمايدۇ. نېمىشقا ئاتام بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرىدىكىنە؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، دېدى.
3 David swore moreover, and said, “Your father knows well that I have found favor in your eyes; and he says, ‘Do not let Jonathan know this, lest he be grieved;’ but truly as the LORD lives, and as your soul lives, there is but a step between me and death.”
لېكىن داۋۇت يەنە قەسەم قىلىپ: ــ ئاتاڭ سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمنى جەزمەن بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە: ــ يوناتان بۇنى بىلىپ قالمىسۇن؛ بولمىسا ئۇنىڭغا ئازار بولىدۇ، دېگەندۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىڭ ۋە ھاياتىڭ بىلەن ئالدىڭدا قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا ئۆلۈمنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەملا قالدى، دېدى.
4 Then Jonathan said to David, “Whatever your soul desires, I will even do it for you.”
يوناتان داۋۇتقا: ــ كۆڭلۈڭ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلاي، دېدى.
5 David said to Jonathan, “Behold, tomorrow is the new moon, and I should not fail to dine with the king; but let me go, that I may hide myself in the field to the third day at evening.
داۋۇت يوناتانغا مۇنداق دېدى: ــ مانا ئەتە «يېڭى ئاي» بولىدۇ؛ مەن ئادەتتىكىدەك پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولمىسام بولمايدۇ. لېكىن مېنى قويۇپ بەرگىن، مەن ئۈچىنچى كۈنى ئاخشىمىغىچە دالادا مۆكۈنۈۋالاي.
6 If your father misses me at all, then say, ‘David earnestly asked leave of me that he might run to Bethlehem, his city; for it is the yearly sacrifice there for all the family.’
ئاتاڭ مېنىڭ سورۇندا يوقلۇقىمنى كۆرۈپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا: «داۋۇت مەندىن ئۆز شەھىرى بەيت-لەھەمگە تېزراق بېرىپ كېلىشكە جىددىي رۇخسەت سورىدى، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتكۈل ئائىلىسى ئۈچۈن بىر يىللىق قۇربانلىق ئۆتكۈزىدىكەن»، دېگىن، دېدى.
7 If he says, ‘It is well,’ your servant shall have peace; but if he is angry, then know that evil is determined by him.
ئەگەر ئۇ: ــ ئوبدان بوپتۇ، دېسە، قۇلۇڭ تىنچ-ئامان بولىدۇ: ــ لېكىن ئۇ ئاچچىقلانسا، ئۇنىڭ ماڭا يامانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلمىغىن.
8 Therefore deal kindly with your servant, for you have brought your servant into a covenant of the LORD with you; but if there is iniquity in me, kill me yourself, for why should you bring me to your father?”
سەن قۇلۇڭغا ئىلتىپات كۆرسەتكىن؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قۇلۇڭنى ئەھدىلەشتۈرگەنسەن. لېكىن ئەگەر مەندە بىر يامانلىق بولسا سەن ئۆزۈڭلا مېنى ئۆلتۈرگىن؛ مېنى ئېلىپ بېرىپ ئاتاڭغا تاپشۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ــ دېدى.
9 Jonathan said, “Far be it from you; for if I should at all know that evil were determined by my father to come on you, then would not I tell you that?”
يوناتان: ــ ئۇنداق خىيال سەندىن نېرى بولسۇن! ئەگەر ئاتامنىڭ ساڭا يامانلىق قىلىدىغان نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ قالسام، ساڭا دەيتتىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.
10 Then David said to Jonathan, “Who will tell me if your father answers you roughly?”
داۋۇت يوناتانغا: ــ ئەگەر ئاتاڭ ساڭا قاتتىق گەپ بىلەن جاۋاب بەرسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ ــ دېدى.
11 Jonathan said to David, “Come! Let’s go out into the field.” They both went out into the field.
يوناتان داۋۇتقا: ــ كەلگىن، دالاغا چىقايلى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى دالاغا چىقتى.
12 Jonathan said to David, “By the LORD, the God of Israel, when I have sounded out my father about this time tomorrow, or the third day, behold, if there is good toward David, will not I then send to you and disclose it to you?
يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [گۇۋاھكى]، مەن ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نىيىتىنى بىلىپ، ساڭا ئىلتىپاتلىق بولسا، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ساڭا مەلۇم قىلمامدىم؟
13 The LORD do so to Jonathan and more also, should it please my father to do you evil, if I do not disclose it to you and send you away, that you may go in peace. May the LORD be with you as he has been with my father.
ئەگەر ئاتام ساڭا يامانلىق قىلماقچى بولسا، مەن سېنى تىنچ-ئامان يولغا سېلىش ئۈچۈن ساڭا ئادەم ئەۋەتىپ خەۋەر بەرمىسەم، پەرۋەردىگار ماڭا سېنىڭ بېشىڭغا چۈشكەندىنمۇ ئارتۇق چۈشۈرسۇن؛ ئەمدى پەرۋەردىگار ئاتام بىلەن بىللە بولغاندەك سېنىڭ بىلەن بىللە بولسۇن.
14 You shall not only show me the loving kindness of the LORD while I still live, that I not die;
ھاياتلا بولسام مېنى ئۆلمىسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن.
15 but you shall also not cut off your kindness from my house forever, no, not when the LORD has cut off every one of the enemies of David from the surface of the earth.”
مەن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆيدىكىلىرىمدىن ھەم ھېچ ۋاقىت مېھرىبانلىقىڭنى ئۈزمىگەيسەن؛ پەرۋەردىگار سەن داۋۇتنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى يەر يۈزىدىن يوقاتقاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغايسەن».
16 So Jonathan made a covenant with David’s house, saying, “The LORD will require it at the hand of David’s enemies.”
شۇنىڭ بىلەن يوناتان داۋۇتنىڭ جەمەتى بىلەن ئەھدە قىلىشىپ: ــ پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېساب ئالسۇن، دېدى.
17 Jonathan caused David to swear again, for the love that he had to him; for he loved him as he loved his own soul.
ئاندىن يوناتان يەنە ئۆزىنىڭ داۋۇتقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن ئۇنىڭغا قەسەم قىلدۇردى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى.
18 Then Jonathan said to him, “Tomorrow is the new moon, and you will be missed, because your seat will be empty.
يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: ــ ئەتە يېڭى ئاي بولىدۇ. مانا سېنىڭ ئورنۇڭ بوش قالىدۇ، كىشىلەر سېنىڭ يوقلۇقىڭغا دىققەت قىلىدۇ.
19 When you have stayed three days, go down quickly and come to the place where you hid yourself when this started, and remain by the stone Ezel.
ئۈچىنچى كۈنى سەن چۈشۈپ ئالدىنقى قېتىم بۇ ئىشقا يولۇققىنىڭدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغان جايغا بېرىپ «ئېزەل» دېگەن تاشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرغىن.
20 I will shoot three arrows on its side, as though I shot at a mark.
مەن تاشنىڭ يېنىدىكى بىر جايغا خۇددى نىشاننى قارالىغاندەك ئۈچ پاي يا ئوقى ئاتاي.
21 Behold, I will send the boy, saying, ‘Go, find the arrows!’ If I tell the boy, ‘Behold, the arrows are on this side of you. Take them;’ then come, for there is peace to you and no danger, as the LORD lives.
ئاندىن غۇلامنى ماڭدۇرۇپ: ــ «يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن» ــ دەيمەن. ئەگەر مەن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئارقا تەرەپتە تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئېلىپ كەل، دېسەم، سەن چىقىپ يېنىمغا كەلگىن؛ شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئۈچۈن تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ، ھېچ ئىش بولمايدۇ.
22 But if I say this to the boy, ‘Behold, the arrows are beyond you,’ then go your way, for the LORD has sent you away.
لېكىن غۇلامغا: ــ ئەنە، ئوقلار ئالدىڭدا تۇرىدۇ، دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار سېنى كەتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ.
23 Concerning the matter which you and I have spoken of, behold, the LORD is between you and me forever.”
ئەمدىلىكتە مەن بىلەن سەن سۆزلەشكەن ئىش توغرۇلۇق، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمدا گۇۋاھچىدۇر.
24 So David hid himself in the field. When the new moon had come, the king sat himself down to eat food.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت دالادا مۆكۈنۈۋالدى. يېڭى ئاي كەلگەندە، پادىشاھ تائام يېگىلى داستىخاندا ئولتۇردى.
25 The king sat on his seat, as at other times, even on the seat by the wall; and Jonathan stood up, and Abner sat by Saul’s side, but David’s place was empty.
پادىشاھ بولسا بۇرۇنقىدەكلا ئۆز ئورنىدا تامنىڭ يېنىدىكى تۆردە ئولتۇردى. يوناتان ئورنىدىن تۇردى، ئابنەر سائۇلنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى بوش قالدى.
26 Nevertheless Saul did not say anything that day, for he thought, “Something has happened to him. He is not clean. Surely he is not clean.”
ئەمما سائۇل ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. چۈنكى ئۇ: ــ داۋۇتقا بىر ئىش بولدى، ئۇ ناپاك بولۇپ قالدى. ئۇ جەزمەن ناپاك بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى.
27 On the next day after the new moon, the second day, David’s place was empty. Saul said to Jonathan his son, “Why did not the son of Jesse come to eat, either yesterday, or today?”
لېكىن داۋۇتنىڭ ئورنى يېڭى ئاينىڭ ئەتىسىمۇ، يەنى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ بوش ئىدى. سائۇل ئوغلى يوناتاندىن: ــ نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلى ياكى تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈن تاماققا كەلمەيدۇ، دەپ سورىدى.
28 Jonathan answered Saul, “David earnestly asked permission of me to go to Bethlehem.
يوناتان سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت بەيت-لەھەمگە بارغىلى مەندىن جىددىي رۇخسەت سوراپ: ــ
29 He said, ‘Please let me go, for our family has a sacrifice in the city. My brother has commanded me to be there. Now, if I have found favor in your eyes, please let me go away and see my brothers.’ Therefore he has not come to the king’s table.”
مېنىڭ بېرىشىمغا رۇخسەت قىلغىن، ئائىلىمىزنىڭ شەھەردە بىر قۇربانلىق ئىشى بولغاچ ئاكام مېنىڭ بېرىشىمنى ئېيتىپتۇ؛ ئەگەر سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشكە رۇخسەت بەرگىن، دېدى. شۇڭا ئۇ پادىشاھنىڭ داستىخىنىغا كەلمىدى، دېدى.
30 Then Saul’s anger burned against Jonathan, and he said to him, “You son of a perverse rebellious woman, do not I know that you have chosen the son of Jesse to your own shame, and to the shame of your mother’s nakedness?
سائۇلنىڭ يوناتانغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ: ــ ئى بۇزۇق، كاج خوتۇننىڭ ئوغلى، نېمىشقا يەسسەنىڭ ئوغلىنى ئۆزۈڭگە تاللاپ، ئۆزۈڭنى شەرمەندە قىلىپ ۋە ئاناڭنى نومۇسقا قويغىنىڭنى بىلمەمدىمەن؟
31 For as long as the son of Jesse lives on the earth, you will not be established, nor will your kingdom. Therefore now send and bring him to me, for he shall surely die!”
ئەگەر يەسسەنىڭ ئوغلى يەر يۈزىدە تىرىك بولسىلا، سەن ھەم سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ مۇستەھكەم بولمايدۇ. شۇڭا ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمگە مەھكەمدۇر! ــ دېدى.
32 Jonathan answered Saul his father, and said to him, “Why should he be put to death? What has he done?”
يوناتان ئاتىسى سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك؟ ئۇ نېمە قىپتۇ؟ ــ دېدى.
33 Saul cast his spear at him to strike him. By this Jonathan knew that his father was determined to put David to death.
ئاندىن سائۇل يوناتانغا سانجىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەيزىنى ئاتتى؛ بۇنىڭ بىلەن يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ يەتتى.
34 So Jonathan arose from the table in fierce anger, and ate no food the second day of the month; for he was grieved for David, because his father had treated him shamefully.
يوناتان بولسا قاتتىق ئاچچىقلاپ داستىخاندىن قوپۇپ كەتتى ۋە يېڭى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى ھېچ تائام يېمىدى. چۈنكى ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى شۇنداق ھاقارەتلىشى ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بولغانىدى.
35 In the morning, Jonathan went out into the field at the time appointed with David, and a little boy with him.
ئەتىسى يوناتان دالاغا چىقىپ داۋۇت بىلەن كېلىشكەن جايغا باردى. ئۇنىڭ بىلەن بىر كىچىك غۇلام بىللە باردى.
36 He said to his boy, “Run, find now the arrows which I shoot.” As the boy ran, he shot an arrow beyond him.
ئۇ غۇلامغا: ــ سەن يۈگۈر، مەن ئاتقان يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن، دېدى. غۇلام يۈگۈردى، ئۇ بىر ئوقنى ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاتتى.
37 When the boy had come to the place of the arrow which Jonathan had shot, Jonathan cried after the boy, and said, “Is not the arrow beyond you?”
غۇلام يوناتان ئاتقان ئوق چۈشكەن جايغا كەلگەندە يوناتان غۇلامنى چاقىرىپ: ــ ئوق سېنىڭ ئالدى تەرىپىڭدە تۇرمامدۇ؟ ــ دېدى.
38 Jonathan cried after the boy, “Go fast! Hurry! Do not delay!” Jonathan’s boy gathered up the arrows, and came to his master.
ئاندىن يوناتان غۇلامنى يەنە چاقىرىپ: ــ بول، ئىتتىك بول، ھايال بولمىغىن! ــ دېدى. يوناتاننىڭ غۇلامى يا ئوقىنى يىغىپ غوجىسىغا ئېلىپ كەلدى.
39 But the boy did not know anything. Only Jonathan and David knew the matter.
لېكىن غۇلامنىڭ بولغان ئىشتىن خەۋىرى ئۇق ئىدى. بۇنى يالغۇز يوناتان بىلەن داۋۇتلا بىلەتتى.
40 Jonathan gave his weapons to his boy, and said to him, “Go, carry them to the city.”
ئاندىن يوناتان غۇلامىغا ياراغلىرىنى بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كەتكىن، دېدى.
41 As soon as the boy was gone, David arose out of the south, and fell on his face to the ground, and bowed himself three times. They kissed one another and wept with one another, and David wept the most.
غۇلام كەتكەندىن كېيىن داۋۇت [تاشنىڭ] جەنۇب تەرىپىدىن چىقىپ يەرگە يىقىلىپ ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئۇلار بىر-بىرىنى سۆيۈشتى، بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلاشتى، بولۇپمۇ داۋۇت قاتتىق يىغلىدى.
42 Jonathan said to David, “Go in peace, because we have both sworn in the LORD’s name, saying, ‘The LORD is between me and you, and between my offspring and your offspring, forever.’” He arose and departed; and Jonathan went into the city.
يوناتان داۋۇتقا: ــ سەپىرىڭ تىنچ-ئامان بولسۇن؛ چۈنكى بىز ئىككىمىز: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرۇڭدا ۋە مېنىڭ نەسلىم بىلەن سېنىڭ نەسلىڭ ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈگە گۇۋاھ بولسۇن، دەپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەن، دېدى. داۋۇت ئورنىدىن قوپۇپ ماڭدى، يوناتانمۇ شەھەرگە كىرىپ كەتتى.

< 1 Samuel 20 >