< Zaharija 4 >

1 Anđeo koji je govorio sa mnom vrati se tad i probudi me kao čovjeka koji se oda sna budi.
ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە قايتىپ كېلىپ مېنى ئويغىتىۋەتتى. مەن خۇددى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىۋېتىلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم؛
2 “Što vidiš?” - upita. Ja odgovorih: “Vidim, evo, svijećnjak, sav od zlata, s posudom za ulje vrh njega; i sedam je žižaka na svijećnjaku, sa sedam lijevaka za sedam žižaka što su na njemu.
ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «مانا، مەن پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم؛ ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر قاچا، يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن؛
3 Dvije su masline kraj njega, jedna njemu zdesna, druga slijeva.”
ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى زەيتۇن دەرىخى بار، بىرسى ئوڭ تەرەپتە، بىرسى سول تەرەپتە»، دېدىم.
4 Obratih se anđelu koji je govorio sa mnom i upitah ga: “Što je to, gospodaru?”
ئاندىن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئى تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم.
5 Anđeo koji je govorio sa mnom odgovori mi: “Zar ne znaš što je to?” Ja rekoh: “Ne, gospodaru.”
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم.
6 [6a] On mi tad odgovori ovako: [6b]Evo riječi Jahvine Zerubabelu: “Ne silom niti snagom, već duhom mojim!” - riječ je Jahve nad Vojskama.
ئاندىن ئۇ ماڭا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مانا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ زەرۇببابەلگە قىلغان سۆزى: «ئىش كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئەمەس، ئىقتىدار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم ئارقىلىق پۈتىدۇ! ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
7 Što si ti, goro velika? Pred Zreubabelom postaješ ravnica! On će izvući krunišni kamen uz poklike: “Hvala! Hvala za njega!”
ــ ئى بۈيۈك تاغ، سەن زادى كىم؟ زەرۇببابەل ئالدىدا سەن تۈزلەڭلىك بولىسەن؛ ئۇ [ئىبادەتخانىنىڭ] ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ».
8 Dođe mi potom riječ Jahvina:
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
9 Zerubabelove su ruke ovaj Dom utemeljile, njegove će ga ruke završiti. I vi ćete znati da me k vama poslao Jahve nad Vojskama.
«زەرۇببابەلنىڭ قولى مۇشۇ ئۆينىڭ ئۇلىنى سالدى ۋە ئۇنىڭ قوللىرى ئۇنى پۈتتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر.
10 [10a] Jer, tko je prezreo dan skromnih početaka? Radovat će se kad vide olovni visak u ruci Zerubabelovoj. [10b] “Ovih sedam oči su Jahvine što strijeljaju po svoj zemlji.”
كىم ئەمدى مۇشۇ «كىچىك ئىشلار بولغان كۈن»نى كۆزگە ئىلمىسۇن؟ چۈنكى بۇلار شادلىنىدۇ، ــ بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ، ــ زەرۇببابەلنىڭ قولى تۇتقان تىك ئۆلچەم تېشىنى كۆرگەندە شادلىنىدۇ؛ بۇ «[يەتتە]» بولسا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە سەپسېلىپ قاراۋاتقان كۆزلىرىدۇر».
11 Tad progovorih i zapitah ga: “Što su one dvije masline desno i lijevo od svijećnjaka?”
مەن جاۋابەن پەرىشتىدىن: «چىراغداننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغان ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمە؟» دەپ سورىدىم؛
12 Progovorih opet i upitah ga: “Što su one dvije maslinove grančice koje kroz dvije zlatne cijevi dolijevaju ulje?”
ۋە ئىككىنچى قېتىم سوئالنى قويۇپ ئۇنىڭدىن: «ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئالتۇن نەيچە ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى نېمە؟» دەپ سورىدىم.
13 On mi odgovori: “Zar ne znaš što je to?” Odvratih: “Ne, gospodaru!”
ئۇ مەندىن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم.
14 On reče: “To su dva Pomazanika koji stoje pred Gospodarem sve zemlje.”
ئۇ ماڭا: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «زەيتۇن مېيىدا مەسىھ قىلىنغان» ئىككى ئوغۇل بالىدۇر» ــ دېدى.

< Zaharija 4 >