< Matej 3 >

1 U one dane pojavi se Ivan Krstitelj propovijedajući u Judejskoj pustinji:
شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل-باياۋانغا كېلىپ
2 “Obratite se jer približilo se kraljevstvo nebesko!”
كىشىلەرگە: ــ توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى! ــ دەپ جاكارلاشقا باشلىدى.
3 Ovo je uistinu onaj o kom proreče Izaija prorok: Glas viče u pustinji: Pripravite put Gospodinu, poravnite mu staze!
چۈنكى [چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا] بولسا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتىدە كۆرسەتكەن كىشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ: ــ «باياۋاندا توۋلايدىغان بىر كىشىنىڭ: رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ».
4 Ivan je imao odjeću od devine dlake i kožnat pojas oko bokova; hranom mu bijahu skakavci i divlji med.
يەھيا [پەيغەمبەر] تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى بولسا چېكەتكىلەر بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.
5 Grnuo k njemu Jeruzalem, sva Judeja i sva okolica jordanska.
ئەمدى يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ،
6 Primali su od njega krštenje u rijeci Jordanu ispovijedajući svoje grijehe.
گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.
7 Kad ugleda mnoge farizeje i saduceje gdje mu dolaze na krštenje, reče im: “Leglo gujinje! Tko li vas je samo upozorio da bježite od skore srdžbe?
لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئەي يىلانلارنىڭ بالىلىرى! كىم سىلەرنى [خۇدانىڭ] چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!
8 Donosite dakle plod dostojan obraćenja.
ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار!
9 I ne usudite se govoriti u sebi: 'Imamo oca Abrahama!' Jer, kažem vam, Bog iz ovoga kamenja može podići djecu Abrahamovu.
ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ.
10 Već je sjekira položena na korijen stablima. Svako dakle stablo koje ne donosi dobroga roda, siječe se i u oganj baca.”
پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقايسى دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
11 “Ja vas, istina, krstim vodom na obraćenje, ali onaj koji za mnom dolazi jači je od mene. Ja nisam dostojan obuće mu nositi. On će vas krstiti Duhom Svetim i ognjem.
مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
12 U ruci mu vijača, pročistit će svoje gumno i skupiti žito u svoju žitnicu, a pljevu spaliti ognjem neugasivim.”
ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى [توپا-ساماندىن] تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.
13 Tada dođe Isus iz Galileje na Jordan Ivanu da ga on krsti.
شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
14 Ivan ga odvraćaše: “Ti mene treba da krstiš, a ti da k meni dolaziš?”
بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ: ــ ئەسلى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى مەن سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى، بىراق سەن مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟ ــ دېدى.
15 Ali mu Isus odgovori: “Pusti sada! Ta dolikuje nam da tako ispunimo svu pravednost!” Tada mu popusti.
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق [تەلەپلىرىنى] ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى.
16 Odmah nakon krštenja izađe Isus iz vode. I gle! Otvoriše se nebesa i ugleda Duha Božjega gdje silazi kao golub i spušta se na nj.
ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
17 I eto glasa s neba: “Ovo je Sin moj, Ljubljeni! U njemu mi sva milina!”
ۋە مانا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز: ــ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن تولۇق خۇرسەنمەن!» ــ دەپ ئاڭلاندى.

< Matej 3 >