< Daniel 1 >

1 Treće godine kraljevanja Jojakima, kralja Judeje, dođe Nabukodonozor, kralj Babilona, na Jeruzalem te ga opsjede.
يەھۇدا پادىشاھى يەھوياكىم تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى مۇھاسىرە قىلىۋالدى.
2 Gospodin mu dade u ruke Jojakima, kralja judejskog, i dio predmeta iz Doma Božjega; on ih dopremi u zemlju Šinear i pohrani predmete u riznici svojih bogova.
رەب يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھۇياكىمنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ئەسىرلەرنى شىنار زېمىنىغا، ئۆزى چوقۇنىدىغان مەبۇدنىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ باردى ۋە بۇلاپ كەلگەن قاچا-قۇچىلارنى بۇتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويدى.
3 Kralj naredi Ašfenazu, starješini svojih dvorjanika, da dovede od Izraelaca nekoliko dječaka kraljevskoga ili velikaškog roda:
پادىشاھ نېبوقادنەسار باش ئاغۋات غوجىدارى ئاشپىنازغا ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىللار ئىچىدىن خان جەمەتىدىكىلەردىن ۋە ئېسىلزادە يىگىتلەردىن بىرنەچچىدىن تاللاپ ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى.
4 neka budu bez nedostatka, lijepi, vrsni u svakoj mudrosti, dobro poučeni i bistri, prikladni da stoje na kraljevu dvoru; Ašfenaz neka ih nauči pismu i jeziku Kaldejaca.
بۇ ياشلار نۇقسانسىز، كېلىشكەن، دانىشمەن-ئۇقۇمۇشلۇق، مول بىلىملىك، مۇتەپەككۇر، ئوردا خىزمىتىدە بولۇشقا لاياقەتلىك، يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى.
5 Kralj im odredi dnevni obrok od kraljevskih jela i od vina sa svoga stola. Neka se odgajaju tri godine, a poslije toga imali bi stajati pred kraljem.
پادىشاھ ئۇلار توغرىسىدا ئۇلار ئۈچ يىلغىچە ھەر كۈنى پادىشاھ يەيدىغان نازۇ-نېمەتلەر ۋە شارابلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلسۇن، مۇددەت توشقاندا پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولسۇن دەپ بېكىتتى.
6 Među njima bijahu Judejci: Daniel, Hananija, Mišael i Azarja.
تاللانغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكى ياشلاردىن دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالار بار ئىدى.
7 Dvorjanički starješina nadjene im imena: Daniel će se zvati Baltazar, Hananija Šadrak, Mišael Mešak, Azarja Abed Nego.
ئاغۋات بېشى ئۇلارغا يېڭى ئىسىملار، يەنى دانىيالغا بەلتەشاسار، ھانانىياغا شادراك، مىشائېلغا مىشاك، ئازارىياغا ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويدى.
8 Daniel je u srcu odlučio da se neće okaljati kraljevim jelima i vinom s njegova stola, pa zamoli dvorjaničkog starješinu da ga poštedi te se ne okalja.
دانىيال پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەر ۋە شاھانە شارابلىرى بىلەن ئۆزىنى [خۇدا ئالدىدا] ناپاك قىلماسلىققا بەل باغلىدى؛ شۇڭا ئۇ ئاغۋات بېشىدىن ئۆزىنىڭ ناپاك قىلىنماسلىقىغا يول قويۇشىنى ئىلتىماس قىلدى.
9 Bog dade Danielu te nađe dobrohotnost i smilovanje u dvorjaničkog starješine.
ئەمدى خۇدا ئاغۋات بېشىنى دانىيالغا ئىلتىپات ۋە شاپائەت كۆرسىتىدىغان قىلغانىدى.
10 Starješina reče Danielu: “Bojim se svoga gospodara kralja; on vam je odredio jelo i pilo, pa ako vidi da su vam lica mršavija nego u drugih dječaka vaše dobi, ja ću zbog vas biti kriv pred kraljem.”
لېكىن ئاغۋات بېشى دانىيالغا: ــ مەن ئۆز غوجام پادىشاھتىن قورقىمەن. سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن؛ ئۇ ئەگەر سىلەرنى باشقا قۇرداش يىگىتلەردەك ساغلام چىراي ئەمەس ئىكەن دەپ قارىسا، ئۇنداقتا سىلەر پادىشاھقا مېنىڭ كاللامنى ئالدۇرغۇچى بولىسىلەر، ــ دېدى.
11 Tada reče Daniel čuvaru koga bijaše dvorjanički starješina odredio Danielu, Hananiji, Mišaelu i Azarji:
شۇنىڭ بىلەن دانىيال كېلىپ ئاغۋات بېشى ئۆزىگە ۋە ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا تەيىنلىگەن غوجىداردىن تەلەپ قىلىپ:
12 “Molim te, pokušaj sa svojim slugama deset dana: neka nam se daje povrće za jelo i voda za pilo.
ــ كەمىنىلىرىنى ئۇماچ، كۆكتات ۋە سۇ بىلەنلا بېقىپ ئون كۈنلۈك سىناق قىلسىلا.
13 Vidjet ćeš onda kakvi ćemo biti mi a kakvi dječaci koji jedu od kraljevih jela, pa učini sa svojim slugama po onome što budeš vidio.”
ئاندىن بىزنىڭ چىرايىمىز بىلەن پادىشاھنىڭ ئېسىل تامىقىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭ چىرايىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىلا، ئاندىن كۆزىتىشلىرى بويىچە كەمىنىلىرىگە ئىش كۆرگەيلا! ــ دېدى.
14 On pristade i stavi ih na kušnju deset dana.
غوجىدار ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ كۆرۈشكە ماقۇل بولدى.
15 A nakon deset dana oni bijahu ljepši i ugojeniji nego svi dječaci koji jeđahu od kraljevih jela.
ئون كۈندىن كېيىن قارىسا، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى پادىشاھنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەن يىگىتلەرنىڭكىدىنمۇ نۇرلۇق ۋە تولغان كۆرۈندى.
16 Od tada čuvar dokinu njihova jela i obrok vina što su imali piti te im davaše povrća.
شۇنىڭدىن كېيىن غوجىدار ئۇلارغا پادىشاھ بەلگىلىگەن نازۇ-نېمەتلەرنى ۋە ئىچىشكە بەلگىلىگەن شارابنى بەرمەي، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئۇماچ، كۆكتاتلارنى بېرىشكە باشلىدى.
17 Ovoj četvorici dječaka dade Bog znanje i razumijevanje svih knjiga i mudrosti. Daniel razumijevaše viđenja i sne.
بۇ تۆت يىگىتنى بولسا، خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-مەرىپەتتە دانىشمەن ۋە ئۇقۇمۇشلۇق قىلدى. دانىيالمۇ بارلىق غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن چۈشلەرگە تەبىر بېرىشكە پاراسەتلىك بولدى.
18 Pošto se navršilo vrijeme određeno od kralja da mu ih dovedu, dvorjanički starješina uvede ih pred Nabukodonozora.
پادىشاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقىنىدا، ئاغۋات بېشى يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.
19 Kralj razgovaraše s njima i među svima ne nađe se nijedan kao Daniel, Hananija, Mišael i Azarja. I tako oni ostadoše pred kraljem.
پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ سۆزلەشتى؛ ياش يىگىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا يەتمىدى. شۇڭا بۇ تۆتەيلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە قالدى.
20 I u svemu mudrom i umnom o čemu ih ispitivaše kralj nađe da su deset puta vrsniji od svih čarobnika i gatalaca što ih bijaše u svem njegovu kraljevstvu.
پادىشاھقا دانالىق-ھېكمەت كېرەك بولغاندا ياكى يورۇتۇش كېرەك بولغان ھەرقانداق مەسىلىگە جاۋاب ئىزدىگەندە، ئۇلارنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ سەلتەنىتىدىكى بارلىق رەمچى-پالچى ياكى پىر-ئۇستازلىرىنىڭكىدىن ئون ھەسسە توغرا چىقاتتى.
21 Daniel ostade ondje do prve godine kralja Kira.
دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى.

< Daniel 1 >