< 民數記 20 >

1 正月間,以色列全會眾到了尋的曠野,就住在加低斯。米利暗死在那裏,就葬在那裏。
بىرىنچى ئاينىڭ ئىچىدە ئىسرائ‍ىللار، يەنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى زىن چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، قادەشتە تۇرۇپ قالدى؛ مەريەم شۇ يەردە ۋاپات بولدى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى.
2 會眾沒有水喝,就聚集攻擊摩西、亞倫。
جامائەتكە ئىچىدىغانغا سۇ يوق ئىدى، ئۇلار يىغىلىپ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى تۇردى.
3 百姓向摩西爭鬧說:「我們的弟兄曾死在耶和華面前,我們恨不得與他們同死。
خەلق مۇسا بىلەن تەگىشىپ: —قېرىنداشلىرىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن چاغدا بىزمۇ بىللە ئۆلسەك بوپتىكەن!
4 你們為何把耶和華的會眾領到這曠野、使我們和牲畜都死在這裏呢?
سىلەر نېمە ئۈچۈن بىز ۋە چارپايلىرىمىزنى بۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنى بۇ چۆل-جەزىرىگە باشلاپ كەلدىڭلار؟
5 你們為何逼着我們出埃及、領我們到這壞地方呢?這地方不好撒種,也沒有無花果樹、葡萄樹、石榴樹,又沒有水喝。」
سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ بۇنداق دەھشەتلىك يەرگە ئەكەلدىڭلار؟ بۇ يەردە يا تېرىقچىلىق قىلغىلى يەر بولمىسا، يا ئەنجۈر، ئۈزۈم، ئانار بولمىسا، ئىچىدىغانغا سۇمۇ بولمىسا، — دېيىشتى.
6 摩西、亞倫離開會眾,到會幕門口,俯伏在地;耶和華的榮光向他們顯現。
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ دۈم يىقىلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئۇ ئىككىسىگە ئايان بولدى.
7 耶和華曉諭摩西說:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
8 「你拿着杖去,和你的哥哥亞倫招聚會眾,在他們眼前吩咐磐石發出水來,水就從磐石流出,給會眾和他們的牲畜喝。」
ھاسىنى قولۇڭغا ئال، ئاندىن سەن ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا قورام تاشقا بۇيرۇق قىل؛ شۇنداق قىلساڭ قورام تاش ئۆز سۈيىنى چىقىرىدۇ؛ شۇ يول بىلەن سەن ئۇلارغا سۇ چىقىرىپ، جامائەت ۋە چارپايلىرى ئىچىدىغانغا سۇ بېرىسەن.
9 於是摩西照耶和華所吩咐的,從耶和華面前取了杖去。
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھاسىنى ئالدى.
10 摩西、亞倫就招聚會眾到磐石前。摩西說:「你們這些背叛的人聽我說:我為你們使水從這磐石中流出來嗎?」
مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىسى جامائەتنى قورام تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى ۋە مۇسا ئۇلارغا: — گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئاسىيلار! بىز سىلەرگە بۇ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرەيلىمۇ؟! — دېدى.
11 摩西舉手,用杖擊打磐石兩下,就有許多水流出來,會眾和他們的牲畜都喝了。
ئاندىن مۇسا ھاسىسى بىلەن قورام تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، ناھايىتى كۆپ سۇ ئېقىپ چىقتى، سۇدىن جامائەتمۇ، چارپايلارمۇ ئىچىشتى.
12 耶和華對摩西、亞倫說:「因為你們不信我,不在以色列人眼前尊我為聖,所以你們必不得領這會眾進我所賜給他們的地去。」
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: — سىلەر ماڭا ئىشەنمەي، ئىسرائ‍ىللار ئالدىدا مېنى مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىگىنىڭلار ئۈچۈن، ئىككىڭلارنىڭ بۇ جامائەتنى مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا باشلاپ كىرىشىڭلارغا يول قويمايمەن، — دېدى.
13 這水名叫米利巴水,是因以色列人向耶和華爭鬧,耶和華就在他們面前顯為聖。
سۇ چىقىرىلغان جاي «مەرىباھ سۇلىرى» دەپ ئاتالغان؛ ئىسرائ‍ىللار شۇ يەردە پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
14 摩西從加低斯差遣使者去見以東王,說:「你的弟兄以色列人這樣說:『我們所遭遇的一切艱難,
مۇسا قادەشتىن ئېدوم پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «قېرىنداشلىرى ئىسرائىل مۇنداق دەيدۇ: — بىز تارتىۋاتقان جەبر-جاپالارنىڭ قانداقلىقى ئۆزلىرىگە مەلۇم،
15 就是我們的列祖下到埃及,我們在埃及久住;埃及人惡待我們的列祖和我們,
بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا چۈشكەن بولۇپ، بىز مىسىردا ئۇزاق زامان تۇرۇپ كەتتۇق؛ مىسىرلىقلار بىزگىمۇ، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يامان مۇئامىلە قىلدى؛
16 我們哀求耶和華的時候,他聽了我們的聲音,差遣使者把我們從埃及領出來。這事你都知道。如今,我們在你邊界上的城加低斯。
بىز پەرۋەردىگارغا يېلىنىۋېدۇق، ئۇ بىزنىڭ زارىمىزغا قۇلاق سېلىپ، پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر مانا، بىز ئۆزلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان قادەش دېگەن بىر شەھەردە تۇرۇۋاتىمىز.
17 求你容我們從你的地經過。我們不走田間和葡萄園,也不喝井裏的水,只走大道,不偏左右,直到過了你的境界。』」
ئەمدى بىزنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلغان بولسىلا، بىز ئېتىز-ئېرىق ۋە ئۈزۈمزارلىقلاردىن ئۆتمەيمىز، قۇدۇقلىرىڭلادىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ «خان يولى» بىلەن مېڭىپ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە ئوڭ-سولغا بۇرۇلمايمىز» — دېدى.
18 以東王說:「你不可從我的地經過,免得我帶刀出去攻擊你。」
لېكىن ئېدوملار ئۇنىڭغا: «سىلەرنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ئۆتۈشۈڭلەرگە بولمايدۇ، ئۆتىمەن دېسەڭلار قىلىچ كۆتۈرۈپ سىلەرگە جەڭگە چىقىمىز» — دېدى.
19 以色列人說:「我們要走大道上去;我們和牲畜若喝你的水,必給你價值。不求別的,只求你容我們步行過去。」
ئىسرائ‍ىللار ئۇنىڭغا: «بىز «كۆتۈرۈلگەن يول» بىلەن ماڭىمىز، ئۆزىمىز ۋە ماللىرىمىز سۈيۈڭلارنى ئىچسەك، نەرخى بويىچە ھەققىنى بېرىمىز؛ بىز پەقەت پىيادە ئۆتۈپ كېتىمىز، باشقا ھېچ تەلىپىمىز يوق» دېۋىدى،
20 以東王說:「你們不可經過!」就率領許多人出來,要用強硬的手攻擊以色列人。
ئېدوم پادىشاھى: «ياق. ئۆتمەيسىلەر!» دېدى. ئېدوم [پادىشاھى] ناھايىتى كۆپ ئادىمىنى باشلاپ چىقىپ ئىسرائ‍ىللارغا زور ھەيۋە كۆرسەتتى.
21 這樣,以東王不肯容以色列人從他的境界過去。於是他們轉去,離開他。
شۇنداق قىلىپ ئېدوملار ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە ئەنە شۇ يوسۇندا يول قويمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار ئېدوملارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ كەتتى.
22 以色列全會眾從加低斯起行,到了何珥山。
ئۇلار قادەشتىن يولغا چىقتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ھور تېغىغا كەلدى.
23 耶和華在附近以東邊界的何珥山上曉諭摩西、亞倫說:
پەرۋەردىگار ئېدومنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
24 「亞倫要歸到他列祖那裏。他必不得入我所賜給以色列人的地;因為在米利巴水,你們違背了我的命。
ھارۇن ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئىككىڭلار مەرىباھ سۇلىرى دېگەن جايدا مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن ئىسرائ‍ىللارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە بولمايدۇ.
25 你帶亞倫和他的兒子以利亞撒上何珥山,
سەن ھارۇن بىلەن ئوغلى ئەلىئازارنى ئېلىپ ھور تېغىغا چىققىن؛
26 把亞倫的聖衣脫下來,給他的兒子以利亞撒穿上;亞倫必死在那裏,歸他列祖。」
ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئوغلى ئەلىئازارغا كىيدۈرۈپ قوي؛ ھارۇن شۇ يەردە ئۆلۈپ، ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلىدۇ.
27 摩西就照耶和華所吩咐的行。三人當着會眾的眼前上了何珥山。
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ئۈچەيلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى.
28 摩西把亞倫的聖衣脫下來,給他的兒子以利亞撒穿上,亞倫就死在山頂那裏。於是摩西和以利亞撒下了山。
مۇسا ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا كىيدۈرۈپ قويدى؛ ھارۇن تاغنىڭ چوققىسىدا ئۆلدى. ئاندىن مۇسا بىلەن ئەلىئازار تاغدىن چۈشۈپ كەلدى.
29 全會眾,就是以色列全家,見亞倫已經死了,便都為亞倫哀哭了三十天。
پۈتكۈل جامائەت ھارۇننىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتى ھارۇن ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ماتەم تۇتتى.

< 民數記 20 >