< 利未記 24 >

1 耶和華曉諭摩西說:
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 「要吩咐以色列人,把那為點燈搗成的清橄欖油拿來給你,使燈常常點着。
ئىسرائىللارغا چىراغ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى ساڭا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغىن.
3 在會幕中法櫃的幔子外,亞倫從晚上到早晨必在耶和華面前經理這燈。這要作你們世世代代永遠的定例。
ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ سىرتىدا ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنى شۇنداق پەرلەپ تۇرسۇن. بۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
4 他要在耶和華面前常收拾精金燈臺上的燈。」
ھارۇن ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ چىراغلارنى پاك چىراغداننىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويسۇن.
5 「你要取細麵,烤成十二個餅,每餅用麵伊法十分之二。
سەن يەنە ئېسىل بۇغداي ئۇنىدىن ئون ئىككى توقاچنى ئەتكىن. ھەربىر توقاچ بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىگە باراۋەر بولسۇن.
6 要把餅擺列兩行,每行六個,在耶和華面前精金的桌子上;
ئاندىن سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پاك شىرەنىڭ ئۈستىگە ئالتىدىن ئىككى قاتار قىلىپ تىزغىن.
7 又要把淨乳香放在每行餅上,作為紀念,就是作為火祭獻給耶和華。
ھەربىر قاتارنىڭ ئۈستىگە ساپ مەستىكى قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە، ئەسلەتمە نان بولىدۇ.
8 每安息日要常擺在耶和華面前;這為以色列人作永遠的約。
بۇلارنى ئۇ ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر شابات كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىزسۇن؛ بۇ ئەبەدىي بىر ئەھدىدۇر.
9 這餅是要給亞倫和他子孫的;他們要在聖處吃,為永遠的定例,因為在獻給耶和華的火祭中是至聖的。」
نانلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنى مۇقەددەس جايدا يېسۇن؛ چۈنكى بۇ نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان نەرسىلەر ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» دەپ سانىلىپ، ھارۇنغا تەۋە بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر.
10 有一個以色列婦人的兒子,他父親是埃及人,一日閒遊在以色列人中。這以色列婦人的兒子和一個以色列人在營裏爭鬥。
ئانىسى ئىسرائىلىي، ئاتىسى مىسىرلىق بىر ئوغۇل بار ئىدى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا باردى؛ ئۇ چېدىرگاھتا بىر ئىسرائىلىي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى.
11 這以色列婦人的兒子褻瀆了聖名,並且咒詛,就有人把他送到摩西那裏。(他母親名叫示羅密,是但支派底伯利的女兒。)
ئۇلار سوقۇشقاندا ئىسرائىلىي ئايالنىڭ ئوغلى كۇپۇرلۇق قىلىپ، [مۇقەددەس] نامنى بۇلغاپ قارغىدى. خەلق ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇ كىشىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شېلومىت بولۇپ، ئۇ دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى.
12 他們把那人收在監裏,要得耶和華所指示的話。
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم بۇيرۇقى چىققۇچە ئۇ كىشىنى سولاپ قويدى.
13 耶和華曉諭摩西說:
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
14 「把那咒詛聖名的人帶到營外。叫聽見的人都放手在他頭上;全會眾就要用石頭打死他。
قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىڭلار. ئۇنىڭ ئېيتقىنىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن پۈتكۈل جامائەت بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن.
15 你要曉諭以色列人說:凡咒詛上帝的,必擔當他的罪。
ھەمدە سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىركىم ئۆز خۇداسىنى ھاقارەتلەپ قارغىسا ئۆز گۇناھىنى تارتىدۇ.
16 那褻瀆耶和華名的,必被治死;全會眾總要用石頭打死他。不管是寄居的是本地人,他褻瀆耶和華名的時候,必被治死。
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا كۇپۇرلۇق قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ پۈتكۈل جامائەت چوقۇم بىر بولۇپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ مەيلى ئۇ مۇساپىر بولسۇن ياكى يەرلىك بولسۇن، [مۇقەددەس] نامغا كۇپۇرلۇق قىلسا ئۆلتۈرۈلسۇن.
17 打死人的,必被治死;
ئەگەر بىرسى باشقا بىرسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.
18 打死牲畜的,必賠上牲畜,以命償命。
بىرسى بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋاننى تۆلەپ، جانغا-جان تۆلەپ بەرسۇن.
19 人若使他鄰舍的身體有殘疾,他怎樣行,也要照樣向他行:
بىركىم ئۆز قوشنىسىنى مېيىپ قىلسا، ئۇ ئۆزگىگە قانداق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنداق قىلىنسۇن.
20 以傷還傷,以眼還眼,以牙還牙。他怎樣叫人的身體有殘疾,也要照樣向他行。
بىرەر ئەزاسى سۇندۇرۇۋېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭمۇ سۇندۇرۇلسۇن؛ كۆزىگە-كۆز، چىشىغا-چىش ناكار قىلىنسۇن؛ باشقا كىشىنى قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا ئۇمۇ ھەم شۇنداق قىلىنسۇن.
21 打死牲畜的,必賠上牲畜;打死人的,必被治死。
كىمدەكىم بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، چارپاي تۆلەپ بەرسۇن؛ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشى بولسا، ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنسۇن.
22 不管是寄居的是本地人,同歸一例。我是耶和華-你們的上帝。」
سىلەردە بىرلا قانۇن بولسۇن. مۇساپىر ياكى يەرلىك بولسۇن، باراۋەر مۇئامىلە قىلىنسۇن؛ چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
23 於是,摩西曉諭以色列人,他們就把那咒詛聖名的人帶到營外,用石頭打死。以色列人就照耶和華所吩咐摩西的行了。
مۇسا ئىسرائىللارغا شۇلارنى دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلدى.

< 利未記 24 >